ئادەم كۈچى بىلەن ھەيدىلىدىغان ئەڭ دەسلەپكى سۇ ئاستى كېمىلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەڭ دەسلەپكى سۇ ئاستى كېمىسىنى گوللاندىيىلىك كرېلىنىدېرب 1624-يىلى ياسىغان. بۇ كېمە ئادەم كۈچى بىلەن ھەيدىلىدىغان ياغاچ سۇ ئاستى كېمىسى بولۇپ، كېمىنىڭ يۈزى مايلانغان تېرە بىلەن قاپلانغان. ئۇنىڭ پالاقلىرى پالاق تۆشۈكىدىن سىرتقا چىقىرىلىدىغان بولۇپ، 12 پالاقچىنىڭ پالاق ئۇرۇشى بىلەن ئۇ بەش مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىر نەچچە سائەت يول يۈرەلەيدۇ. 

ئەڭ دەسلەپ جەڭ ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۇ ئاستى كېمىسىنى 1772-يىلى ئامېرىكىلىق فۇسلېر لايىھىلىگەن. بۇ كېمە1775-يىلى ياسىلىپ چىققان. ئۇ ئىدىشقا ئوخشاش بولۇپ، ئىچىدىكى ھاۋا يېرىم سائەت يۈرۈشكىلا يېتىدۇ، كېمە سۇ چىقىرىش ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن سۇ ئاستىغا چۆكۈشتىن تاشقىرى، كېمە ئاستىغا يەنە ئېغىر قاداق تېشى ئېسىلغان، خەۋپ-خەتەرگە يولۇققاندا قاداق تېشىنى تاشلىۋېتىپ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ. بۇ خىل سۇ ئاستى كېمىسىنى بىر ئادەم پىرقىرىغۇچنى قولى بىلەن پىرقىرىتىش ئارقىلىق ماڭغۇزىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا، بۇ سۇ ئاستى كېمىسى سۇ مىناسىنى ئېلىپ ئەنگىلىيىنىڭ نيۇ-يورك پورتىدا تۇرغان «ئىكېر» ناملىق ھەربىي پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرىدۇ. بىراق باشقۇرۇش ياخشى بولمىغانلىقتىن، مىنانىڭ ئوت ئېلىشى كېچىكىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىمىغان. شۇنداقتىمۇ بۇ سۇ ئاستى كېمىسى ئەڭ دەسلەپ جەڭگە قاتناشقان سۇ ئاستى كېمىسى ھېسابلىنىدۇ. 

يەلكەن بىلەن ماڭىدىغان ئەڭ دەسلەپكى سۇ ئاستى كېمىسنى 1801-يىلى ئامېرىكىلىق روبېرت فۇلتۇن فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ياساپ بەرگەن. بۇ سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ گەۋدىسى سىگارغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6.89 مېتىر كېلىدۇ. كېمە گەۋدىسىنىڭ ئەڭ چوڭ دىئامېتىرى ئۈچ مېتىرغا يېقىن بولۇپ، ئىسكىلىتى تۆمۈردىن، قېپى مىستىن ياسالغان. بۇ كېمە سۇ يۈزىدە يەلكەن بىلەن ماڭىدۇ. سۇ ئاستىدا يۈرگەندە ياكى شامال چىقمىغاندا يەلكەننى يىغىشۇرۇپ قويۇپ، پېقىرغۇچىنى ئادەم كۈچى بىلەن پېقىرىتىش ئارقىلىق ماڭىدۇ. ئۇنىڭ تېزلىكى سائىتىگە ئىككى دېڭىز مىلى بولۇپ، ئۇ 8.9 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكەلەيدۇ. كېمىگە سىقىلغان ھاۋا قاچىلانغان بولۇپ، كېمىچىلەر سۇ ئاستىدا سەككىز سائەت تۇرالايدۇ. بۇ كېمىمۇ سۇ مىناسى ئېلىپ يۈرىدۇ. بىراق تېزلىكى بەك ئاستا بولغانلىقتىن، بۇ يەلكەنلىك سۇ ئاستى كېمىسىگە ناپالىئون ئەھمىيەت بەرمىگەن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#