13-ئاۋغۇست ۋەقەسى

ياپونىيە ئىككى ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىنى باھانى قىلىپ 8-ئاينىڭ 13-كۈنى شاڭخەيگە زور كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى، جۇڭگو ئارمىيەسى قايتۇرما زەربە بەردى. مانا بۇ ‹‹ 13-ئاۋغۇست ›› ۋەقەسىدۇر. 

نامى 13-ئاۋغۇست ۋەقەسى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جۇڭگو، ياپونىيە
ۋاقتى 1937-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە
چەتئەلچە نامى 8.13 Incident
باشقا ئاتىلىشى 13 - ئاۋغۇست سۇڭخۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش
ئورنى جۇڭگو شاڭخەي
خەنزۇچە نامى 八一三事变

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

13ئاۋغۇست ۋەقەسى1937-يىلى ياپون جاھانگىرلىكى لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى قوزغىغاندىن كېيىن، يەنە شاڭخەيگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، جەنۇب-شىمالدىن تەڭ قىستاپ، تېز جەڭ قىلىپ تېز غەلىبە قىلىش ئارقىلىق مىللىي ھۆكۈمەتنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلماقچى بولدى. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپونىيىنىڭ ئىككى ھەربىي ئەمەلدارى ھەربىي ماشىنىسى بىلەن شاڭخەي خۇڭچياۋ ئايرودرومىغا ئۈسۈپ كىرىپ، جۇڭگولۇق بىر مۇھاپىزەتچى ئەسكەرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. جۇڭگونىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترىتى قايتۇرما زەربە بېرىپ، ياپونىيىنىڭ ئىككى ھەربىي ئەمەلدارىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ياپونىيە مۇشۇنى باھانە قىلىپ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى شاڭخەيگە زور كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى. جۇڭگو ئارمىيىسى قايتۇرما زەربە بەردى. مانا بۇ «13-ئاۋغۇست» ۋەقەسىدۇر. بۇ ۋەقە « ۋۇسۇڭ-شاڭخەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى جېڭى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

13ئاۋغۇست ۋەقەسىۋەقەدىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى «ئۆزىنى قوغداش» باياناتى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن 400 مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلاپ شاڭخەينى قوغدىدى. 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ياپونىيىمۇ ئارمىيىسىنى 100 نەچچە مىڭ كىشىگە كۆپەيتتى. جۇڭگو ئارمىيىسى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى بىرپەس چېكىندۈردى. باۋشەن ناھىيە بازىرىنى قوغداۋاتقان 500 ئەسكەر ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك توپقا تۇتۇشى ئاستىدا ئىككى كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ، ھەممىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياپونىيە زور كۆلەمدە ئەسكەر يۆتكەپ، شاڭخەي شەھەر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى. تۇەنجاڭ شيې جىنيۈەن 800 ئەسكەرگە قوماندانلىق قىلىپ سىخاڭ ئامبىرىنى مەھكەم ساقلاپ، ئاساسىي قىسىمنىڭ چېكىنىشىنى مۇھاپىزەت قىلدى. ئۇلار تۆت كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرۈپ، ئاساسىي قىسىمنىڭ چېكىنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغاندىن كېيىن چېكىندى. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپونىيە ئارمىيىسى شاڭخەينى ئىشغال قىلىۋالدى.

ئامېرىكا 

13 - ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى ، جۇڭگونى ئۈمىدسىزلەندۈردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى « ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى » توغرىسىدىكى كۆز قارىشى، ۋە «شەرق» بىلەن « ياۋروپا تىنىچلىق » ئۆز ئارا باغلىنىشقا قارىشى بولۇپ، ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىدى. 

سوۋىت ئىتتىپاقى

سۇڭخۇ ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگو دىپلوماتىيە جەھەتتە ئەڭ مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالىغان « جۇڭگو - سوۋېت ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى » گە ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ياردەم بەردى.  

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنىڭ شەكىللىنىشى

 ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىش ۋاقتى بولسا 13 - ئاۋغۇست ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، ياكى باشلاپ 7 - ئاۋغۇستتىن 13-ئاۋغۇستقىچە، 3 بۇ مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن مەزگىل. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#