توكيو

توكيو  ياپونىيە پايتەختى توكيو كانتو تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇب تەرىپى توكيو قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. 

نامى توكيو
دۆلىتى ياپونىيە
تەۋە رايون ياپۇنىيە خونسيو ئارىلى كانتون رايونى
باشقا نامى 江户,千代田
خەنزۇچە نامى 东京
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ دېڭىز ئوكيان خاراكتېرلىك پەسىللىك كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توكيوياپونىيە پايتەختى توكيو كانتو تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇب تەرىپى توكيو قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. سىمىدا، ئارا-گاۋا قاتارلىق دەريالار ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىلا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭ قەدىمكى نامى «ئېدو» . ئېدو شەھىرى1457-يىلى قۇرۇلغان، 1868-يىلى(مېيجىنىڭ1-يىلى) ياپونىيە پايتەختىنى غەربىي قىسىمدىكى كىيوتودىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ھەم ئېدو دېگەن نامنى تەدرىجىي توكيوغا ئۆزگەرتكەن. 1943-يىلى مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، توكيونى − توكيو-توغا ئۆزگەرتكەن. ياپونىيىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىكى «تو» سى مەملىكىتىمىزنىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. توكيو-تونىڭ ئومۇمىي كۆلىمى2100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ھازىرقى نوپۇسى11 مىليوندىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر رايونىنىڭ نوپۇسى8 مىليوندىن ئاشىدۇ. توكيو قولتۇقىنى بويلاپ توكيودىن يوكوخاماغا قاراپ سوزۇلغان بەلۋاغ ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت رايونى − توكيو-يوكوخاما سانائەت رايونىدۇر؛ توكيودىن شەرققە قاراپ چىبا ناھىيىسىگىچە سوزۇلغان بەلۋاغ توكيو-چىبا سانائەت رايونىدۇر.

تارىختا توكيو ئىككى قېتىم زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 1923-يىلى يۈز بەرگەن كانتودىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە، ئېدو مەزگىلىدە سېلىنغان نۇرغۇن ئىمارەتلەر بىر كۈندىلا ۋەيران بولغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىغان بولغاچقا، توكيو ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك بومباردىمانغا ئۇچراپ، بىر پارچە خارابىلىككە ئايلانغان. بىراق، قىسقىغىنە 30-40 يىل ئىچىدە توكيودا يەنە ئېگىز ئىمارەتلەر سېلىنىپ، يەر ئاستى تۆمۈريول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ياسىلىپ، كوچىلىرىدا ئاپتوموبىللار قۇيرۇقى ئۈزۈلمەي قاتناۋاتقان، توكيونىڭ يېڭى قىياپىتى كىشىلەر كۆز ئالدىدا يەنە نامايان بولدى. 

ياپونىيىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى كاسىمىگاسېكى ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن. 1968-يىلى پۈتكەن توكيودىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت كاسىمىگاسېكى سارىيى خۇددى توخۇ ئارىسىغا كىرىپ قالغان تۇرنىدەك گەۋدىلىنىپ، كۆزگە بەكمۇ چېلىقىپ تۇرىدۇ. شەھەر مەركىزىدىكى سېپىل خەندىكىنىڭ نېرىسىدا بىر پارچە قارىغايلىق بار، بۇ بۇرۇنقى ئېدو شەھەر رايونى بولۇپ، تېننو پادىشاھنىڭ ئوردىسى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن بۇ يەرگە يەنە يېڭىدىن يەتتە ساراي سېلىنغان، سارايلارنىڭ ئۆگزىسىدىكى كاھىشلار يېشىل رەڭدە، تاملىرى ئاق رەڭدە بولۇپ، تۈۋرۈكلىرى قارامتۇل قوڭۇر مىستىن ياسالغان. شەھەر ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى5.1 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەڭ ئاۋات گىنزا كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئالىي دەرىجىلىك سودا ساراي ۋە كونا پاسوندىكى مەشھۇر دۇكانلار قاتار جايلاشقان، ئاجايىپ-غارايىپ ئېلانلار ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. كېچىلىرى ھەممە يەردە ئالىيېشىل چىراغلار تاڭ ئاتقۇچە يېنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ داڭلىق «كېچە بولماس» شەھەردۇر.

توكيوتوكيو دۇنيادىكى نوپۇسى ناھايىتى زىچ شەھەر بولۇپ، يەر تەۋرەش ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر بولغان بىر تەھدىت. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان، شەھەر قۇرۇلۇشى ئېگىز ھاۋا بوشلۇقى ۋە يەر ئاستىغا قاراپ كېڭىيىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر ستېرېئولۇق شەھەرگە ئايلاندى. كاسىمىگاسېكى، شىنجۇكۇ، ئىكېبۇكۇرو، شىبۇتانى قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالايدىغان نۇرغۇن ئېگىز بىنالار سېلىندى. ئىكېبۇكۇرى رايونىدا «قۇياش نۇرى شەھەرچىسى» بەرپا قىلىندى. ئۇ يەردىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش − ئېگىزلىكى 240 مېتىر كېلىدىغان، 60 قەۋەتلىك خىزمەت بىناسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، توققۇز قەۋەتلىك خەلقئارالىق ئىمپورت مەركىزى، 12 قەۋەتلىك مەدەنىيەت سارىيى ۋە 37 قەۋەتلىك «قۇياش نۇرى شاھزادە مېھمانخانىسى» بار. بۇ تۆت ئېگىز ئىمارەتنى 200 دىن ئارتۇق سودا دۇكىنى جايلاشقان كوچا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى باشقا بوشلۇقلار مەيدان ۋە باغچا قىلىنغان. «قۇياش نۇرى شەھەرچىسى» نىڭ ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى تەخمىنەن60 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، يەردىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىلغان بولغاچقا، ئىشلىتىش كۆلىمى600 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ «قۇياش نۇرى سارايلىرى» كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە شامالغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، بارلىق ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاپتوماتلاشقان بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەردە كەم-كۈتىسىز كىچىك شەھەردە ياشاۋاتقاندەك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

توكيوتوكيونىڭ يەر ئاستى كوچىلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى «توكيو بېكىتى» يېنىدىكى يائېسى يەر ئاستى ماگىزىنى كوچىسىدۇر. پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىسىغا ئىگە بۇ ئۈچ قەۋەت چۆكمە ساندۇق شەكلىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن140 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، خۇددى بىر ئاۋىئاماتكىنى يەر ئاستىغا كۆمۈپ قويغانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى قەۋىتى250 تىن ئارتۇق سودا دۇكىنى جايلاشقان كوچا؛ ئىككىنچى قەۋىتى كەڭ كەتكەن ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئىبارەت؛ ئۈچىنچى قەۋىتىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ، سۇ ۋە توك بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان. بۇنداق يەر ئاستى كوچىسىدىن توكيودىلا 20 نەچچە ئورۇندا بار.

نورۇز گۈلى ياپونىيىنىڭ دۆلەت گۈلى، ھەر يىلى 4-ئايدا توكيودىكى ئوئېنو باغچىسى ۋە چىدورىگافۇچى قاتارلىق جايلاردىكى نورۇز گۈلى ئېچىلغاندا ھەممە دەرەخ قىپقىزىل شەپەق نۇرىغا چۆمگەن بۇلۇتقا ئوخشاپ، بۇ زامانىۋى شەھەرگە تېخىمۇ چىرايلىق ھۆسن قوشىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#