قاداقچىلىق مەدەنىيىتى

خەلقىمىزدە قاداقچىلىق مەدەنىيىتى

خەلقىمىزدە سۇنغان فار فۇر بۇيۇملىرىنى قاداق مىخ بىلەن قاداش ئىشىنى قاداق سېلىش، سۇنغان فار – فۇر بۇيۇملىرىنى قاداشنى كەسىپ قىلغان كىشىنى قاداقچى، سۇنغان فار فۇر بۇيۇملىرىنى قاداش كەسپى ياكى ئىشىنى قاداقچىلىق دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەلقىمىزدە سۇنغان فار فۇر بۇيۇملىرىنى قاداق مىخ بىلەن قاداش ئىشىنى قاداق سېلىش، سۇنغان فار – فۇر بۇيۇملىرىنى قاداشنى كەسىپ قىلغان كىشىنى قاداقچى، سۇنغان فار فۇر بۇيۇملىرىنى قاداش كەسپى ياكى ئىشىنى قاداقچىلىق دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. 

 ئەجدادلىرىمىز سۇنغان ساپال بۇيۇملىرىنى تاشلىۋەتمەي، سۇنۇق پارچىلىرىنى جايى – جايىغا كەلتۈرۈپ قاداپ داۋاملىق ئىشلىتىپ، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ تەننەرخىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن تېجەشلىكلىكىنى ھەر جەھەتتىن نامايان قىلىپ كەلگەن. ئۇلار ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ قاداقچىلىقتىن ئىبارەت قول ھۈنەر–سەنئىتىنى ياراتقان ھەم قاداقچىلىق قول ھۈنەر – سەنئىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر قاتار كېرەكلىك جابدۇقلارنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.

بۇ جابدۇقلار ئاساسلىقى قاداق ۋە غىدىغۇچتىن ئىبارەت.

قاداق قاداق مىخ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇنغان ساپال بۇيۇملىرىنى ياماش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل مىخ بولۇپ، ئادەتتە مىس ياكى تۆمۈردىن ياپىلاق ھەم ئەگمەچ قىلىنىپ، ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق ھالەتتە ياسىلىدۇ.

غىدىغۇچ قاداقچىنىڭ قادايدىغان چىنىنى تېشىدىغان تاسمىلىق ئۈشكە شەكلىدىكى كىچىك ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت.

20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغىچە مەھەللە مەھەللىلەرگە كېلىپ قاداقچىلىق قىلىدىغان ئۇستىلارنى كۆرگىلى بولاتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاداقچىلىق تۇرمۇشىمىزدىن بىراقلا يوقالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#