شۈ چىلياڭ

شۈ چىلياڭ

شۈ چىلياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1950 ـ يىلى 3 ـ ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭنىڭ لىنچۈدىن، 1966 ـ يىلى 7 ـ ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شۈ چىلياڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شەندۇڭ لىنچۈ
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ھاۋا ئارمىيەسى 5-ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 许其亮
مىللىتى خەنزۇ مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1950 ـ يىلى 3 ـ ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شۈ چىلياڭشۈ چىلياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1950 ـ يىلى 3 ـ ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭنىڭ لىنچۈدىن، 1966 ـ يىلى 7 ـ ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1967 ـ يىلى 7 ـ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ھاۋا ئارمىيە 5 ـ ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاۋا ئارمىيەسى شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بار.

1966 ـ يىلىدىن 1966 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 1 ـ ئاۋىياتسىيە تەييارلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 

1966 ـ يىلىدىن 1967 ـ يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 38 ـ جۈن 112 ـ شى 335 ـ تۈەنىدە ئەسكەر بولۇپ چېنىققان؛ 

1967 ـ يىلىدىن 1968 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8 ـ ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1968 ـ يىلىدىن 1969 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 5 ـ ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 

شۈ چىلياڭ1969 ـ يىلىدىن 1970 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26 ـ شىسىنىڭ 77 ـ تۈەنىدە ئۇچقۇچى بولغان؛ 

1970 ـ يىلىدىن 1973 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26 ـ شىسىنىڭ مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىدە ئۇچقۇچى بولغان؛ 

1973 ـ يىلىدىن 1976 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26 ـ شىسى مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1976 ـ يىلىدىن 1980 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26 ـ شىسى مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 

1980 ـ يىلىدىن 1983 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە 26 ـ شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى (بۇ ئارىلىقتا 1982 ـ يىلى 3 ـ ئايدىن 1982 ـ يىلى 10 ـ ئايغىچە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان) بولغان؛ 

1983 ـ يىلىدىن 1984 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە 26 ـ شىسىنىڭ شىجاڭى بولغان؛ 

1984 ـ يىلىدىن 1985 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 4 ـ جۈنىنىڭ مۇئاۋىن جۈنجاڭى بولغان؛ 1985 ـ يىلىدىن 1986 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى شاڭخەي قوماندانلىق ئورنىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان؛ 

1986 ـ يىلىدىن 1988 ـ يىلىغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان؛ 

1988 ـ يىلىدىن 1989 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8 ـ جۈنىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن جۈنجاڭى بولغان؛ 

1989 ـ يىلىدىن 1990 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8 ـ جۈنىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان؛ 

1990 ـ يىلىدىن 1993 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8 ـ جۈنىنىڭ جۈنجاڭى بولغان؛ 1993 ـ يىلىدىن 1994 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى بولغان؛ 

1994 ـ يىلىدىن 1999 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سەنمۇجاڭى (بۇ ئارىلىقتا 1994 ـ يىلى 9 ـ ئايدىن 1994 ـ يىلى 11 ـ ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇش ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا، 1998 ـ يىلى 7 ـ ئايدىن 1998 ـ يىلى 10 ـ ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان) بولغان؛ 

1999 ـ يىلىدىن 2004 ـ يىلىغىچە شېنياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، قوشۇمچە شېنياڭ ھەربىي رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى (بۇ ئارىلىقتا 2001 ـ يىلى 3 ـ ئايدىن 2001 ـ يىلى 7 ـ ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۈنجاڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان) بولغان؛ 

2004 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش سەنمۇجاڭى بولغان؛ 

2007 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 2007 ـ يىلىدىن 2008 ـ يىلىغىچە ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 

2008 ـ يىلىدىن 2012 ـ يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 

2012 ـ يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) 14 ـ، 15 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) 16 ـ، 17 ـ، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) 17 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 ـ يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) 17 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە تولۇقلاپ سايلانغان. ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە تەيىنلەنگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنجاڭ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 

http://www.uycnr.com/zl/zhongguorenwu/201212/t20121210_418996.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/304210.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#