بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ()
  2. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى (تارىختىن بۇيانقى باش كاتىپلار)

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى

ب د ت باش كاتىپى

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى›› دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باش كاتىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسەتكەن نامزات ھەم يىغىن كۆرسەتكەن نامزاتقا ئاساسەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ ھەم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسەتكەن نامزات توققۇز ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتۈشى، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر قارشى تۇرمىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا، دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش كاتىپنى سايلاش جەريانىدا رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى
قىسقارتىلما نامى ب د ت باش كاتىپى
خەنزۇچە نامى 联合国秘书长
ئىنگلىزچە نامى secretary general of the United Nations

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى›› دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باش كاتىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسەتكەن نامزات ھەم يىغىن كۆرسەتكەن نامزاتقا ئاساسەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ ھەم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسەتكەن نامزات توققۇز ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتۈشى، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر قارشى تۇرمىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا، دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش كاتىپنى سايلاش جەريانىدا رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

بان كىمون ئاسىيادىن 2–بولۇپ چىققان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىپى، بىرمىلىق ۋۇ دەن 1961–يىلىدىن 1972– يىلىغىچە بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن. تارىختا ياۋروپالىقلار ب د ت غا كۆپرەك باش كاتىپ بولغان، ئۇلار نورۋېگىيەلىك راي، شىۋىتسىيەلىك خاماشىرد ۋە ئاۋسترالىيەلىك ۋالدھېيىمدىن ئىبارەت. ئەگەر ب د ت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ۋاقىتلىق باش كاتىپ بولغان ئەنگلىيەلىك جېبمۇ باش كاتىپ ھېسابلانسا، ياۋروپالىقلاردىن بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەنلەر جەمئىي تۆت كىشى بولىدۇ. ئافرىقىدىن مىسىرلىق غالى بىلەن گانالىق ئاننان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا باش كاتىپ بولغان، پېرۇلۇق فرېز دېكۇنلىيار بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن تۇنجى لاتىن ئامېرىكىسىلىق ھېسابلىنىدۇ.

ئۆتكەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپلىرىنىڭ تەرجىمىھالىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نوپۇزلۇق دىپلوماتلار، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز دۆلىتىدە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان، پەقەت ئاننانلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلارتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتچىسىلىكىدىن تەدرىجىي ئۆسۈپ باش كاتىپلىق ئورنىغا چىققان. ۋاقتىنچە باش كاتىپ بولغان جېبدىن باشقا قالغان باش كاتىپلارنىڭ ھەممىسى كىچىك دۆلەتلەردىن چىققانلاردۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئەمەلىيەتتىكى مىساللارغا ئاساسلانغاندا، باش كاتىپ ‹‹رايونلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈش›› پىرىنسىپى بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ، ئۇلار جەزمەن ئابرۇيلۇق ۋە مول تەجرىبىلىك دىپلوماتلاردىن بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ ئىشلىرىنى مونوپول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەردىن باش كاتىپلىققا نامزات كۆرسەتمەسلىك بەلگىلەنگەن.

تارىختا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تۇنجى قېتىم باش كاتىپ بولغان راي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرىي ئىستېپا بەرگەن، غالىمۇ ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشى تۈپەيلى ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىيەلمىگەن. ئىلگىرىكى باش كاتىپلار ئىچىدە پەقەت غالىلا بىر نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن، قالغانلىرى ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ۋەزىپە ئۆتىگەن. ۋالدھېيىم 3–قېتىم ۋەزىپە ئۆتەش ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، جۇڭگو ‹‹ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپى›› بويىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كۆسىتىلگەن نامزات بۇ ۋەزىپىنى ئۆتۈشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويغاچقا، ۋالدھېيىم سايلامدىن چېكىنىپ چىققان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسىدە باش كاتىپنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش قېتىم سانىغا چەك قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەت جەريانىدا باش كاتىپلار ئادەتتە پەقەت ئىككى نۆۋەتتىنلا ۋەزىپە ئۆتەپ كەلدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#