ئەرمۇدۇن يېزىسى

ئەرمۇدۇن يېزىسى

ئەرمۇدۇن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. 1965-يىلى ئەرمۇدۇن گۇڭشې بۇلۇپ قۇرۇلغان.  1984-يىلى ئەرمۇدۇن يېزىسى تەسىس قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئەرمۇدۇن يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 174.6 كۋادرات كىلومېتىر
باشقا نامى ئەرمۇدۇن
خەنزۇچە ئاتىلىشى 艾尔木东乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى
نوپۇسى 11 مىڭ
تېلېاۇن رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەرمۇدۇن يېزىسىئەرمۇدۇن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 174.6 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 11 مىڭ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %95.7، قىرغىزلار %3.7 نى ئىگىلەيدۇ. 315-دۆلەت چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

ئەرمۇدۇن يېزىسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، كېۋەز، قوناق قاتارلىق. چارۋىچىلىقتىن كالا، قوي، ئات، ئېشەك بېقىش قاتارلىقلار. يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. 

ئەرمۇدۇن يېزىسىئەرمۇدۇن يېزىسىغا قاراشلىق 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: ئاياغ ئەرمۇدۇن كەنتى، يۇقىرىقى ئەرمۇدۇ كەنتى، يۇقارقى يېڭىئۆستەڭ كەنتى، سىما قۇم كەنتى، دۆڭئېرىق كەنتى، كارەندە كەنتى، سوغۇلۇق كەنتى، خانىقا كەنتى، نۆكە كەنتى، ئاياغ يېڭىئۆستەڭ كەنتى، قىرغىز مەھەللىسى كەنتى قاتارلىقلار. 

2008–يىلىدىن بۇيان قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمودۇن يېزىسى يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى جانلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

ئەرمۇدۇن يېزىلىق مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە قىرائەتخانا، تاماشىخانا، ئېلېكتىرلەشكەن دەرسخانا بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقتى بولسا كېلىپ ئارام ئالىدىغان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تولغان. «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى»، يېزا مەدەنىيەت خاس ۋەكىلى كەنت ئاھالىلىرىگە كىتاب سوۋغا قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ مەدەنىيەت، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتشقا كۈچ چىقارغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#