ۋىللېمستاد

ۋىللېمستاد

غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى گوللاندىيىگە قاراشلىق كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى ھەم مۇھىم پورت شەھىرى. بۇ شەھەر كيورا-سو ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى سانت ئاننا قولتۇق بويىغا جايلاشقان. 

ئىسمى ۋىللېمستاد
ئىنگىلىسچە ئىسمى Willemstad
كىلىماتى تىروپىك بەلباغنىڭ مۇسسۇن ئىقلىمىغا تەۋە
خەنزۇچە ئىسمى 威廉斯塔德
نوپۇسى 58000 (2003 يىل)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىللېمستاد

غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى گوللاندىيىگە قاراشلىق كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى ھەم مۇھىم پورت شەھىرى. بۇ شەھەر كيورا-سو ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى سانت ئاننا قولتۇق بويىغا جايلاشقان.بۇ شەھەر 1634-يىلى سېلىنغان. ھازىر ئۇ گوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئاراللىرىنىڭ مۇھىم سودا ھەم سانائەت مەركىزى، شۇنداقلا ئاتاقلىق ئەركىن پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە چوڭ تىپتىكى زامانىۋىلاشقان نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بار بولۇپ، ۋېنېسۇئېلا ھەم كولومبىيىدىن ئىمپورت قىلغان نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدۇ. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، ئۈسكۈنىلىرى زامانىۋى بولۇپ، غايەت چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ، ۋېنېسۇئېلاننىڭ ماراكايىبو رايونىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىتنى ئالماشتۇرۇپ يۆتكەش بېكىتى ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئىچىدە گوللاندىيىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان قۇرۇلۇشلار، چېركاۋلار(1769-يىلى سېلىنغان) ، كونىشەھەر خارابىلىرى، مۇزېيلار، شۇنداقلا غەربىي يېرىم شار بويىچە ئەڭ قەدىمىي يەھۇدى دىنىنىڭ چېركاۋى(1732-يىلى قۇرۇلغان) ، قۇل سودا بازىرىنىڭ قالدۇقلىرى بار. ۋىللېستاد شەھىرى گوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئاراللىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.

بىناكارلىق سەنئىتى

ھاۋاسى ئىنتايىن ساپ ، مۇھىيتى ئالاھىيدە ياخشى مىھمانخانىلار ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىناكارلىق سەنئتى ، رەڭگارەڭ ھايۋانات ۋە ئۈسۈملۈك ، ئۇچۇق ھاۋا ، خىرۇستالدەك سۈزۈك دېڭىز سۈيى كىشىنى ئۆزىگە تۇلىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.

بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان تارىخىي قۇرۇلۇشلار ۋە خارابىلىك بار . بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 750 كورپۇس قۇرۇلۇش ، زور كۆپچىلىكى تارىخىي شەھەر - بازار قۇرۇلۇش ، يادىكارلىقلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن . شەھەر سىرتىدا ، 18 - ۋە 19 - ئەسىردىكى تەخمىنەن 80 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئەڭ ياخشى تەبىئىيلىكى ساقلانغان . 1634 -يىلى گوللاندىيىلىكلەر قۇرغان بازار،  گوللاندىيە نىڭ مۇستەملىكەسى ئەسلى قىياپىتى ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى رەڭدار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن .  تارىخىي دەۋرلەردىكى شەھەر - بازار تارىخىي ئىمارەت ، شۇنىڭدەك ، ئوخشاش بولمىغان ئۆرىپ ئادەت ۋە تارىخى ۋەقەلەرنى  كۆرسىتىپ بەرگەن .  17 - ۋە 18 - ئەسىردىكى قامغاق ۋە ئوتراباندا ، 18 - ۋە 19 - ئەسىردە پېتېر تۈگۈنى . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي تارىخىي شەھەر قۇرۇلمىسى ۋە بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئارىلاشما دەسلەپكى گوللاندىيە نىڭ مۇستەملىكى ۋە كارىب بىناكارلىق ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن ئالاھىدە گەۋدىلىك چىققان .

ۋىللېمىستادىكى ھەر خىل مەدەنىيەت ، تارىخىي قىممەت ، ئىچكى شەھەر ۋە پورت  ئاسارئەتىقىلىرى ۋىللېمىستادنى  « دۇنيا مىراسلىرى مۇندەرىجىسى » دىگەن نامغا ئىرىشتۈرگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#