يۇلغۇن دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. يۇلغۇن (ئۆسۈملۈك)
  2. يۇلغۇن (خام دورا)
ئۆسۈملۈك

يۇلغۇن ئۆسۈملۈكنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ،ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئىنچىكە ئۇزۇنچاق ھالەتتە بولۇپ جوڭيى دورىللىرىنىڭ مۇھىم ماتىريالى، جوڭگۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تېپىلىدۇ، شاخلىرى ئىنچىكە، شەكلى بىر خىل ئۆسكىلەڭ ھالەتتە چېچەكلىگەندە قىزىل ھالەتتە بولۇپ ئىنتايىن گۈزەل بىر تۈسكە كىرىدۇ ،يۇلغۇننڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ، زۇكام، يۆتەل، رىماتىزىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يېزىلاردا بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئائىلىلەردە ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇن ئورنىدا ئىشلەتكەن ،قولى چىۋەر خەلقىمىز يەنە يۇلغۇننىڭ ئىنچىكە شاخلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن نەپىس بولغان سېۋەتلەرنى توقۇپ ئائىلىلەردە ئىشلەتكەن .

ئۇيغۇرچە ئىسمى يۇلغۇن
تارقالغان رايونلار جوڭگۇ،ياپونىيە ،ئامرېكا
سىنىپى قوش پەللىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپىغا تەۋە
ئائىلىسى يۇلغۇن ئائىلىسى
تۈرى يۇلغۇن
خەنزۇچە ئىسمى 柽柳
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈك دۇنياسىغا تەۋە
تۈركۈمى پارىئېتاللار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى يۇلغۇن ئۇرۇقدىشى
ئىگىزلىكى 3 مېتىردىن 6 مېتىرغىچە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇلغۇننىڭ ئىگىزلىكى 3-6 مېتىرغىچە، بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ ئىگىز بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ، ئاساسى غولى تۈز بولىدۇ، رەڭگى سۇس قوڭۇر قىزىل رەڭدە، پارقىراق ھالەتتە بولىدۇ، ئەتراپتىكى كىچىك شاخلىرى بولسا ئىنتايىن زىچ ئىنچىكە ھالەتتە چېچىلىپ ئۆسكەن ھالەتتە بولىدۇ، قىزغۇچ بىنەپشە رەڭ ياكى بىنەپشە قىزىل رەڭدە بولۇپ ،پارقىراق كېلىدۇ، ئۇششاق يۇمران شاخلىرى ئەتراپتا ساڭگىلىشىپ تۇرىدۇ، يوپۇرماقلىرى كۆكۈچ رەڭدە بولىدۇ. ئۈستى قىسمىدىكى يېشىل ئوزۇقلۇق شېخى ئۈستىدىكى يوپۇرمىقى بۇرمىسىمان ھالەتتە، يېرىم چاپلىشىپ ئۆسكەن، ئۇچى ئۇچلۇق ھەم ئەگمەچ، ئاساسى قىسمى تار، ئۇزۇنلىقى 1-3مېللىمېتىرغىچە،  ھەر يىلى ئىككى، ئۈچ قېتىم چېچەكلەيدۇ ، ھەر يىلى ئەتىيازدا چېچەكلەپ ،گۈلى  ئۇششاق شاخ ئۈستىدە بولىدۇ، ئۇزۇنلىقى 3 -6 سانتىمېتغىچە، كەڭلىكى 5 -7 مېللىمېتىرغىچە ، گۈلى چوڭ ھەم  ئاز، شالاڭ ھەم ئىنچىكە،ئاجىز شاخلىرى ساڭگىلايدۇ، ئۇششاق شاخ ھەم تۆۋەنگە قىيسىيىدۇ؛   ئاز ساندىكى ئورىغۇچى يوپۇرماق ساپىقى ئاز ياكى يوق؛  ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرى سىزىقسىمان ئۇزۇن يۇمىلاق ، ياكى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىللىك ، ئۇچلۇق ،شەكلىدە، گۈل ساپىقى ئىنچىكە، گۈل ئاساسى قىسقا ، تار ۋە ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىك ، گۈل بەرگىسى سەل قىسقا ، ھال رەڭ ، ئادەتتە تۇخۇمسىمان ئېللىپىس شەكىللىك ياكى ئېللىپىس شەكىللىك تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك ، شالاڭ تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 2 مېللىمېتىر، ياز ۋە كۈزدە گۈلى ئېچىلىدۇ؛  باشاقسىمان گۈل رېتى ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمېتىردىن بەش سسانتېمېتىرغىچە ،ئىنچىكە ، شۇ يىلى ئۆسكەن يۇمران شاخ ئۇچى، ئۇچىدا ئۆسكەن چوڭ كونۇسسىمان گۈل رېتىنى شەكىللىەدۈرىدۇ ، بوش ئەمما ئادەتتە بىرقەدەر ئەگرى ،ئەتىياز پەسلىدە گۈل بولغان ئورىغۇچى يوپۇرماق تار ئىنچىكە ، بىر قەدەر قاتتىق ئۇزۇن ، يىپسىمان ، ھەتتا يىپسىمان كونۇسسىمان ياكى تار ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ، ئۇچلۇق ، ئاساسىي قىسمىنىڭ ئارقا تەرەپتە كۆتۈرۈلمىسى بار، تولۇق گىرۋەكلىك ؛  گۈل چىنىسى ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك تۇخۇمسىمان ؛  گۈل تاجى ياپراقچىسى ھال رەڭ ، تۈز ھەم سەل - پەل سىرتىدىكى يانتۇ شەكىلدە بولىدۇ .

  يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا  ۋە قاتتىق سوغۇق چىداملىق؛ .پىژغىرىم ئاپتاپقا ،قۇرغاقلىققا ھەم سۇغا، نەملىككە چىداملىق، شامالغا  ھەم ئىشقارلىق  توپىغا تاقابىل تۇرالايدۇ، تەركىبىدە تۇز مىقدارى % 1 بولغان شورلۇق تۇپراقتا ئۆسىدۇ.  چوڭقۇر يىلتىز تارتالايدۇ ، ئاساسىي يان يىلتىز ھەممىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان ، ئاساسىي يىلتىز كۆپ ھاللاردا  يەر ئاستى سۈ قەۋىتىگە قاراپ ئۆسىدۇ ، ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا 10 مېتىردىن  ئارتۇق ، بىخلىنىش كۈچى كۈچلۈك ، قىرقىش ۋە كېسىشكە  چىداملىق ؛  ئۆسۈش تېز بولۇپ ، يىللىق ئۆسۈشى 50 سانتىمېتىردىن 80 سانتىمېتىرغىچە ، 4 ،5 يىلدا 2.5 -3 مېتىرغىچە ئۆسىدۇ  ،  چېچەكلىشى كۆپ ، ئۆمرى يۈز يىلدىن ئارتۇق  بولىدۇ .

  ھۇزۇرلىنىش قىممىتى

   يۇلغۇن تۈپى ئىنچىكە ئەۋرىشىم ، قىياپەتى ئۆزگىچە ،دەرەخلىرى  چېچەكلىگەندە قىزىل ھالەتتە بولۇپ  ئىنتايىن چىرايلىق.  ئۇنى ھويلىلارغا تىكىپ چىتلاق قىلىپ  ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، سۇ بويى ، دەريا ۋادىسى ، كۆۋرۈك بېشى ، دەريا بويى قاتارلىق جايلارغا تىكىشكە ماس كېلىدۇ، توسما قىلغىلى بولىدۇ .  كوچا تاشيولنى بويلىغان ئېرىق ئۆستەڭلەرنىڭ قىرىغا تىكسە  بىر خىل ئۆزگىچە مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.

 ئىقتىسادى قىممىتى

    ئۇنىڭ ئىنچىكە شاخلىرى ئەۋرىشىم بولۇپ سۈركىلىشكە چىداملىق ، سېۋەت  توقۇش قاتارلىقلاردا  كۆپ ئىشلىتىلىدۇ ، پۇختا ، چىداملىق ؛  ئۇنىڭ شاخلىرىنى ئېگىش ئاسان بولغاچقا  ئارا ،سۆرەم قاتارلىق  دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياسىغىلى بولىدۇ.

  شامالنى توسۇپ كۆكەرتىش قىممىتى

    يۇلغۇن چۆللۈك ،  سايلىق ياكى شورلۇق قاتارلىق ناچار مۇھىتتا ئۆسەلەيدىغان  قەيسەر ئۆسۈملۈك ، قۇرغاق قۇملۇق ۋە دېڭىز ياقىسى  شور توپا قاتارلىق  جايلاردا ياشاشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ، بوراندىن توسۇپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ، شور تۇپراقنى ياخشىلايدىغان، مۇھىتنى كۆكەرتىدىغان ئېسىل دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى.

 دورىلىق قىممىتى

    يۇلغۇن يۆتەل ،زۇكام ،رىماتىزىم قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#