ئۆتكۈر خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى

ئۆتكۈر ئۇرۇقدان ياللۇغى

ئۆتكۈر خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئۇرۇقدان توقۇلمىلىرى ياللۇغلىنىپ كلىنىكىدا قىزىش، ئۇرۇقدان قىزىرىش، ئىششىق، قاتتىق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.


غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغىئۆتكۈر ئۇرۇقدان ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم تاشقى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 急性阴囊炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆتكۈر خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئۇرۇقدان توقۇلمىلىرى ياللۇغلىنىپ كلىنىكىدا قىزىش، ئۇرۇقدان قىزىرىش، ئىششىق، قاتتىق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئۆتكۈر خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى خۇسسىيە تۇش شەدىد» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى ئۇرۇقدان توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

زەنگار سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتى ئۇرۇقدان توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئۇرۇقدان توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى، غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

باشقا ئەزالاردىكى يۇقۇملىنىشلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سۈيدۈك يولى ياللۇغى، زۇكام، نەزلە، قۇلاق ئاستى بەز ياللۇغى، سىبلىس، ئەيدىز، بوغۇم ياللۇغى، سۆزنەك قاتارلىق كېسەللىكلەر ئاجرىتىپ چىققان ئۇفۇنەتلىك ماددىلار قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۇرۇقدان توقۇلمىلىرىغا بارغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، جەلەق قىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئۇرۇقدان كۈچىنىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقداننىڭ مەلۇم قىسمىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي تەبىئىي قۇۋۋەتلەر ئاجىزلىشىپ توقۇلما ھۈجەيرىلەر نېكروزلىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆرۈلۈش، سوقۇلۇش نەتىجىسىدە ئۇرۇقدان توقۇلمىلىرى زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇرۇقدان قاتتىق سانجىلىپ چىڭقىلىپ ياكى لوقۇلداپ ئاغرىيدۇ، ئەگەر بىر تەرەپتىكى ئۇرۇقدان ياللۇغلانغان بولسا، شۇ تەرەپتىكى ئۇرۇقدان قاتتىق ئاغرىيدۇ، قولى تېگىپ كەتسە، ئاغرىق كۈچىيىدۇ، قىزىرىپ ئىششىيدۇ، ئاغرىق قورساق، يوتا قىسىملىرىغىچە ھەتتا تىزىغىچە تارقىلىدۇ، قىزىيدۇ، توڭۇپ تىترەيدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسىدۇ، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىدۇ، يىرىڭدىغان بولسا، ئۇرۇقدان بېسىلىش ياكى قىمىرلاش سېزىمى بولىدۇ.

ئۆتكۈر ئۇرۇقدان ياللۇغىۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى تېزلا ياخشىلىنىدۇ، ئەگەر ياخشى داۋالاشقا ئېرىشەلمەي ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى ۋە ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئۇرۇقدان قاتتىق ئاغرىش، قىزىرىپ ئىششىش، تۇتقاندا ئاغرىق كۈچىيىش، قىزىش، توڭۇپ تىترەش، جۇغ-جۇغ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قان تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئاشىدۇ.

2) ئۇرۇقنى تەكشۈرگەندە ئەۋلاد قالدۇرالمايدىغان ئۇرۇق بولۇپ چىقىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدا دورا ئىشلىتىلىدۇ.

زەنگار سەپرا خىلىتى ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئىششىق قايتۇرغۇچى، قىزىتما پەسەيتكۈچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈم، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، كاكىنەج قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 7~ 5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەيايرلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن3~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەدنىن تازىلىنىدۇ.

قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ھۆل كاسىنىنىڭ سۈيى، ھۆل ئىتئۈزۈمى سۈيى، ھۆل يۇمغاقسۈت سۈيى 20 مىللىلىتىردىن، ئەپيۇن، كافۇر بىر گرامدىن ئېلىپ، ئېزىپ زىماد تەييارلاپ، سىرتىدىن ئۇرۇقدانغا چېپىلىدۇ.

بىر گرام كافورنى 30 مىللىلىتىر سىركە، ئەرقى گۈل بىلەن ئېزىپ، داكىنى نەمدەپ، ئۇرۇقدان ئۈستىگە قويۇلىدۇ.

خەشخاش پوستى 60 گرام، ئىسپىغۇل 10 گرام، خەشخاش پوستىنى قاينىتىپ، ئىسپىغولنى سېلىپ، ئۇرۇقدانغا چېپىلىدۇ.

بىنەپشە، نېلۇپەر، كاكىنەج، چۆبچىن 30گرام، بابۇنە، شاھتەررە 20 گرامدىن، گۈل يېغى، قاپاق يېغى 100 مىللىلىتىردىن، خەشخاش يېغى 50 مىللىلىتىر، سۇ 10 كىلوگرام ئېلىپ، قاينىتىشقا تېگىشلىك دورىلارنى قاينىتىپ، سۈيىگە ياغلارنى تېمىتىپ، دورا سۈيى تەييارلاپ بىمار ئولتۇرغۇزۇلىدۇ.

بېھى ئۇرۇقى ئۈچ گرام، ئىتئۈزۈمى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى بەش گرامدىن، چىلان بەش دانە، سەرپىستان 11 دانە ئېلىپ، قاينىتىپ ياكى سۇغا چىلاپ، سۈزۈپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 مىللىلىتىرنى 30 مىللىلىتىر نېلۇپەر شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

مۇقەل، ئۇششەق، مىئە سائىلە، مورمەككى، بابۇنە گۈلى، قارا زىرە، سۇمبۇل ئۈچ گرامدىن، ئاق لەيلى گۈلى، زىغىر، شۇمشا، ئىكلىلمىلىك، لوبىيا تۆت گرامدىن، ئاق موم 30 گرام، ئۆچكىنىڭ بۆرەك يېغى 30 گرام، گۈل يېغى 60 مىللىلىتىر ئېلىپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئۇرۇقدانغا چېپىلىدۇ.

ئاق قىچا، ئېنەك پوستى مېغىزى، قارا قىچا 10 گرامدىن، ياسىمەن يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئۇرۇقدانغا چېپىلىدۇ.

25گرام قارا زىرىنى سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى زەيتۇن يېغىدا يۇغۇرۇپ، زىماد تەييارلاپ ئۇرۇقدانغا چېپىلىدۇ.

ئەرق شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، نېلۇپەر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن، بىنەپشە شەربىتى كۈندە ۈئچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھە رقېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، بۆرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئامىلە نۆشىدارى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى سۆئلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، لۇبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش زەرئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=864

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=864

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#