كۆز ئاغرىقى

كۆز ئاغرىقى

كۆز ئاغرىقى بولسا يۇقۇملىنىش ۋە كۆز تازىلىقىغا رىئايە قىلماسلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولىدىغان كۆز قىزىرىپ ئىششىش، قاپاق ئىچكى شىللىق پەردىلىرىمۇ ئىششىش، كۆزى قان قۇيغاندەك بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى كۆز ئاغرىقى
كېسەللىك سەۋەبى يۇقۇملىنىش ۋە كۆز تازىلىقىغا رىئايە قىلماسلىق
تەۋە بۆلۈم كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى كۆز قىزىرىپ ئىششىش، يورۇققا قارىيالماسلىق
خەنزۇچە نامى
كېسەللىك ئورنى كۆز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆز ئاغرىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە كۆز تازىلىقىغا رىئايە قىلماسلىق، كۆزى ئاغرىق كىشىلەر ئىشلەتكەن سايمانلارنى ئىشلىتىش، زۇكام ۋە سۆزنەك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كۆز قىزىرىپ ئىششىش، قاپاق ئىچكى شىللىق پەردىلىرىمۇ ئىششىش، كۆزى قان قۇيغاندەك بولۇپ قېلىش، باش ۋە گەجگىلىرى ھەم كۆز ئالمىسى لوقۇلداپ ئاغرىش، كۆزدە ئېچىشىش ۋە قادىلىش سېزىلىش، ئۇيقۇ قېچىش، كۆزنى ئاچالماسلىق، يورۇققا قارىيالماسلىق، چاپاق ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: بىنەپشە ئالتە گىرام، سەرپىستان بەش دانە، چىلان تۆت دانە، تەمرى ھىندى 120 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قاينىتىلغان سۇغا چىلاپ، تەمىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: سەبرە سۇقۇترى، ئوسارە ئەپسەنتىن، مەستىكى رۇمى، غارىقۇن 10 گىرامدىن، ئاچچىقتاۋۇز، سوقمونىيا بەش گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 7 ~ 9 تالدىن ئاخشىمى ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

كۆز ئاغرىقىتەركىبى: ئاق لەيلىگۈلى 30 گىرام، ھۆل يۇمغاقسۈت، ئەنگۈرشىپا 15 گىرامدىن، يېڭى تۇغقان ئايالنىڭ سۈتى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئايال سۈتى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم گەجگىگە تېڭىلىدۇ. 

رېتسېپ :

   يۇمغاقسۈت كۆكىنى ئېزىپ، سىقىپ، سۈيىنى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالنىڭ سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا، ھەرخىل ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كۆز كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

باشقا رېتسېپلار

رېتسېپ: يۇمغاقسۈت كۆكىنى ئېزىپ، سىقىپ، سۈيىنى گۈل سۈيىنى گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا، كۆزدىكى قىزىللىقنى ئالىدۇ ۋە كۆزنىڭ قىچىشىپ ئاغرىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ: يېڭى سېغىلغان كالا سۈتىنى كۆزگە تېمىتىپ بېرىلسە كۆزدىكى قان نوكچىسىنى يوقىتىدۇ.

كۆز ئاغرىقىرېتسېپ: كالا سۈتىنى 250 گىرام، ھەسەل 30 گىرام، سارغايتىلغان ياڭاق مېغىزى 20گىرام، سارغايتىلغان ياڭاق مېغىزى 20گىرام، توخۇ تۇخۇمى بىر دانە. تۇخۇمنى سۈتكە چېقىپ قوچۇپ، ئاندىن سوقۇلغان مېغىز بىلەن ھەسەلنى قويۇپ، ئۆرلىتىپ تەييارلىنىدۇ. بۇ بىرلەمچى كۆز بېسىمى ئېشىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر قانچە كۈن ئىچىپ بېرىلىدۇ.

رېتسېپ: مېكىيان گۆشىنى نوقۇت بىلەن پىشۇرۇپ يەپ بەرسە كۆز ئالدىدا بىر نەرسە ئۇچقاندەك بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ: قىز بالىلىق ئايالنىڭ سۈتىگە، يۇمغاقسۈت كۆكىنى سىقىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۆزگە تېمىتسا ھەرخىل سەۋەبلەردىن بولغان كۆز ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=32&id=175

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#