توشقان زەدىكى
توشقان زەدىكى بولسا ئۆسۇملۇك توشقان زەدىكىنىڭ تەڭگىسىمان گۇشلۇك غولىدىن ئىبارەت.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توشقان زەدىكى بولسا شۇمبۇيا ئائىلىسىدىكى يۇلغۇن ۋە بۆستىكىننىڭ يىلتىزلىرىدا تەييارتاپ ئۇسىدىغان، كۇپ يىللىق سامان غوللۇق ئۇسۇملۇك بۇلۇپ،ئۆسۇملۇك توشقان زەدىكىنىڭ تەڭگىسىمان گۇشلۇك غولىدىن ئىبارەت.غولى ئەتلىك، سىمىز، شەكلى تۇۋرۇكسىمان، رەڭگى قارامتۇل سېرىق رەڭدە بولىدۇ.ئۇنى دورىغا ئىشلىتىشتە 4- 5 – ئايلاردا ئۇنى يىغىۋىلىندۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.
بۆرەكنى قىززىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەك ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، ئۈچەيگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ،چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش،
1. توشقان زەدىكى بىلەن كۇدە ئۇرۇقىنى بىرلەشتۈرۈپ قاينىتىپ ئىچسە ،بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە ئەرلىك جىنسي ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ .
2. توشقان زەدىكى بىلەن داڭگۇينى مۇۋاپىق مىقداردا قاينىتىپ ئىچسە ، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ
بۆرەك ئاجىزلىق، ئومۇمى بەدەن ئاجىزلىق، باھ زەئىپلىگى، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.