مەجۇنى سۆرۈنجان

 مەجۇنى سۆرۈنجان غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، يەل ھەيدەپ توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختۇتۇش تەسىرىگە ئىگە.

دورا نامى مەجۇنى سۆرۈنجان
تونۇش نامى Zhitong Surunjiang Migao
ئاساسلىق دورىسى سۆرۈنجان
خەنزۇچە نامى 止痛苏润江蜜膏
ياسالما شەكلى مەجۇن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

‹ مەجۇنى سۆرۈنجان› نىڭ ئاساسلىق تەركىبى 
 نامى مىقدارى  نامى  مىقدارى  نامى  مىقدارى  نامى  مىقدارى 
 سۆرۈنجان          45 گرام    قىزىلگۈل    15 گرام تۇربۇت   45 گرام كۈنجۈت   15 گرام
 كۆپۈكى دەريا    7.5 گرام  پىننە  7.5   گرام  بادام مېغىزى    30 گرام ھېلىلە 33 گرام 
      تاش تۇز    7.5 گرام شەترەنجى   33   گرام  ئاق مۇچ     7.5 گرام  زىرە  33 گرام 
  ئارپا بەدىيان    7.5 گرام پىلە غوزىكى   33   گرام    زەنجىۋىل    15 گرام ماھى زەھرەج  33 گرام
  كەرەپشە ئۇرۇقى   33 گرام سوقمونىيا    7.5 گرام    

بۇ ساغۇچ جىگەررەڭلىك مەجۇنات بولۇپ،تەمى ئاچچىق.

يۇقۇرىدىكى 19 خىل دورىدىن پىلە غوزىكىدىن باشقا 18 خىل دورىنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ تەييارلايمىز؛ پىلە غوزىكىنى سۇ قوشۇپ 1 سائەتتىن 3 قېتىم قاينىتىمىز، قاينىتىلمىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، سۈزۈپ، سۈزۈلمىنى قىيام ھالىتىگە كەلتۈرۈمىز. يۇقۇرىدا دىيىلگەن تالقان ۋە قىيامنى مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 1000g مەجۇن تەييارلىنىدۇ.

ئۆلچەم 

 ھەر بىر قۇتىغا 100g  دىن قاچىلىنىدۇ. 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى 

كۈنىگە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 10~5 گىرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.

ساقلاش 

ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

بوغۇملار ئاغرىش، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى،  رىماتىزىم، ساختا رىماتىزىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

(1)دورىدىن 30g ئېلىپ، ئېزىپ، دىئاتومىددىن مۇۋاپىق قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئېتانولدىن 50ml  قوشۇپ ئايلانما ئېقىمدا 1 سائەت تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ، سۈزۈۋالغان سۇيۇقلۇقنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ، قالدۇقىغا 30ml سۇ قوشۇپ ئېرىتىپ، 20ml ئېتىل ئاتسىتات بىلەن چەككىلەپ، ئېتىل ئاتسىتاتنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،قالدۇقىغا ml1 مېتىل ئىسپىرت قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. قىزىلگۈل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 2g ئېلىپ، ئېتىل ئېفىردىن 10ml قوشۇپ، 30 مىنۇت چايقاپ، سۈزۈپ، سۈزۈۋېلىنغان سۇيۇقلۇق سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سىناق قىلىنغۇچى ئېرىتمىدىنµl7، سېلىشتۇرما دورا ئېرىتمىسىدىن µl5 شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (8:4:3:1) تولۇئول -ئاتسېتون-ئېتىل ئاتسىتات-فورمات كىسلاتانى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %1 لىك تۆمۈر ئۈچ خلورىد ئېتانول ئېرىتمىسى ۋە%1 لىك كالىي فېررىسىئاناد ئېرىتمىسى نىڭ (:11 (لىك ئارىلاشما ئېرىتمىسىنى پۈركۈيمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك نۇرلۇق داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.

(2) دورىدىن 30g ئېلىپ، مۇئاپىق دىئاتومېد بىلەن تەكشى ئارلاشتۇرۇپ،ئېتانولدىن 50ml قوشۇپ بىر قانچە مىنۇت چايقاپ، 5سائەت تىنچ تۇرغۇزىمىز، سۈزۈپ، سۈزۈۋالغان سۇيۇقلۇقنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ، سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. زەنجىۋىل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 2g ئېلىپ، يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سىناق قىلىنغۇچى ئېرىتمە ۋە سېلىشتۇرما دورا ئېرىتمىسىدىنµl4 شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ،(1:1) سېكلو ھېكسان-ئېتىل ئېفىرنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈپ، داغ توچكۇلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگۈچە ℃105لۇق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك نۇرلۇق داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ. تەكشۈرۈش بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى، قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=3&contentNameId=746

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=3&contentNameId=746

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#