كاۋكاز
كاۋكاز ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، ئىراننىڭ شىمالى، قارا دېڭىز، ئازوف دېڭىز ۋە كاسپىي دېڭىزى ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ جايلارنى كۆرسىتىدۇ. شىمالى كوم-مانچ پەسلىكىدىن جەنۇبىي دۆلەت چېگرىسىغا قەدەر سوزۇلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاۋكاز ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، ئىراننىڭ شىمالى، قارا دېڭىز، ئازوف دېڭىز ۋە كاسپىي دېڭىزى ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ جايلارنى كۆرسىتىدۇ. شىمالى كوم-مانچ پەسلىكىدىن جەنۇبىي دۆلەت چېگرىسىغا قەدەر سوزۇلىدۇ. مەيدانى 440 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چوڭ كاۋكاز تاغلىرى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ بۇ رايوننى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇنىڭ شىمال تەرىپى شىمالىي كاۋكاز ياكى ئالدىنقى كاۋكاز دەپ ئاتىلىپ، روسىيە فېدېراتسىيە تەركىبىگە كىرىدۇ؛ جەنۇب تەرىپى جەنۇنىي كاۋكاز ياكى سىرتقى كاۋكاز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قىسمى گرۇزىيە، ئەرمەنىستان، ئەزەربەيجاندىن ئىبارەت ئۈچ جۇمھۇرىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەر شەكلىدە تاغلىق(ئىلبورس چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 5642 مېتىرغا يېتىدۇ) ، ئېگىز تەكشىلىك، تۈزلەڭلىك، پەسلىكلەر ئارىلاش تارقالغان.
ئىقلىمىدا قۇرغاق نەم، مۆتىدىل، سۇبتروپىك قاتارلىق ھەرخىل ئىقلىم بەلباغلىرى ئۇچرايدۇ. كۇرا، كۇبان، كۇما، تېرېك قاتارلىق دەريالار مۇشۇ تاغلاردىن باشلىنىدۇ. تاغلىقلاردا مۇزلۇقلار، ئارشاڭ بۇلاقلار خېلى كۆپ. بۇ جايدا سۇبتروپىك كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلار، ئورمانلىق ئوتلاقلار، ئوتلاقلار ھەمدە يېرىم چۆل بەلباغلىرى بار.
كان بايلىقلىرىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، مارگانتېس، قوغۇشۇن، سىنك قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. كاۋكاز رايونىدا نۇرغۇنلىغان تەبىئىي قوغداش رايونلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.