سەندوخوزا بازىرى
سەندوخوزا بازىرى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان، ساۋەن ناھىيەسى نىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەندوخوزا بازىرىسەندوخوزا بازىرى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان، ساۋەن ناھىيەسى نىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ، قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمى 39.5 كۋادرات كىلومېتىر، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، شەرقتە قورغاس يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرەپتە يەنسىخەي بازىرى يۈەنشىڭگۇڭ بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال، غەرب تەرىپى شەھەر ئەتراپىدىكى داچۈەن يېزىسى بىلەن ئورالغان، «312» دۆلەت يولى، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن تاشيولى، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى كېسىپ ئۆتكەن، قاتنىشى قولاي.
سەندوخوزا بازىرى تەۋەسىدە: ئۆسمۈرلەر يولى مەھەللىسى، مەيدان يولى مەھەللىسى، چۆچەك يولى مەھەللىسى، خەلق يولى مەھەللىسى، ساچىڭ يولى مەھەللىسى، نۇرلۇق يولى مەھەللىسى، تەنتەربىيە مەيدان مەھەللىسى، كەيشۇەن يولى مەھەللىسى، تىيانشان يولى مەھەللىسى، كۇيتۇن يولى مەھەللىسى، ئۈرۈمچى يولى مەھەللىسى، غۇلجا يولى مەھەللىسى قاتارلىق 12 مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، بازار دېھقانچىلىق مەيدانى بار.
سەندوخوزا بازىرى تەۋەسىدىكى مەھەللە ئىشخانىسى ئىگەللىگەن ئوتتۇرىچە يەر كۆلىمى 267 كۋادىرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە بەش مەھەللە بىر جايدا مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلغان، ئۆسمۈرلەر يولى مەھەللىسىگە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل مەھەللە دەپ نام بېرىلگەن، ئۆسمۈرلەر يولى، تەنتەربىيە مەيدانى يولى، تارباغاتاي يولى قاتارلىق ئۈچ مەھەللە ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىي مەھەللە دەپ نام بېرىلگەن، مەيدان يولى، چۆچەك يولى مەھەللىسى ۋىلايەت دەرىجىلىك يېشىل مەھەللە دەپ نام بېرىلگەن، خەلق يولى، كۇيتۇن يولى، ساچىڭ يولى، نۇرلۇق يولى قاتارلىق تۆت مەھەللە شەرەپ بىلەن ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي مەھەللە ۋە يېشىل مەھەللە دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
تەرەققىياتى
نۆۋەتتە مەھەللىلەردە خوجىلىق تازىلىق، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىش، تېلېگراف ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش، خەلققە قولايلىق ئاشلىق-ياغ، يەسلى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، پوچتا مۇلازىمىتى، ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ئۆزگىچە باقمىچىلىق قاتارلىق 15 خىل مۇلازىمەت تۈرى 66 گە يەتكەن، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۈنسايىن كۈچەيگەن، يىللىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
تەرەققىيات ئەندىزىسى
يېقىندىن بېرى، سەندوخوزا بازىرى «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە ناھىيەلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىغا قويۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەھەللە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللە مۇلازىمىتى كەسىپ تەرەققىياتىنى زورايتىپ، مەھەللە دېھقانچىلىق مەيدانى كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن.
مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مىخانىزىمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇش ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، «بەشتە ياخشى» پارتىيە ياچېيكىسى بەرپا قىلىش نىشانى بەش چوڭ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مەھەللىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ «باشلامچى» لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەكلەپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن.
«پائالىيەتنى ئورتاق ئۆتكۈزۈش، ئىشلارنى ئورتاق باشقۇرۇش، مەدەنىيلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىش»تەك ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ماس قەدەمدە، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام مەھەللەردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەن، مەھەللە قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلغان، «ئۈچ مەدەنىيلىك»نىڭ ماس تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچقان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بويا يەر نامى تورى
http://www.tcmap.com.cn/xinjiang/shawanxian_sandaohezizhen.html
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.