ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇملۇق ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى

ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇملۇق ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى

ھامىلىدارلىق دەۋرىدە يۇقۇملۇق ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلگەندە، ئاسانلا جىگەردە نىكرۇزلىنىشنى پەيدا قىلىپ ئانا-بالىنىڭ ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇملۇق ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
خەنزۇچە نامى 姓娠合并急性病毒性肝炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھامىلىدارلىق دەۋرىدە يۇقۇملۇق ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلگەندە، ئاسانلا جىگەردە نىكرۇزلىنىشنى پەيدا قىلىپ ئانا-بالىنىڭ ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  

1.ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇتنىڭ جىگەر ياللۇغىغا بولغان تەسىرى

: ھامىلىدارلىق دەۋرىدە ئانىنىڭ ئۇزۇقلۇق سەرپىياتى كۆپ بولۇپ، كاربون ۋە سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالمىشىشى كۈچىيىپ، جىگەرنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا كېسەلگە نىسبەتەن قارشىلىق كۈچى ئاجىزلىشىپ، ئوڭايلا يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى ئېغىر دەرىجىدىكى جىگەر ياللۇغىغا تەرەققىي قىلىپ جىگەرنىڭ نىكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇغۇت جەريانىدا جىگەرنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. 

2.جىگەر ياللۇغىنىڭ ھامىلىدارلىققا ۋە تۇغۇتقا بولغان تەسىرى

ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇملۇق ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى 1. ئانىغا بولغان تەسىرى: ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە قوشۇلۇپ كەلگەن جىگەر ياللۇغى سېزىكنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە قوشۇلۇپ كەلگەن جىگەر ياللۇغى ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامىتى (ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىگەر ياللۇغى بولغانلارنىڭ قان ئۇيۇش خىزمىتى ياخشى بولمىغاچقا تۇغۇتتىن كېيىن ئاسانلا قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  

2. ھامىلىگە بولغان تەسىرى: جىگەر ياللۇغى جاراسىمى بالا ھەمرىيى ئارقىلىق ھامىلىگە ئۆتۈپ، ھامىلىدە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چالا تۇغۇش، ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش، ئۆلۈك تۇغۇش ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلىدۇ. بەزىدە جىگەر ياللۇغى جاراسىمى ھامىلىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش، شەخسى تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، جىگەر كېسىلى بىلەن ئۇچراشقان تارىخى بولغانلارغا گامما شارچە ئاقسىلى (-Globulinom) ۋە بالا ھەمرىيى شارچە ئاقسىلى (Globulinum pkacentas) نى ئۆز ۋاقتىدا ئوكۇل قىلىش لازىم. جىگەر ياللۇغىنىڭ ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەنلىكى سېزىلگەن ھامان، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ۋە باشقا كىشىلەرگە يۇقۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامال بار بالدۇر دىئاگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاش ۋە بالدۇر ئايرىۋېتىش لازىم. ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش لازىم.

1. كېسەلنى ئايرىۋېتىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا داۋالاش

. ھامىلىدارلىق دەۋرىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ياتقۇزۇپ، تۇغۇت باشلانغاندىن كېيىن تۇغۇت بۆلۈمىگە يۆتكەپ، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس ئايرىش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئايرىم تۇغدۇرۇش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. يېتىپ دەم ئېلىش، ماي مىقدارى ئاز ئوزۇقلۇق بىلەن ئوزۇقلىنىش، كۆپ مىقداردا ۋىتامىنلارنى ۋە گىلكوزىلارنى بېرىش ھەمدە ئەرقى كاسىنە، كاسىنە ئوكۇلى، جەۋھىرە دىنار، دىنار شەربىتى، بۇزۇرى شەربىتى، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاكنەچ قاتارلىق دورىلارنى ئەھۋالغا قاراپ، تاللاپ ئىشلىتىش لازىم.

2. تۇغۇت بۆلۈمىدە بىرتەرەپ قىلىش

ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇملۇق ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى1. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە «جىگەر ياللۇغى» دەپ ئېنىق دىئاگنوز ئېنىقلانغاندىن كېيىن، سۈنئىي ئۇسۇلدا بالىنى چۈشۈرۈش لازىم. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق بولغانلارنى پائال داۋالاپ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ھامىلىنى شۈمۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئىشلەش لازىم.

 2. ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى دەۋرىدە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھامىلىدارلىقنى ئوتتۇرا يولدا توختاتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر جىگەر ياللۇغىنى داۋالىسىمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، بالىنى چۈشۈرۈشنى ئويلىشىپ كۆرۈش لازىم. تۇغۇت ۋە چىللە دەۋرىدە قاناش ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇغۇت ۋاقتىغا ئاز قالغاندا ۋېتامىن K نى 10mg دىن كۈنىگە 2 ~ 1 قېتىم مۇسكۇلدىن ئوكۇل قىلىش، تۇغۇت باشلانغاندىن كېيىن 10mg نى ۋىنادىن ئاستا تېمىتىش لازىم. ئۇندىن باشقا قان بېرىشكە تەييارلىق قىلىش، ئامال بار جىنسى يولدىن تۇغدۇرۇش لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا، قان بېرىش بىلەن بىللە تولغاق كەلتۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ياكى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قورساقنى يىرىپ تۇغدۇرۇش ئوپىراتسىيىنى ئىشلەش، تۇغۇت جەريانىدا مىكروپسىز مەشغۇلاتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تۇغۇتتىن كېيىن ئەرقى چۆبچىن، ئىترىفىل چۆبچىن، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاكىنەچ قاتارلىق ياللۇغ قاقتۇرغۇچى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كىندىك قېنىدىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يۈزە ئانتىگىنىنى تەكشۈرۈش لازىم.

بىمارنى ئايرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، گىرەلىشىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىن ئېلىش، تېببى خادىملار كېسەل بىلەن ئۇچراشقاندا تېخىمۇ دىققەت قىلىش، بىمارنىڭ قاچا-قۇچا، تەرەت قاچىلىرىنى ئايرىش ۋە دىزىنفېكسىيىلەپ تۇرۇش، ھەرخىل چىقىرىندىلارنى قاتتىق دېزىنفىكسىيىلەپ بىرتەرەپ قىلىش، تۇغدۇرۇشتا ئىشلەتكەن سايمانلارنى قايتا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە قاتتىق دېزىنفىكسىيىلەپ، ئاندىن ئىشلىتىش لازىم. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئەمگۈزۈشكە بولمايدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن سۈت قايتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. لېكىن سۈت قايتۇرۇشقا ئانىلىق ھورمون دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمچەكنى شور بىلەن تېڭىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ ھەمدە بوۋاقنى ئانىسىدىن ۋە باشقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىن تۆت ھەپتە ئايرىپ بېقىش، شارائىت يار بەرسە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئۇزە ئانىتىگىنىگە قارشى ئىممونىتلىق شارچە ئاقسىلنى ئوكۇل قىلىش لازىم. ئانىنىڭ يېمەكلىكىگە مۇۋاپىق مىقداردا شاپتۇل، تاۋۇز، سەۋزە قاتارلىقلارنى بېرىش لازىم.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1230

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#