سۇ شى
جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدا ئاتا-بالا ئۈچەيلەن كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى بولۇپ چىققان بىر ئائىلە بار. ئۇلار شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇ شۈن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى سۇ شى، سۇ جېلار، بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇ شى (1037-1101-يىللار) نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ يۇقىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۇ شى شېئىر، نەسر جەھەتلەردە ناھايىتى يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، خۇشخەت، رەسىم سىزىشلاردىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر بىلىم ئالغان. ئۇنىڭ شېئىر ئۇسلۇبى مەردانە، ئوي-پىكرى ئوچۇق، ئوخشىتىشلارنى جايىدا ئىشلەتكەن، مەسىلەن: داڭلىق ئەسىرى «يىنخۇ كۆلىدە ھاۋا باشتا ئوچۇق بولۇپ، كېيىن يامغۇر ياغدى، جىنشەن ئىبادەتخانىسىغا ساياھەت» قاتارلىقلار. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر، قاتتىق شېئىر قائىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شېئىرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. داڭلىق ئەسەرلەردىن «نيەن نۇجياۋ» (چاڭجياڭ دەرياسى شەرققە ئاقىدۇ) ، «شۈدياۋگېتۇ» (قاچانمۇ ئايدىڭ بولۇر) قاتارلىقلار بار، ئۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەردانىلىك ئېقىمى شېئىرلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، شىن چىجى بىلەن قوشۇپ «سۇ − شىن» دەپ ئاتالغان.
كەچۈرمىشلىرى كۆپ ۋە بىلىمى مول بولغانلىقتىن، سۇ شى نەسرلىرىنىڭ نۇرغۇنىدا ئىلگىرىكىلەرنىڭ شەكىل جەھەتتىكى خىلمۇخىل چەكلىمىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، چوڭقۇر ئىدىيىۋى ئوي-پىكىرنى ئەركىن، توغرا ئىپادىلەشكە تىرىشقان، خەن يۈ، ليۇ زۇڭيۈەنلەردىن بۇيان تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان قەدىمكى ئەدەبىياتنىڭ رولىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈپ جارى قىلدۇرغان، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان. مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «ليۇخۇ توغرىسىدا، تاش قوڭغۇراق تېغى خاتىرىسى» قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭ نامى ئوۋياڭ شيۇ بىلەن قوشۇپ «ئوۋ-سۇ» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ نەسر سەنئىتى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.