خېمىر يېيىش، نان راسلاش ئۈچۈن رەخت ياكى ئاشلانغان تېرىدىن داستىخان شەكلىدە مەخسۇس ياسالغان تۆشۈك سايمىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خېمىر يېيىش، نان راسلاش ئۈچۈن رەخت ياكى ئاشلانغان تېرىدىن داستىخان شەكلىدە مەخسۇس ياسالغان تۆشۈك سايمىنى. 

 سۇپرا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، ئىشلىتىش تارىخى ئۇزاق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق تۈرلىرى كۆپ بولۇپلا قالماي، تاماق جابدۇقلىرىمۇ كۆپ، سۇپرا مانا مۇشۇ تاماق جابدۇقلىرى ئىچىدىكى مۇھىم ئاشخانا جابدۇقى.

    سۇپرا يەرلىك ئۇسۇلدا توقۇلغان جاۋا ياكى چەكمەن رەختتىن تەييارلىنىدۇ. مەيلى جاۋا ياكى چەكمەن رەخت بولسۇن ئەستەرلىنىدۇ. چوڭلىقى بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا تۆت چاسا قىلىپ تىكىلىدۇ ۋە سۇپرىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە كىچىك تۆت خالتا چىقىرىلىدۇ، بىرىنىڭ ئىچىگە تۇز، بىرىنىڭ ئىچىگە ئۇن، بىرىنىڭ ئىچىگە ئاز مىقداردا خېمىر تۇرۇچ سېلىپ ئېغىزى تىكىۋېتىلىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە بۇغداي ئۇنى سۇپرىسى ۋە قوناق ئۇنى سۇپرىسى دەپ ئىككى سۇپرا بولىدۇ.

    سۇپرا ئۇن تاسقاش، سۇيۇقئاش خېمىرىنى يېيىش، چۆچۈرە، كۆمەچ ۋە ھەرخىل قىيمىلىق تائاملارنىڭ خېمىرىنىڭ يۈزىنى ئېچىش، نان ياققاندا نان زۇۋۇلىنى چوڭايتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. قوناق ئۇنى سۇپرىسى قوناق ئۇنىنى تاسقاش، قوناق كۆمۈچى، قوناق كومۇلىكى، سىقماق ئاش، قوناق قۇيمىقى قاتارلىق تائاملارنى ئېتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. سۇپرىغا دەسسەش ياكى باشقا غەيرى نەرسىلەرنى سۇپرا ئۈستىدە قويۇش چەكلىنىدۇ، سۇپرا ھەر ۋاقىت پاكىز تۇتىلىدۇ. خېمىر تۇرۇچ ھەم تاماقتىن ئېشىپ قالغان خېمىر سۇپرىدا ساقلىنىدۇ.

    ئۇيغۇرلاردا ھەر قانداق ئائىلىدە سۇپرا بولىدۇ ھەم ئەۋلادمۇ ئەۋلاد پەرزەنتلىرىگە قالدۇرۇلىدۇ. ئۆي ئايرىپ چىققان پەرزەنتلىرىگە ئايرىم – ئايرىم سۇپرا تەييارلاپ بېرىلىدۇ. قىزلار ياتلىق بولغاندا ئاپىسى ئىككى خىل سۇپرا تەييارلاپ، سۇپرا بۇرجىكىدىكى خالتىغا خېمىر تۇرۇچ، بىر بۇرجىكىدىكى خالتىغا ئازراق بۇغداي ئۇنى، بىر بۇرجىكىدىكى خالتىغا ئازراق قوناق ئۇنى، بىر بۇرجىكىدىكى خالتىغا تۇز سېلىپ ئاغزىنى تىكىپ، چىرايلىق قاتلاپ، باشقا تۇرمۇش مۇلازىمەتلىكلىرى بىلەن قوشۇپ، قىزى ياتلىق بولغان ئائىلىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ. بۇ، قىزنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىغا قەدەم قويغانلىقىنى، ئائىلىنى تىرىشچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ، ئاش – تائامنى ئىسراپ قىلماسلىق، تۇرمۇشتا بەختلىك بولۇش، يېمەك – ئىچمەكنىڭ مەڭگۈ مول بولۇشىنى بىلدۈرىدۇ.

    سۇپرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىزلىق ئېڭى، ئىقتىسادچانلىق قارىشى سىڭگەندىن سىرت، ئاتا – ئانىنىڭ بالىغا بولغان ئۈمىد – ئارزۇسى، ئىشەنچى، بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىغا بولغان ھۆرمەت، مۇھەببەت تۇيغۇسى سىڭگەن. سۇپرا ئادەتتىكى بىر تۇرمۇش بۇيۇمىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مەنا مۇجەسسەملەنگەن. ھازىرمۇ نۇرغۇن ئائىلىلەردە سۇپرا ئىشلىتىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#