كرومۋېل

1644-يىلى 7-ئايدا، ئەنگلىيە نىڭ شىمالىدىكى مۇستون يايلىقىغا 50 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن يىغىلغان بولۇپ، پارلامېنت ئارمىيىسى بىلەن پادىشاھپەرەسلەر قوشۇنى بۇ يەردە زور كۆلەملىك كەسكىن جەڭ قىلىۋاتاتتى. بۇ ئاتلىقلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى دەل كرومۋېل ئىدى. ئۇ 1599-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كرومۋېل
باشقا نامى 老铁甲军
تۇغۇلغان ۋاقتى 1599-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
كەسپى ھامىي بەگ
خەنزۇچە ئىسمى 奥利弗·克伦威尔
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1658-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
چەتئەلچە نامى Oliver Cromwell

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كرومۋېل (1599 −1658-يىللار)  ئەنگلىيە نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،  29 يېشىدا ئەنگلىيە پادىشاھى چارلىز Ⅰ چاقىرغان 3-نۆۋەتلىك پارلامېنت يىغىنىغا قاتناشقاندىن باشلاپ، فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى ئىنقىلاب داۋامىدا، چارلىز Ⅰ نىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە ئىزچىل كۈچلۈك زەربە بېرىپ كەلگەن. چارلىزⅠ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇ دېھقانلار ئاساس قىلىنغان ئاتلىق قوشۇن تەشكىللىگەن ھەمدە جەمەت قارىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئاددىي ئەسكەرلەر ئىچىدىكى ھەربىي تالانتى بار باتۇرلارنى تاللاپ ھەربىي ئەمەلدارلىققا تەيىنلىگەن. بۇ قوشۇن ئىنتىزامى چىڭ، جەڭ قىلىشقا ماھىر بولغاچقا، كۆپ قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قىلىپ، «تۆمۈر ئاتلىق قوشۇن» دەپ ئاتالغان. ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارلامېنت ئارمىيىسى ئۇدا مەغلۇپ بولغان. كرومۋېل قوماندانلىقىدىكى ئاتلىق قوشۇننىڭ مۇستون يايلىقىدىكى كاتتا غەلىبىسى پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ غەلىبىگە يۈزلىنىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كرومۋېل بۇيرۇققا بىنائەن تۆمۈر ئاتلىق قوشۇننى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ يېڭى قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇنى «يېڭى نەمۇنىلىك قوشۇن» دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ بىلەن، پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيگەن. 1645-يىلى پارلامېنت ئارمىيىسى بىلەن پادىشاھپەرەسلەر ئارمىيىسى ناسبىي ئەتراپىدا تۇتۇشقان، كرومۋېل قوشۇنغا ماھىرلىق بىلەن قوماندانلىق قىلىپ، قارشى تەرەپنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىتچىت قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاساس سالغان.

ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى كۈرىشىدە، كرومۋېل ئاجايىپ ھەربىي تالانتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن. 1649-يىلى  1-ئايدا، ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى پادىشاھنى سوتلايدىغان 135  كىشىلىك سوت تەشكىللىگەن، كرومۋېل بۇ سوتنىڭ ئالىي سوتچىلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلغان. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، چارلىز Ⅰ جازا مەيدانىغا يالاپ كېلىنىپ، كاللىسى ئېلىنغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كرومۋېل دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان، ئەمما ئۇ ھەربىي مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئورنىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيىدىن ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويمىغان ھەمدە قوشنىسى ئىرېلاندىيىنى بويسۇندۇرۇپ ۋە تالان-تاراج قىلىپ، ئەنگلىيە، شوتلاندىيە ۋە ئىرېلاندىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بولۇۋالغان. ئېنگېلس كرومۋېلنى ئەنگلىيە ئىنقىلابىدا «بۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا روبېسپېر بىلەن ناپولېئوننىڭ ئوبرازى مۇجەسسەملەنگەن» دەپ ئوخشاتقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/53549.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#