ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناش قوراللىرى

قاتناش قورالى ئىنسانلارنىڭ يول يۈرۈش بويىچە ياراتقان چوڭ بىر ئىجادىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ. بۈگۈنكى زامانىۋى قاتناش قوراللىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قاتناش قوراللىرىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇل-ئادىتىمۇ بولۇپ كەلگەن. تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا ئات، ھارۋىدىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناش قوراللىرى
خەنزۇچە ئىسمى 维吾尔族的交通工具

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھارۋاقاتناش قورالى ئىنسانلارنىڭ يول يۈرۈش بويىچە ياراتقان چوڭ بىر ئىجادىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ. بۈگۈنكى زامانىۋى قاتناش قوراللىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قاتناش قوراللىرىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇل-ئادىتىمۇ بولۇپ كەلگەن. 

تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا ئات، ھارۋىدىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلانغان. تارىختا ئەجدادلىرىمىزنىڭ «گاۋچې دىڭلىڭ» (ئېگىز ھارۋىلىق تېلېلار) دەپ ئاتىلىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئېگىز چاقلىق ھارۋىدا يۈرۈشتەك ئادىتىدىن بولغان. ئەجدادلىرىمىز ئوچىلىق دەۋرىدە ئاتلىق ئوۋ قىلاتتى. كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدە ئات ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالى بولۇپ قالغان. ئۇلار مال-پادىلىرىنى ئاتلىق ۋە ئات قوشۇلغان ھارۋىدا يۈرۈپ باققان. شۇنىڭدەك ئەجدادلىرىمىز ئاتتىن مۇھىم ئۇرۇش ۋاستىلىرى سۈپىتىدىمۇ پايدىلىنىپ كەلگەن.

ئاتئاتنىڭ يول قاتنىشىدىكى رولى توغرىسىدا ئامېرىكىلىق ئىساك ئاسىموپ «قاتناش ئىنقىلابى» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئات-ئۇلاغتىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىش تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 4000 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بىرى ئات قۇرۇقلۇقتىكى ئاساسلىق قاتناش قورالى بولۇپ كەلدى. . . » ① ئەجدادلىرىمىز ئاتتىن مۇھىم قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلانغاندىن تاشقىرى مىلادىدىن بۇرۇنلا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يەنە بىر خىل قاتناش قورالى-ھارۋىنى ياساپ، ئۇنىڭدىن ئات كۈچى ئارقىلىق پايدىلىنىپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئادەت-ئەنئەنىسى تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەجدادلىرىمىز ئات، ھارۋىدىن تاشقىرى كالا، ئېشەك، قېچىر، تۆگە، تۇلۇم، سالدىنمۇ قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلگەن. ھازىر تۇلۇم، سالنىڭ قاتناش قورالى سۈپىتىدە ئۆز رولىدىن قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقىلىرى يەنىلا داۋاملىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. 

قاتناش قوراللىرى ئىچىدە ئەجدادلىرىمىز ئات، ھارۋا، ئېشەكتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ كەلگەن. 

ئات: ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاتتىن ئۇرۇش ۋاستىلىرى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇزۇن، قىسقا يولغا مىنىش، يۈك توشۇش، ھارۋىغا قوشۇشتىن تاشقىرى تەنتەربىيە ۋاستىسى سۈپىتىدىمۇ پايدىلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن، چوگەن ئويناش، ئوغلاق تارتىشىش، بەيگى قىلىشقا ئوخشاش. بۇندىن باشقا يەنە مېنىك ئاتلارنىڭ سىلىق مېڭىش تېزلىكى بويىچە قىش پەسلى مۇز ئۈستىدە(دەريادا) مەخسۇس يورغىغا سېلىش مۇسابىقىسىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بۇ مۇسابىقىگە سېلىنىدىغان ئاتلار ناھايىتى چىرايلىق بېزىلىپ ئېلىپ كېلىنەتتى. 

ئەجدادلىرىمىزدا ئات، قېچىر، تۆگە، قوتازدىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىش بويىچە مۇنداق مەخسۇس ترنسىپورت كەسپىمۇ تەرەققىي قىلغان. 

كارۋانچىلق

كارۋان1) كارۋانچىلق: بۇ شارائىتى مۇرەككەپ يول ئارىلىقىدا قىلىنىدىغان مەخسۇس ترانسىپورت شەكلى. ئۇنىڭدا مەيلى ئات، قېچىر ياكى تۆگە بولسۇن ئاز دېگەندە يەتتە-سەككىزى، كۆپ دېگەندە ئوننەچچىسى بىر بىرلىك ھېسابلىناتتى. مۇنداق بىر توپ ياكى شۇ توپ ئىگىسى «كارۋان» دەپ ئاتىلاتتى.

ئىجارىكەشلىك

2(كۈلۈكچىلىك) ئىجارىكەشلىك: بۇ قىسقا يوللۇق قاتناش شەكلى. بەزىلەر ئىككى-ئۈچ ئات ياكى قېچىر، قوتاز، ئېشەك بېقىپ ئات-ئۇلىقى يوق ياكى ۋاقىتلىق ئېھتىياج بولۇپ قالغانلارغا مېنىش ئۈچۈن مەلۇم سۈرۈك بىلەن ئىجارىگە بېرىدۇ. ئەگەر شۇ جەرياندا ئىجارىگە ئالغان ئات-ئۇلاغ بىرەر ھادىسە تۈپەيلىدىن ناكا بولۇپ قالسا ياكى ئۆلسە، ئىجارىگە ئالغۇچى تۆلەيدۇ. قوتاز تاغلىق رايونلار قاتنىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

كىراكەشلىك

3) كىراكەشلىك: بۇمۇ ئۇزۇن يوللۇق ترانسىپورت شەكلى بولۇپ، ئاساسەن ھارۋا، ئېشەك بىلەن ھەرخىل ئەشتالار توشۇلىدۇ. 

ھارۋا: ھارۋا ئەجدادلىرىمىزنىڭ قاتناش قورالى ئىچىدە يىرك قاتناش قورالى ھېسابلىنىدۇ. ھارۋا ياسالغان ماتېرىيالغا قاراپ «ياغاچ ھارۋا» ، «كۆتەك ھارۋا» ؛ دەپ ئىككى خىل، قوشۇلىدىغان ئۇلاغ تۈرىگە قاراپ «ئات ھارۋا» ، «كالا ھارۋا» ، «ئېشەك ھارۋا» دەپ ئۈچ خىل ئاتىلىدۇ. 

«يارىيا» نىڭ چاقى يوغان، ئىگىز بولۇپ، ئۇ سۆگەت ياغىچىدىن قاسقان شەكلىدە ئېگىپ ياسىلىدۇ. گوڭلىرىمۇ ئۇزۇن، گوڭگە ئارىلىقىمۇ كەڭ كېلىدۇ. يارىيانىڭ بىر ئالاھىدىلىكى يېنىك، تەننەرخى تۆۋەن، چاقنىڭ ئايلىنىش كۆلىمى كەڭ، شۇڭا يول ئايلىنىدۇ. ئەمما كۆتكە ھارۋىدەك پۇختا ئەمەس. يارىيانىڭ چاقنىڭ ئېگىز، يوغانلىقى، ئايلىنىش كۆلىمىنىڭ كەڭلىكىگە ئاساسەن، ئۇ تارىخىي ھۆججەتلەردە «ئېگىز ھارۋىلىقلار» دەپ ئاتالغان ئەجدادلىرىمىز تېلېلار ياساپ ئىشلەتكەن ئېگىز چاقلىق ھارۋىنىڭ بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن بىر شەكلى دېيىشكە بولىدۇ.

غالتەك ھارۋا

غالتەك ھارۋا: بۇ توغراقنىڭ يوغان بېشىنى ھەرىدەپ غالتەك قىلىش ياكى قېلىن ئۈچ تال شالنى جىسىپلاپ ئاندىن قاسقان شەكلىدە چۆرۈلدۈرۈپ ھەرىدەپ غالتەك قىلىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. غالتەك ھارۋا ئاساسەن ئېتىزغا قىغ، ئوغۇت توشۇش، تۈگمەنگە ئۈگۈت ئاپىرىش قاتارلىق يېقىن ئارىلىقتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭغا ئادەتتە كالا ياكى ئېشەك قوشۇلىدۇ.

كۆتەك ھارۋا: بۇنىڭ ياسىلىشى بىرقەدەر مۇرەككەپ، تەننەرخىمۇ ئۆرە، ئۇ ئۈجمە ياغىچى ياكى شۇنىڭدەك چىڭ ياغاچتىن تىلىنغان شالنى تەخمىنەن 35 سانتېمىتىر ئۇزۇنلۇقتا ۋە مۇۋاپىق كەڭلىك ۋە قېلىنلىقتا يا شەكلىدە توغراپ قاسقان شەكلىدە چېتىپ ياسىلىدۇ. چاقنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 160 سانتېمىتىر بولۇپ، گوڭلىرى قېلىن كىلىدۇ. بېشى پۈتەي ياغاچ تۇڭغا ئوخشاش ئىككى باشتىن چەمبەرلەنگەن بولۇپ، ئىچىگە چۆيۈن چوم ئېلىنىدۇ. چاق مەلۇم توملۇقتىكى تۆمۈر ئوققا مىندۈرۈلىدۇ. ئوقنىڭ ئۈستىگە يەنە مەلۇم توملۇقتىكى ياغاچ قويۇلۇپ، ئىككى باشتىن چىڭ چەمبەرلىنىدۇ. شۇڭا كۆتەك ھارۋا يارىيا، غالتەك ھارۋىلارغا قارىغاندا پۇختا، تەخمىنەن يېرىم توننىغا يېقىن ئېغىرلىقتا يۈك كۆتۈرىدۇ. 

تۆمۈر ھارۋا

تۆمۈر ھارۋا: تۆمۈر ھارۋىنىڭ ياسىلىشى كۆتەك ھارۋىغا ئوخشاش، بىر پەرقى چاق ئولتىڭىغا تەخمىنەن بىر يېرىم سانتېمىتىردىن ئىككى سانتېمىتىر قېلىنلىقتاتۆمۈر تارتىلىپ، ياڭاق چوڭلۇقىدىكى مودۇر باش تۆمۈر مىخ بىلەن مىخلاپ تاشلىنىدۇ. ھەربىر مىخ ئارىلىقى تەخمىنەن يەتتە-سەككىز ياكى 10 سانتېمىتىر كېلىدۇ. ئادەتتە بىر توننىغا يېقىن يۈك كۆتۈرىدۇ.

ئات ھارۋا، كالا ھارۋىغا كەلسەك، ئادەتتە تۆمۈر ھارۋىغا ئات، كالا ھارۋىغا كالا قوشۇلىدىغان پەرقىگە قاراپ «ئات ھارۋا» ، «كالا ھارۋا» دەپ ئايرىلغان. مەيلى ئات ھارۋا ياكى كالا ھارۋا بولسۇن، ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئات ياكى كالا سانى ھارۋىغا بېسىلىدىغان يۈك ئېغىرلىقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. تۆمۈر ھارۋىغا ئادەتتە ئۈچتىن-تۆتكە قەدەر قوشۇلىدۇ. زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا بەش ئات قوشۇلىدۇ. «بەش ئات قوشتۇم ھارۋامغا، تۆت ئات تارتالمىغانغا، يولغا چىقتىم ئايدىڭدا، سەن كەلگەندە يادىمغا» دېگەن قوشاق ئاشۇ ئاساستا مەيدانغا كەلگەن. كالا ھارۋىسىغا ئادەتتە ئۈچ كالا قوشۇلىدۇ. زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا تۆت كالا قوشۇلىدۇ. 

يارىياغا ئادەتتە بىر ئات ياكى بىر كالا قوشۇلىدۇ. 

ئېشەك ھارۋا

ئېشەك ھارۋا: ئېشەك ھارۋىنىڭ ياسىلىشى كۆتەك ھارۋىغا ئوخشاش. پەرقى، چاقى كۆتەك ھارۋىغا قارىغاندا كىچىك، شوتىلىرىمۇ ئىنچىكىرەك كېلىدۇ. 

مەپە

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بىر خىل قاتناش قورالى بولۇپ، ئۇ «مەپە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا مەخسۇس ئادەم توشۇلىدۇ. ئادەتتە شەھەر ئىچى ۋە شەھەر ئەتراپلىرىغا قاتنايدۇ. ئالاھىدە زۆرۈرىيەت تۇغۇلۇپ قالغان تەقدىردە ئۇزۇن يولغىمۇ قاتنايدۇ. مەپىنىڭ ياسىلىشى ئادەتتىكى ھارۋىغا ئوخشاش. پەرقى ئېشەك ھارۋىدىن ئېگىزرەك، كۆتەك ھارۋىدىن پەسرەك. ئۈستى ئىككى يانغا كىچىك «دېرىزە» قويۇلۇپ يا شەكلىدە يېپىقلىق كېلىدۇ. شوتىنىڭ ئارقا تەرىپى ئېتىك، ئالدى تەرىپىگە «پەردىلىك ئىشىك» قويۇلىدۇ. مەپىگە ئادەتتە بىرلا ئات قوشۇلىدۇ. ئەمما ئاتنىڭ جابدۇقلىرى ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ، بوينىغا كىچىك تۇچ قوڭغۇراقلار ئېسىلىدۇ. 

كالا، ئېشەك، قېچىر، تۆگە: ئەجدادلىرىمىز كالىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش بويىچە ئالدى بىلەن دېھقانچىلىقتا پايدىلانغان. ئەجدادلىرىمىز ساپاننى كالىغا سۆرۈتۈپ يەر ھەيدەپ تېرىقچىلىق قىلغان. قىزىل مىڭ ئۆي تام سۈرەتلىرىدىكى كالىغا ساپان سۆرىتىپ يەر ھەيدەۋاتقان ئادەم سۈرىتى، شۇنى ئىسپاتلايدۇ. كېيىنچە تەدرىجىي ھالدا ھارۋىغا قوشۇش، يۈك توشۇش قاتارلىق ترانسىپورت ۋاستىسى سۈپىتىدىمۇ شۇنىڭدەك جۇۋازغا قوشۇپ ياغ تارتىشتىمۇ پايدىلىنىپ كەلگەن.

ئېشەكنىڭ رولى 

ئېشەك-ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاتتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم قاتناش قورالى. ئەجدادلىرىمىز ئېشەكنى ئاتتىن كېيىن كۆندۈرۈپ ئۆزلەشتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، يېزا-قىشلاقلاردا ئېشەكنىڭ رولى ئاتنىڭ رولىدىن چوڭ، شەھەر قاتناش قوراللىرى ئىچىدە ۋېلىسپىت نەقەدەر ئومۇملاشقان بولسا، كەڭ يېزا-قىشلاقلاردا ئېشەك شۇ قەدەر ئومۇملاشقان. بۇ مەنىدىن ئېشەكنى يېزا-قىشلاقلاردىكى «جانلىق ۋېلىسپىت» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. شۇڭا ھەربىر ئائىلىدە دېگۈدەك ئىككى-ئۈچتىن ئېشەك بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئېشەكتىن بىر تەرەپتىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خامان تېپىش، ئاشلىق، ئوت-سامان، ياغاچ-تاش، ئېتىزغا قىغ-ئوغۇت توشۇشتا پايدىلىنىشتىن تاشقىرى ئۇزۇن يوللۇق ترانسىپورت ۋاستىسى سۈپىتىدىمۇ پايدىلىنىپ كەلگەن. ئېشەك ترانسىپورتى ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس ترانسىپورت شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار «ئېشەكچى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئېشەك ترانسىپورتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئاز دېگەندە سەككىز-ئون، كۆپ دېگەندە ئون-يىگىرمىدىن ھەتتا، يىگىرمە-ئوتتۇزدىن ئېشىكى بولىدۇ. ئېشەك ترانسىپورتنىڭ باشقا ترانسىپورت ۋاستىلىرىگە قارىغاندا جاپاسى كۆپ. پايدىسى ئاز. شۇڭا «ئۆزىنىڭ ئۆزىگە، توپىسى كۆرىگە» دېگەن ماقال كېلىپ چىققان. 

مۇندىن باشقا ئەجدادلىرىمىز بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ئات بەيگىسىگە، ئوغلاق تارتىشقا قاتنىشىشقا ئاساس يارىتىش ئۈچۈن ئېشەكتىن تەنتەربىيە ۋاستىسى سۈپىتىدىمۇ پايدىلىنىپ كەلگەن. شۇڭا بالىلار ئېشەك بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ. كونا تۇماقنى «ئوغلاق» قىلىپ تارتىشىپ ئويناپ مەشىق قىلىدۇ.

قېچىرنىڭ رولى 

قېچىردىن ئەجدادلىرىمىز مېنىشنى ئاساس، ھارۋىغا قوشۇشنى قوشۇمچە قىلىپ پايدىلىنىپ كەلگەن. قېچىر ئەمەلىيەتتە ئېشەكنى بايتال ئاتقا چاپتۇرۇش ئارقىلىق يېتىشتۈرگەن ئەلا سورتلۇق ئېشەك، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تۇغماس، جاھىل، يولغا چىداملىق كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قېچىر ئۇزۇن يولغا مېنىلىدۇ ۋە تۇغماس ئاياللارمۇ قېچىرغا تەقلىد قىلىنىدۇ. 

تۆگىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى قاتناش ۋاستىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىز تۆگىدىن ئۇزۇن يوللۇق ترانسىپورت ۋاستىسى سۈپىتىدە ئاساسلىقى دەشت قۇملۇق يوللاردا پايدىلىنىپ كەلگەن. تۆگە كارۋانى يولغا چىققاندا خۇددى «تارانچى ھارۋىسى» دەك تىزىلىپ ماڭىدۇ. تۆگە ئۇسسۇزلۇق، ئاچلىقتا بەرداشلىق كەلگەچكە «چۆل كېمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. تۆگە كارۋانى ماڭغاندا ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى تۆگىنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىلىدۇ. 

كېمە: ئەجدادلىرىمىز كېمىدىن بېلىقچىلىق قورالى سۈپىتىدە پايدىلانغاندىن تاشقىرى قاتناش قورالى سۈپىتىدىمۇ پايدىلىنىپ كەلگەن. مۇنداق كېمە چوڭ، ئىچى ئوي، قورساقلىق، چوڭقۇر كېلىدۇ، بۇ چوڭ توغراق ياغىچىدىن ئويۇپ ياسالغان بولۇپ، ئاساسلىقى دەريادىن ئۆتۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. مۇنداق كېمىدە ئادەتتە ئادەم ئۆتكۈزۈلىدۇ. يۈك، ھارۋا قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈشتە چېتىق كېمە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئادەم ئۆتكۈزۈلىدىغان كېمىدىن ئۈچ-تۆتنى قاتار چېتىپ ئۈستىگە تاختاي مىخلاپ ياسىلىدۇ. ئۈستى تۈز كېلىدۇ. 

تۇلۇم ئۆچكە تېرىسىدىن قىلىنغان تۇلۇمغا يەل توشقۇزۇپ، ئاغزى چىڭ باغلىنىدۇ، شۇنداق تۇلۇمدىن بىر قانچىسى ئۇزۇنلۇق، توغرىلىق بويىچە كۋادىرات شەكلىدە قاتارلاشتۇرۇپ ئۈستىگە شال تېڭىلىدۇ. ئادەم، يۈك شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

سال: بۇ ئاساسلىقى دەريانىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىشلىتىلىدىغان ئاددىي قاتناش قورالى بولۇپ، ئادەتتە ئادەم، ئوتۇن قاتارلىقلار توشۇلىدۇ. سال ئادەتتە ئىككى ياكى ئۈچ تال ياغاچ قاتار چېتىلىپ ياسىلىدۇ. 

يۇقىرىقىلاردىن باشقا كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە «تارانچى ھارۋىسى» ، «خادىك» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل ھارۋا ئومۇملاشقان. 

تارانچى ھارۋىسى

تارانچى ھارۋىسى دەپ ئاتىلىشى ئۇ ئاساسەن ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە مۇھىم ترنسىپورت ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. شۇڭا «تارانچى ھارۋىسى» دەپ ئاتالغان، چۈنكى 30-، 40-يىللاردا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدىكى ھاكىمىيەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تارانچى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

تارانچى ھارۋىسىنىڭ ئادەتتىكى ھارۋىدىن بىر پەرقى ئېگىز-پەسلىكى مەپىگە ئوخشاش، ئەمما مەپىدىن ئۇزۇن، كەڭ، ئادەتتىكى ھارۋىدىن كالتە، تارراق كېلىدۇ(چاقى تۆمۈر ھارۋىنىڭ چاقىدەك ياسىلىدۇ) . شۇنىڭدەك بىرلا ئات قوشۇلىدۇ. ئۇنىڭدا مەخسۇس ھەرخىل ئەشيا، كۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەر توشۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى يولغا چىققاندا، ئادەتتە ئاز دېگەندە ئۈچ-تۆتى، كۆپ دېگەندە سەككىز-ئونى بىر يۈرۈش قىلىنىپ ئىككىلا ئادەم باشقۇرۇپ ماڭىدۇ، بىرى باشتىكى ھارۋىدا ماڭسا، ئىككىنچىسى ئەڭ ئاخىرقى ھارۋىدا ماڭىدۇ. ئوتتۇرىدىكى ھارۋىلار باشتىكى ھارۋىغا ئەگىشىپ يولدىن، قاتاردىن چىقمايدۇ. ئاشۇنداق ئىككى ياكى ئۈچ يۈرۈش ھارۋا بىرگە يولغا چىقىدۇ. بۇ ئۆز دەۋرىنىڭ شارائىتىدا ئىلغار ترانسىپورت ۋاستىسى بولۇپ، ھازىرقى پويىز ۋاگونلىرى، ئاپتوموبىل كالونلىرىغا ئوخشاش رول ئوينىغان. 

خادىك

خادىك: خادىك ھارۋا ئىككى خىل بولۇپ، تۆت چاقلىق ئۇزۇن كېلىدۇ. چاقى تارانچى ھارۋىسىنىڭ چاقىدەك، ئەمما چاقنىڭ تاپىنى تار، توم، گوڭلىرى ئۇزۇن، شالاڭراق، بېشى چاققان كېلىدۇ. خادىك ھارۋىنىڭ بىرخىلى ھەرىكەتچان ئىككى شوتىلىق، يەنە بىر خىلى ھەرىكەتچان بىر شوتىلىق كېلىدۇ. شوتا ئالدى چاق ئوقىغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئارقا چاق بىلەن ئالدى چاق ئىككى ياندىن ئايرىم تۆمۈر بالداق بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈستىگە تۈز ياكى ئۇلۇق شەكىللىك توپىلىك ياسىلىدۇ.

ئىككى شوتىلىقىغا بىر ئات قوشۇلىدۇ. بۇ ئاساسەن شەھەر كوچىلىرىدا ئادەم كىرا قىلىشقا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. بۇ ئۆز دەۋرىدە ھازىرقى كوچا ئاپتۇبۇسىنى ۋە تاكسىنىڭ رولىنى ئويتاپ كەلگەن. بىر شوتىلىققا ئىككى ئات قوشۇلۇپ، ئاساسلىقى يېزا-قىشلاق، تاغ-ئېدىرلاردىن ئاشلىق، ئوت-سامان، ياغاچ-تاش توشۇشقا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. خادىك ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ئومۇملاشقان. 

يەنە «پوچتا» ياكى «پەيتۇن» ، «پوۋىسكا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قاتناش قورالى بولۇپ، بۇنىڭدىن كونا جەمئىيەتتىكى ھۆكۈمران ئەمەلدارلار، بايلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭغىمۇ ئات قوشۇلىدۇ. 

رېزىنكا چاقلىق ھارۋا

مۇندىن باشقا 40-يىللاردىن كېيىن رېزىنكا چاقلىق ھارۋا ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ چاقى ئاپتوموبىل چاقى بولغاچقا كىشىلەر «يەل چاق ھارۋا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ھارۋا ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئستېمالدىن قالغان بولسىمۇ، ناھىيە، يېزا-قىشلاقلاردا تا ھازىرغا قەدەر ترانسىپورت ساھەسىدە يەنىلا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. 60-يىللاردىن كېيىن كىچىك تىپتىكى يېنىك رېزىنكە چاقلىق ھارۋا ئومۇملىشىپ كەڭ يېزا-قىشلاق ھەتتا شەھەرلەردىمۇ ئۇنىۋېرسال قاتناش ترانسىپورت ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ھازىر يېزا-قىشلاقلاردا ھەر ئائىلىدە دېگۈدەك بىردىن مۇشۇنداق ھارۋا بار. 

ئازادلىقتىن كېيىن ئاپتوموبىل، ئايرۇپىلان، پويىز قاتارلىق زامانىۋى قاتناش-ترانسىپورتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زامانىۋى تاشيول ۋە كۆۋرۈكلەرنىڭ ياسىلىشى، يىراق چەت يېزا-قىشلاقلارغىچە ماشىنا قاتنىشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، چوڭ ۋە كىچىك تىپتىكى تراكتورلارنىڭ ئومۇملىشىشى ئارقىسىدا يۇقىرىدا يايان قىلىنغان قاتناش-ترانسپورت ۋاستىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز رولىدىن قالدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#