قارلىق مۇزلۇقى
قومۇل قارلىق مۇزلۇقى تۇزكۆل يېزىسى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقىي شىنجاڭ زېمىنىدا توغرىسىغا ياتقان شەرقىي تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ بىر تاغ چوققىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4888 مېتىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قومۇل قارلىق مۇزلۇقى تۇزكۆل يېزىسى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقىي شىنجاڭ زېمىنىدا توغرىسىغا ياتقان شەرقىي تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ بىر تاغ چوققىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4888 مېتىر.
ئۇ شەكىللەندۈرگەن ئېقىن بىپايان مۇنبەت ئېتىز، ۋادىلارنى كېسىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەڭ كەتكەن مۇنبەت يەرلەردىن ئاستا-ئاستا ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئۇ نەچچە يۈز مىڭ قومۇل خەلقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، شۇنداقلا نەچچە يۈز مىڭ قومۇل خەلقىنىڭ ھاياتىنى ساقلاشتىكى بايلىقى.
بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا بىر تېخى ھېچقانداق ئادەم يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ باقمىغان بوز چوققا، يىل بويى قار يىغىلىپ تۇرىدۇ، چوڭ-كىچىك 63 تال مۇزلۇق تارقالغان، بولۇپمۇ قارلىق تاغدىكى قارلىق تۈز مۇزلۇقى، كۆلىمى 0.7 كۋادرات كىلومېتىر، تۈز چوققا تېغىنىڭ يان تەرىپىدىكى ئېگىزلىك كۆلى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنزىرىسى تەيۋەن دىكى رىيۆتەندىن قېلىشمايدۇ، شۇڭا قاتقان تەبىئىي سۇ ئامبىرى دېگەن نامى بار، گۈزەل ئارا تۈرۈك دەرياسىنىڭ مەنبەسى.
تاغ ئېتىكى تەبىئىي ئوتلاق، ئوتلاق خۇددى يېشىل گىلەمگە ئوخشاش، مەنزىرسى ئىنتايىن گۈزەل، كىشىلەرنىڭ ساياھەت، ئېكسپېدىتسىيە، ئىلمىي تەكشۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى جاي.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بويا ساياھەت تورى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.