رۇبىنىس

رۇبىنىس

رۇبىنىس(1577-1640) فلاندېرىس (قەدىمكى نېدېرلاندىيەنىڭ جەنۇبىي رايونى)لىك رەسسام، باروك رەسىم ئېقىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ۋەكىللىك شەخىس. 1577-يىلى 6-ئاينىڭ  28-كۈنى گېرمانىيەنىڭ سيېگېندا تۇغۇلغان. 1640 –يىلى 5- ئاينىڭ 30 –كۈنى ئىسپانىيەگە قاراشلىق نېدېرلاندىيەنىڭ ئەنتېېۋېپو (ھازىرقى بىلگىيەدە) ۋاپات بولغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى رۇبىنىس
باشقا نامى Peter Paul Rubens
يۇرتى فلاندېرىس
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1640–يىلى 5-ئاينىڭ 30–كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 彼得·保罗·鲁本斯
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1577-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى
كەسپى رەسسام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇبىنىس ئەسەرلىرىرۇبىنىس(1577-1640) فلاندېرىس (قەدىمكى نېدېرلاندىيەنىڭ جەنۇبىي رايونى) لىك رەسسام، باروك رەسىم ئېقىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ۋەكىللىك شەخىس. 1577-يىلى 6-ئاينىڭ  28-كۈنى گېرمانىيەنىڭ سيېگېندا تۇغۇلغان. 1640 –يىلى 5- ئاينىڭ 30 –كۈنى ئىسپانىيەگە قاراشلىق نېدېرلاندىيەنىڭ ئەنتېېۋېپو (ھازىرقى بىلگىيەدە) ۋاپات بولغان. 

رۇبىنىس كىچىكىدىلا ئەقىللىق، زېرەك بولۇپ، 15 يېشىدىلا نېمىس، فرانسۇز، لاتىن، فلاماند تىللىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن. فلاندېرېسنىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. ئۇ رەسىم سىزىشنى باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئۇستازلارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئۇ 1609-يىلى فلاندېرېس ئالبېرت كىنەزلىكىنىڭ ئوردا رەسسامى بولغان. ئۇ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى سەنئەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، شۇنداقلا ئىلغار گۇمانىزم ئىدىيەسى بىلەن فلاندېرېس قەدىمكى مىللىي سەنئىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان، كىشلىك ھايات خۇشاللىقىنى مەدھىيەلەيدىغان رەسىم ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ «ليۇكىپپوسنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ قېچىش» ناملىق ۋەكلىك ئەسىرىدە نىكاھ بۇلاڭچىلىقدەك ئىللەت تەسۋىرلەنگەن، ئەسەردە ئاياللار بىلەن ئەرلەر رەڭ ۋە ماھىيەت تۇيغۇسى جەھەتتە روشەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ، كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان، شۇنداقلا رەسسامنىڭ ئوتتەك ياشلىق، كۈچلۈك ھاياتي كۈچكە بولغان مەدھىيەسى ۋە مۇھەببەتكە بولغان دادىل ئىنتىلىشى ئىپادىلەنگەن.

  رۇبېنىسنىڭ ئەسەرلىرىدە تەركىيدۇنياچلىققا قارشى تۇرىدىغان، كىشلىك ھاياتىنى قىزغىن مەدھىيەلەيدىغان روھ ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ باروكچە يورۇق-تۇتۇقلۇق سېلىشتۇرمىسى، ھېسسىياتقا باي بەدىئىي تەسەۋۇرى، شۇنىڭدەك قەلەم، رەڭ ئىشلىتىش جەھەتتىكى ماھارىتى ياۋروپانىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان رەسساملىقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#