مۇقەددەس ئىتتىپاق ئۇرۇشلىرى

رىم پاپاسى 11-ئىننوكېنتيۇس، پولشا پادىشاھى 3-جان سوبېسكىنى ۋېنا ئۇرۇشىدا تۈركلەرگە قارشى تۇرۇشقا قايىل قىلغان ئىدى. تۈركلەرنىڭ ۋىنا مۇھاسىرىسىدە يېڭىلىپ چېكىنىشى بىلەن، پاپا ئىننوكېنتىيۇس تۈركلەرنى پۈتۈن ۋېنگىرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىشقا باشلىدى. رىم پاپاسى ئۆز غەزىنىسىدىن نۇرغۇن پۇل ئاجرىتىپ ئاۋىسترىيە ئىمپىرىيەسى، پولشا، ۋېنىتسىيە، مالتا چەۋەندازلىرىنى "مۇقەددەس ئىتتىپاق" ئىسىمى بىلەن بىر بايراقنىڭ ئاستىغا توپلىدى.

ئۇيغۇرچە نامى مۇقەددەس ئىتتىپاق ئۇرۇشلىرى
خەنزۇچە نامى 神圣同盟战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رىم پاپاسى 11-ئىننوكېنتيۇس، پولشا پادىشاھى 3-جان سوبېسكىنى ۋېنا ئۇرۇشىدا تۈركلەرگە قارشى تۇرۇشقا قايىل قىلغان ئىدى. تۈركلەرنىڭ ۋىنا مۇھاسىرىسىدە يېڭىلىپ چېكىنىشى بىلەن، پاپا ئىننوكېنتىيۇس تۈركلەرنى پۈتۈن ۋېنگىرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىشقا باشلىدى. رىم پاپاسى ئۆز غەزىنىسىدىن نۇرغۇن پۇل ئاجرىتىپ ئاۋىسترىيە ئىمپىرىيەسى، پولشا، ۋېنىتسىيە، مالتا چەۋەندازلىرىنى "مۇقەددەس ئىتتىپاق" ئىسىمى بىلەن بىر بايراقنىڭ ئاستىغا توپلىدى. كېيىنچە بۇ ئىتتىپاققا رۇسىيەمۇ قوشۇلدى ۋە بىر مۇنچە ئۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىدە تۈركلەرنى ۋېنگىرىيەدىن قوغلاپ چىقاردى

1683- يىلى

تۈركلەر ئىككىنچى قېتىملىق ۋېنا مۇھاسىرىگە ئالغان بولسىمۇ يەنە يېڭىلدى. 

10-ئايدا ۋېنادا بىرلەشكەن مۇقەددەس ئىتتىپاق ئارمىيەسى ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. ئوسمانىيە گېنىرالى قارا مەھمەت پولشا قوشۇنلىرىنى توختاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن سان-ساناقسىز قوشۇنغا تەڭ كېلەلمىدى. 11- ئايدا خاپىسبۇرگ قوشۇنلىرى بۇداپىشتىكى ئەستېرگون قەلئەسىنى ئىگەللىدى.

1684-يىلى

7-ئايدا ۋېنىتسىيە ئوسمان دۆلىتىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ھازىرقى سېربىيەدىكى ۋىشېگراد، ئاياماۋرى ئارىلى ۋە جەنۇبى كرودىيەدىكى بىر مۇنچە قەلئەنى قولغا چۈشۈردى.

1685-يىلى

4-ئايدا تۈرك قوشۇنلىرى ۋېنىتسىيەلىكلەرنى سىڭ ئۇرۇشىدا يەڭدى.

8-ئايدا تۈركلەر سلوۋاكىيەدىكى ئۇيۋار قەلئەسىنى قولدىن بېرىپ قويدى.

1686-يىلى

6- ئايدا ۋېنىتسىيەلىكلەر گرىتسىيەنىڭ غەربىدىكى ناۋارىن قەلئەسىنى قولغا چۈشۈردى.

9-ئايدا لوررىئانې كېنەزى 6-چارلىسنىڭ قوماندانلىقىدىكى مۇقەددەس ئىتتىپاق قوشۇنلىرى، تۈركلەرنىڭ ۋېنگىرىيەدىكى باش شەھىرى بۇدىنغا ھۇجۇم قىلدى. بۇدىن ۋالىسى ئابدۇرراخمان ئاۋنى پاشا 2.5 ئاي شەھەرنى قوغدىغان بولسىمۇ، ياردەم كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرى ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە شەھىت بولدى. بۇدىن قەلئەسىنىڭ خىرىستىيانلارنىڭ قۇلىغا ئۆتىشى بىلەن ۋېنگىرىيەدىكى تۈرك ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىشقا باشلىدى. بۇدىن شەھرىدىكى پۈتۈن مۇسۇلمان خەلق ۋە تۈرك ئەسكەرلىرى قەتلى قىلىندى. 

1687-يىلى

8-ئايدىكى مۇخاچ ئۇرۇشىدا تۈرك قوشۇنلىرى قاتتىق يېڭىلدى، ۋالپو، پوسېگا قاتارلىق 15 قەلئە مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ قۇلىغا چۈشتى. موخاچ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن قالغان تۈرك قوشۇنلىرى "پادىشاھنىڭ دۆلەت ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىدى" دەپ سەپنى تاشلاپ ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان 4-مەھمەت تەختتىن مەجبۇرى چۈشۈرۈلۈپ ئورنىغا 2-سۇلايمان چىقتى. 

9-ئايدا ۋېنىتسىيەلىكلەر ئافىنانى تۈركلەردىن تارتىۋالدى.

11-ئايدا خاپسبۇرگ قوشۇنلىرى ۋېنگىرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەگرى قەلئەسىنى ئىگەللىدى.

1688-يىلى

9-ئايدا تۈركلەر بېلگىراد قەلئەسىنى قولدىن بېرىپ قويدى. قەلئەنى قولغا چۈشۈرگەن ئاۋىستىرىيە خاپىسبۇرگ قوشۇنلىرى شەھەردىن قېچىشقا تەمشەلگەن پۈتۈن خەلقنى قەتلى قىلدى.

1689-يىلى

6-ئايدا سۇلتان 2-سۇلايمان ياۋروپاغا قايتارما ھۇجۇم باشلىدى. بوسنىيە ۋە رۇمىنىيەدىكى گلادوۋا ۋە ئورشوۋا قەلئەلىرىنى قولغا چۈشۈردى.

باش ۋەزىر فازىل مۇستافا پاشا دەۋرى

تۈركلەرنىڭ 2-قېتىملىق ۋېنا مۇھاسىرىسىدىمۇ يېڭىلىشى ۋە قارا مۇستافا پاشانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ئۇنىڭ تۇققىنى فازىل مۇستافا پاشانى غەزەپلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن قوشۇندا ئىسلاھ ئېلىپ باردى، تايىنى يوق، باشباشتاق ئەسكەرلەرنى جازالىدى. كېيىن مەخسۇس پارتىلىغۇچى پوروخ ئىشلەپچىقىرىدىغان يەرلەرنى قۇردى. كەينىدىن ھۇجۇمغا چىقتى.

1690-يىلى

2-ئايدا قىرىم خانى سەلىم گىراي جەنۇبى بالقان يېرىم ئارىلىدىن ئىتتىپاقداشلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئوسمان دۆلىتىگە ياردەم ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ يېقىنىدىكى ئەدىرنە شەھرىگە كەلدى. 

7-ئايدا غەربى جەنۇبى ۋېنگىرىيەدىكى كانىژە قەلئەسى ئىتتىپاقداشلارنىڭ قۇلىغا چۈشتى.

8-ئايدا تۈركلەر ترانسىلۋانىيەدە ئاۋىسترىيە قوشۇنلىرىنى يەڭدى.

10- ئايدا باش ۋەزىر فازىل مۇستافا پاشا قوماندانلىقىدىكى تۈرك قوشۇنلىرى بېلگىرادنى قايتىدىن قولغا كىرگۈزدى. ئاۋىسترىيە خاپىسبۇرگ قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىدى.

1691-يىلى

3-ئايدا تۈركلەر ئالبانىيەدىكى ئاۋلونىيا قەلئەسىنى ۋېنىتسىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى.

8-ئايدا سلانكامېن ئۇرۇشى يۈز بەردى. ئاۋىسترىيەگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتقان فازىل مۇستافا پاشانىڭ قوشۇنلىرى، سېربىيەنىڭ سىلانكامېن دىگەن يېرىدە ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇزۇن سۈرگەن شىددەتلىك جەڭنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىتتىپاقداش قوشۇن يېڭىلىشكە باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا قىرىم خانىنىڭ قوشۇنلىرىمۇ ئوسمان قوشۇنلىرىغا ياردەمگە كېلىۋاتقان ئىدى. 

ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە تۇيۇقسىز فازىل مۇستافا پاشانىڭ پىشانىسىگە بىر ئوق تېگىپ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن تۈرك قوشۇنلىرى جىددىيلىشىپ يېڭىلىشكە باشلىدى. تۈركلەرنىڭ تەمتىرەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئىتتىپاقداشلار پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە تۈركلەر مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. قىرىم خانى يېتىپ كەلگەندە مەغلۇپ بولغان تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى.

1692-1693 يىللىرى

بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن تۈرك قوشۇنلىرى بارلىق سەپلەردە يېڭىلىشكە باشلىدى. پولشالىقلار دۇناي دەرياسى ۋادىسىغا چۈشۈپ كامانىچە ۋە ۋارات شەھەرلىرىنى ئىگەللىدى. ۋېنىتسىيەلىكلەر بولسا كرودىيەنىڭ بەزى قىسىملىرىنى قولغا چۈشۈردى.

1694- يىلى

9-ئايدا ۋېنىتسىيەلىكلەر گرىتسىيەنىڭ سېغىز ئارىلىغا ئەسكەر يوللىدى. ئارال ئۇرۇشسىز تەسلىم بولدى. ئۇرۇش بولمىغانلىقى ئارالدىكى مۇسۇلمان خەلققە چېقىلمىدى ۋە ھەممىسىنى پاراخوتلار بىلەن تۈركىيەگە يوللىۋەتتى.

سۇلتان 2-مۇستافا دەۋرى

بۇ دەۋىردە يەنە بىر تۈرك قوماندانى ھۈسەيىن پاشا خېلى جىق غەلىبىگە ئېرىشتى. سۇلتان 2-مۇستافا قوشۇنىنى باشلاپ يەنە ئاۋىسترىيەگە قاراپ ماڭدى. غەلىبە بىلەن ئىلگىرلەپ ماڭغان قوشۇن تىسا دەرياسى بۇيىدا تەلەيسىزلىككە ئۇچراپ ئىتتىپاقداش قوشۇنغا قاتتىق يېڭىلىدۇ.

1695-يىلى 

4-ئايدا ئادمىرال ھۈسەيىن پاشانىڭ دېڭىز قوشۇنلىرى سېغىز ئارىلىنى ۋېنىتسىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى.

7- ئايدا ۋېنىتسىيە قوشۇنلىرى ئىگەي دېڭىزىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

9-ئايدا سۇلتان 2-مۇستافا غەربى رۇمىنىيەدىكى رۇگوج ئۇرۇشىدا ئاۋىستىرىيە قوشۇنلىرىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.

10- ئايدا جەنۇبى ئۇكرائىنادىكى كەفە بەگلىكىنىڭ بىگى مۇرتازا پاشا ۋە قىرىم خانى دون دەرياسى بۇيىدىكى ئازاك قەلئەسىنى رۇسلاردىن قۇتقۇزدى.

1696-يىلى

8-ئايدا رۇس قوشۇنى ئازاك قەلئەسىگە قايتا ھۇجۇم قىلىپ ئىگەللىدى.

8-ئايدا سۇلتان 2-مۇستافا ئاۋىسترىيە قوشۇنلىرىنى ئىككىنچى قېتىم مەغلۇپ قىلدى.

1697-يىلى

9-ئايدا سۇلتان 2-مۇستافا تىسا دەرياسىنىڭ تۇزاققا چۈشۈپ ئېغىر دەرىجىدە يېڭىلىدۇ. ئاۋىسترىيە قوشۇنى تىسا دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا تۇرۇۋېلىپ دەريادىن ئۆتۈپ بۇلالمىغان تۈرك قوشۇنىنى ئېغىر زمبىرەك بومباردىمانىغا تۇتۇپ 30 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇرۇشتا باش ۋەزىر ئالماس مەھمۇت پاشامۇ ئۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قوشۇن چېكىنىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. زېنتا ئۇرۇشى مۇقەددەس ئىتتىپاق ئۇرۇشلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چوڭ ئۇرۇشى بولۇپ قالىدۇ.

1698-يىلى

ئەنگىلىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ سالاسى بىلەن ياۋروپادىكى ئۇرۇشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۈگۈنكى سېربىيەنىڭ كارلوفچا دىگەن يېرىدە ئۇچرىشىپ يىغىن ئاچتى.

كارلوفچا ئەھدىنامىسى

ئۇزۇن يىللار داۋام قىلغان ئۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىدە ئوسمان ئىمپىرىيەسىگە ھارغىنلىق يەتتى. بولۇپمۇ ئىنگىلىزلارنىڭ سالا قىلىشى بىلەن سۇلتان 2-مۇستافا سۈلھى قىلىشقا قوشۇلدى. ئىمزالانغان كارلوفچا ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن بانات ۋە تىمىشورا رايونلىرىدىن باشقا پۈتۈن ۋېنگىرىيە ۋە ئېردىل بەگلىكى (رۇمىنىيەنىڭ ترانسىلۋانىيە قىسىمى) ئاۋىستىرىيەگە، ئۇكرائىنا پولشاغا، گرىتسىيەنىڭ مورا قىرغاقلىرى ۋە كرودىيەنىڭ دېڭىز تەرەپلىرى ۋېنىتسىيەگە بۆلۈپ بېرىلدى. بالقان يېرىم ئاراللىرى بولسا ئوسمان ئىمپىرىيەسىگە قالدى. [0]

مەنبە:ئىزدىنىش تورى


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#