جۇلىيا گىللارد

جۇلىيا گىللارد

جۇلىيا گىللارد، ئىتالىيە لىك ئاياللار سىياسىيونى، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. 1961-يىلى ئەنگلىيە ۋېلىستا تۇغۇلغان، تۆت يېشىدا ئائىلىسى بىلەن ئاۋسترالىيە كۆچۈپ كەلگەن. مېلبۇرنى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئەدەبىيات ۋە قانۇن ئىلمىي ئۇنۋانى بار. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۇلىيا گىللارد
دۆلەت تەۋەلىكى ئاۋسترالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1969-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى مېلبۇرنى ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 朱莉娅·吉拉德
يۇرتى ئەنگلىيە ۋېلس
كەسپى ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى
چەتئەلچە نامى Julia Eileen Gillard

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇلىيا گىللاردجۇلىيا گىللارد، 1961-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنگلىيە ۋېلىس رايونىدا تۇغۇلغان، بالىلىق چاغلىرىدا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ئاۋسترالىيە گە كۆچۈپ كەلگەن. گىللارد سىياسىئون ۋە ئادۋوكات. ئۇ 1998-يىلى ئاۋسترالىيە پارلامېنتغا كىرگەن، ھەمدە 2006-يىلى سابىق زوڭلى رود كېۋىن بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارغان. كېۋىن رود زۇڭلى بولغان مەزگىلدە، گىللارد ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى مەھكىمىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلار مۇناسىۋىتى مىنىستىرى، مائارىپ مىنىستىرى، جەمئىيەت قوبۇل مىنىستىرى بولغان، كېيىن ئۇ ئاۋسترالىيە مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان. 

گىللارد 20 نەچچە يىلدىن بېرى سىياسىيغا ئاتلانغان، پائال ئاياللار دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتىنى تەشەببۇس قىلغان. جۇلىيا گىللارد ئاۋسترالىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭلى بولۇپ قالغان. 

جۇلىيا گىللارد1983-يىلى، گىلارد ئاۋسترالىيە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان؛ 

1996-يىلى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ۋېكتورىيە ئىشتاتىداھىسى جون برۇمبىنىڭ باش كاتىپى بولغان؛ 

1998-يىلى فېدېراتسىيە چوڭ سايلىمىدا تۇنجى قېتىم ئىشچىلار پارتىيەسى ۋەكىلى بولۇپ قاتناشقان، ھەم ۋىكتورىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ئەنئەنىۋى سايلام رايونىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سايلانغان؛ 

2001-يىلى گىللارد فېدېراتسىيە ئۆكتىچىلەر «كۆلەڭگە»گە كىرىپ، ئىلگىرىكى كۆچمەنلەرگە مەسئۇل بولغان، تازىلىق، شۇنىڭدەك ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان؛ 

2004-يىلى ئىشچىلار پارتىيەسىدە ئۇدا تۆت قېتىم فېدىراتسىيە سايلامدا مەغلۇپ بولغان، تاشقى قىسىم ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى بولغان.

2006-گىللارد ۋە كېۋىن رۇد ھەمراھلىشىپ مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ لېبورىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغان؛ كېۋىن رۇد داھىيسى، گىللارد ياردەمچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان؛ 

2007-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىشچىلار پارتىيەسى ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە چوڭ سايلىمىدا ئاخىرى غەلىبىگە ئېرىشكەن؛ 

2007-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاۋسترالىيە زۇڭلىلىقىغا كېۋىن رۇد، گىلارد مۇئاۋىن زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاۋسترالىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال مۇئاۋىن زۇڭلى بولۇپ قالغان.

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيەسى كېۋېن رود كاربون سودا پىلانى توغرىسىدىكى قايتا-قايتا مەيدانغا چىققان ئاۋسترالىيەدىكى كانچىلىق «بايلىق دەرىجىدىن تاشقىرى پايدا بېجى ئېلىش قارارى» دېگەنگە ئوخشاش تەدبىرلىرى ئىناۋىتى تۆۋەنلەپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشچىلار پارتىيەسى ئىچىدىكى ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاز كېچىپ گىللاردقا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق،گىللاردنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سايلاپ چىققان، ئاۋسترالىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭلى بولۇپ قالغان. 

جۇلىيا گىللارد2010-يىلى شۇ چاغدا ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە مائارىپ مىنىستىرى جۇلىيا گىللارد ھۆكۈمىتى 5 مىليون 100 مىڭ ئاۋسترالىيە دوللىرىنى ئاۋىسترالىيە خەلقئارا مائارىپ كەسىپگە مەبلەغ سالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئاساسى مەبلەغ ئېھتىياجى بولغان ئەھۋال ئاستىدا چەت ئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلار مائارىپ مۇلازىمىتى كاپالەت فوندى (ESOSكاپالەت فوندى)، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى. كاپالەت فوندىنى ئاۋىسترالىيە خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش رامكىسىنىڭ ئۇل تېشى، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان چىقىم قىلغان ئوقۇش پۇلى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.

جۇلىيا گىللاردئاۋىسترالىيە زۇڭلىسى گىللارد 2010-يىلى 8-ئايدا، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇش كېرەك دەپ ئېلان قىلغان. 

گىللارد ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار ئايال پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گەرچە ئاۋسترالىيە بىلەن پادىشاھلىق تۈزۈم بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاش ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئىختىلاپ مەۋجۇتلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.

كېلەر ھەپتىدىكى ئاۋسترالىيە چوڭ سايلامدا غەلبە قىلغان گلارد مۇنداق دىدى : ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك پادىشاھلىق  ئاۋىستىرالىيە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پادىشاھلىق تۈزۈم ئۆزگىرىش بولغان چاغدا مۇۋاپىق پەيتى بولۇشى كېرەك دەپ ئېلان قىلغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#