بۆدۈنە گۆشى

بۆدۈنە

بۆدۈنە يېشى كىچىك، قۇيرۇقى قىسقا، پەيلىرى بېغىررەڭ كېلىدۇ.بۆدۈنە 

گۆشى ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، تېرىلەرنى پارقىرىتىش، ئوزۇق بولۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى بۆدۈنە
ئىنگلىزچە meat of Common quail
چىقىش ئورنى شىـنجاڭنـىڭ ھـەرقايسـى جايـلىـرىدىـن چىـقىـدۇ. بىـقىـپ كۆپەيتىلىدۇ.
خەنزۇچە نامى (鹌鹑 an chun)
تونۇش ئۇچار قۇشلارنىڭ بىر خىلى
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇچار قۇشلارنىڭ بىر خىلى.

شىـنجاڭنـىڭ ھـەرقايسـى جايـلىـرىدىـن چىـقىـدۇ. بىـقىـپ كۆپەيتىلىدۇ.

شەكلى

 يېشى كىچىك، قۇيرۇقى قىسقا، پەيلىرى بېغىررەڭ كېلىدۇ. ئۇزۇنغا ئۇچالمايدۇ. ئورمانلىقلاردا، چاتقاللار ئارىسىدا ياشايدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتا (amoni acid)، كالتسىي (Ca)، تۆمۈر (Fe) قاتارلىقلار.

قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، تېرىلەرنى پارقىرىتىش، ئوزۇق بولۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش

خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئورۇنباسارى

كەكلىك گۆشى

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، سۆڭەكنى چىڭىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش.

بوغۇملار ئىششىقى، سۆڭەك ئۆسىۋېلىش، باھ ۋە ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، مەنىي تۇتالماسلىق، قان ئازلىق،سۇلۇق ئىششىق،كۆك يۆتەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىقجان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ

تۈزەتكۈچىسى

 قېتىق

1. بۆدۈنىنى ئۆلتۈرۈپ، پاكىز تازىلاپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، «تەبىئەت» نى قۇۋۋەتلەپ، بوغۇملاردىكى ئىششىقنى تارقىتىپ، ئاغرىق توختىتىدۇ؛ سۆڭەك ئۆسۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ، قان كۆپەيتىدۇ.

2. بىر دانە بۆدۈنە گۆشىنى مۇۋاپىق مىقداردا سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، شورپىسىغا ئاقىرقەرھادىن 10 گرام، سۆئلەپتىن 5 گرام، شاقاقۇلدىن 10 گرام، زەنجىۋىلدىن15  گرام، ئاقمۇچتىن 10 گرام، قارىمۇچتىن 15 گرامنى سېلىپ تاتلىقىنى چىقىرىپ، ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەپ، بالدۇر مەنىي كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. مۇۋاپىق مىقداردىكى پىشۇرۇلغان بۆدۈنە گۆشىنى 100 مىللىلېتىر تاتلىق ئانار سۈيى بىلەن يەپ بەرسە، قان كۆپەيتىپ ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.[0]



ئۇچار قۇشلارنىڭ بىر خىلى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=356

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#