سەردار رەھىمخان

سەردار رەھىمخان

سەردار رەھىمخان 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تاشكەنت شەھىرى دە تۇغۇلغان، ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سەردار رەھىمخان
يۇرتى تاشكەنت شەھىرى
كەسپى ناخشىچى
ئەسلى ئىسىم فامىلىسى سەنجەر رەھىموۋ
دۆلەت تەۋەلىكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى تاشكەنت دۆلەتلىك پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەردار رەھىمخانسەردار رەھىمخان 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تاشكەنت شەھىرى دە تۇغۇلغان. دادىسى مىرئەھمەد رەھىموۋ ۋە ئانىسى مەرغۇبە رەھىموۋا ھەر ئىككىلىسى تاشكەنت شەھرىدىن. 

سەردار رەھىمخانسەردار رەھىمخان 1998-يىلى ئۆزبېكىستان تاشكەنت شەھىرىدىكى 150-گىمنازىيەنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تاشكەنت دۆلەتلىك پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. سەردارنىڭ ئەسلىشىچە ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى كەپسىز ئىكەن، دائىم خوشنىلىرىنى خاپا قىلغاچقا، خوشنىلىرى ئۇنى تازا ياخشى كۆرمەيدىكەن. ئەمما ئۇ مەكتەپتە ھەر جەھەتتىن ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئوقۇش نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ياخشى بولغانىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىنى مەڭگۈ ئۇنتالمايدىغان بولۇپ، چۈنكى ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى دەل ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا باشلانغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ سىنىپىدا گۈلنارە ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز بار بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم چۈشەنمىگەن بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ئۇنىڭدىن سورايدىكەن، دەرس ۋاقتىدىمۇ دائىم شۇ قىزغا قاراپ ئولتۇرىدىكەن، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ شۇ قىزغا ئاشىق ئىكەن. 

سەردار رەھىمخان2002-يىلى سەردار رەھىمخاننىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى جاھانگىر بىلەن بىللە ئورۇنلىغان ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى «Favvora» ناملىق ناخشىسى sezam تېلىۋىزىيە قانىلىدا قويۇلغان. تېلىۋىزوردا قويۇلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا شۇندىن باشلاپ ئۆزبېكىستاندا نام قازىنىشقا باشلىغان.

كېيىن ئۇ ئۆزبېكىستان تېلىۋېزىيە ئىستانىسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر قانچە تېلىۋېزىيە ئېلانىغا چىققان. شۇنداقلا شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېيىنكى سەھنە ھاياتىغا ئاساس سالغان. ھازىر سەردار رەھىمخان ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ھەممە كىشى بىلىدىغان داڭلىق ناخشىچىغا ئايلانغان. 

سەردارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى مەيلى مۇڭ، مەيلى لىرىك، مەيلى ئۇسۇللۇق ئاممىباب ناخشىلار بولسۇن كەڭ خەلىقنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە مەۋجۇت. 

ئۇنىڭ تۇنجى ئالبومى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى «سېنى ئاسرىغايمەن» دېگەن نامدا تارقىتىلدى.  

سەردار رەھىمخان«پەرياد» (شەبنەم ناملىق فىلىمنىڭ فىلىم ناخشىسى)

«ئەگەر»

«دوست»

«بەختىڭ»

«مەلىكە»

«بىر قاراپ»

«سىنىپداش»

«ھەرگىز» قاتارلىقلار.

سەردار رەھىمخاننىڭ ئورۇنلىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ناخشىلار ھەممىلا كىشىنىڭ يۈرەك تارىسىنى چېكىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممىلا كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان.

ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىكى لىرىك كۈيلەر ئادەمگە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلسا، بەزى ھەسرەتلىك كۈيلىرى ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئىختىيارسىز ياش تامچىلىرىنى ئەگىتىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سەردار رەھىمخان كۆپ تەرەپلىمىلىك قالتىس بىر ناخشىچى، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭرىتىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#