ئېغىرلىق يوقىتىش

ئالەم ئۇچقۇچىسى

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا، ئېغىرلىق كۈچى يوق بولغانلىقتىن، ھەممىلا نەرسە ئېغىرلىق يوقالغان ھالەتتە تۇرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئېغىرلىق يوقتىش
خەنزۇچە نامى 重量消

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېغىرلىق يوقتىش ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىققاندىن كېيىن كۆپىنچە بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئالدىغا ماڭماستىن، بەلكى كىچىك بالىلاردەك سەكرەپ ماڭىدۇ، ئۇلار بەزىدە بىر پۇتلاپ سەكرىسە، بەزىدە ئىككى پۇتلاپ سەكرەيدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا، ئېغىرلىق كۈچى يوق بولغانلىقتىن، ھەممىلا نەرسە ئېغىرلىق يوقالغان ھالەتتە تۇرىدۇ. 

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىئاي شارىنىڭ ماسسىسى يەر شارىنىڭكىدىن كۆپ كىچىك بولغاچقا، ئاي شارىدىكى ئېغىرلىق يەر شارىدىكىنىڭ ئاران ئالتىدىن بىرىچىلىك كېلىدۇ. يەر شارىدا بەدەن ئېغىرلىقى 600 نيۇتون كېلىدىغان بىر ئاەمنىڭ ئاي شارىدىكى ئېغىرلىقى ئاران 100 نيۇتون كېلىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىققاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك بولۇپ قالىدۇ. پۇتىنىڭ ئاي يۈزى بىلەن سۈركىلىش كۈچىمۇ يەر شارىدىكىنىڭ ئالتىدىن بىرىچىلىك بولىدۇ-دە، يول مېڭىشتا ئالاھىدە كۈچىشىگە توغرا كېلىدۇ، ئاي شارىدا بىر قەدەم مېڭىش ئۈچۈن يەر شارىدىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. بىز يەر شارىدا بىر مىنۇتتا 100 نەچچە قەدەم ماڭالايمىز، ئەمما ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا بىر مىنۇتتا ئاران 20 نەچچە قەدەم ماڭالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي شارى يۈزىنى قېلىن بىر قەۋەت يۇمشاق قۇم قاپلىغان، ئادەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ماڭغاندا ناھايىتى ئاسانلا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىل بولغاچقا، يەر شارىدىكىدىن كۆپ ئاسان سەكرىيەلەيدۇ، شۇڭا ئاي شارىدا سەكرەپ ماڭىدۇ.

بۇ خىل سەكرەپ مېڭىش ئۇسۇلىنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىدا مەشىق قىلىۋاتقاندا ئالدىنئالا ئويلاپ تاپقان ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئاي شارىغا چىققاندىن كېيىن، ئالدىرىغاندا ئەقىل تېپىپ ئىجاد قىلغان.

ئالەم بوشلۇقى

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا، ئېغىرلىق كۈچى يوق بولغانلىقتىن، ھەممىلا نەرسە ئېغىرلىق يوقالغان ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئادەمنىڭ ھەر قايسى بوغۇملىرى ۋە ئومۇرتقىسى تېخىمۇ ئېنىق بوشاشقان ھالەتتە تۇرىدۇ-دە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بويى روشەن ھالدا «ئېگىزلەپ» قالىدۇ. يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشكەندىن كېيىن، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە بۇ خىل ھادىسە يوقىلىدۇ.

ئالەم بوشلۇقىدا ئادەمنىڭ بويى نېمە ئۈچۈن ئېگىزلەپ قالىدۇ؟ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ بويى ئۆسۈپ قالىدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلار گىگانىت ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالامدۇ قانداق؟ ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەندىشە ئارتۇقچىدۇر. چۈنكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بويى ئالەم بوشلۇقىدا ئەك كۆپ دېگەندىمۇ ئاران بەش-ئالتە سانتىمېتىر ئۆسۈپ قالىدۇ، يەر شارىغا قايتىپ كېلىپ، بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى يەنە ئەسلىدىكى ھالەتكە كېلىدۇ.

ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ھېچبىر ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، يەر يۈزىدىمۇ ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىر كۈن ئىچىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئادەمنىڭ بويى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كەچتە ئۇخلاش ئالدىدىكىدىن ئېگىز بولىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئادەم ئۇخلىغاندا كارىۋاتتا تۈز ياتىدۇ، بۇ چاغدا ھەر قايسى بوغۇملار بوشاشقان ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭا ئادەم ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرغاندا بويى «ئېگىزلەپ» قالىدۇ. بىراق بۇ خىل ئۆزگىرىش ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، ئادەتتە بىر سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ئادەتتە لېفىتقا چىققاندا لېفىت ئەمدىلا قوزغالغان ياكى توختايلا دېگەندە بېشىمىزنىڭ قايغىنىنى سېزىمىز، بېشىمىز قايغان نەق شۇ پەيت ئېغىرلىقىمىز يوقالغان ياكى ئېغىرلىقىمىز ئېشىپ كەتكەن پەيتتۇر.

ئادەتتە ئېگىزدىن ئەركىن چۈشكەن جىسىم تۆۋەنگە قارىتا تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلسا ياكى يۇقىرىغا ئېتىلغان جىسىم يۇقىرىغا قارىتىلغان كۈچنىڭ تەسىرى يوقالغان پەيتتە كېمىيىشچان ھەرىكەت قىلسا ئېغىرلىقنى يوقىتىدۇ.

ئالەم ئۇچقۇچىسىئېغىرلىق يوقىتىش يالغۇز ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك كەلتۈرۈپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. كۆپ ساندىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدا ئېغىرلىق يوقالغان ئەھۋالدا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، بېشى قېيىش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشتىن ئىلگىرى قاتتىق مەشىق قىلىشتىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېغىرلىق يوقىلىش مۇھىتىغا ماسلىشالايدۇ.

ئېغىرلىق يوقتى

ئېغىرلىق يوقتى

ئېغىرلىق يوقتى

ئېغىرلىق يوقتى

ئېغىرلىق يوقتى

ئېغىرلىق يوقتى

ئېغىرلىق يوقتى

ئېغىرلىق يوقتى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    42.9%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    42.9%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    14.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#