جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى

1985 – يىل 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1985 – يىل 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 28 – نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1985 – يىل 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国计量法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1986 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 (1985 – يىل 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1985 – يىل 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 28 – نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى> قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 3 – قېتىم تۈزىتىلگەن)

    1 – ماددا بۇ قانۇن ئۆلچەملەرنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئۆلچەم بىرلىكلىرى سىستېمىسىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ۋە مىقدارلىق قىممەتنىڭ توغرا، ئىشەنچلىك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا قولايلىق تۇغدۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە، ئاساسىي ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى، تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى تەييارلاشتا، ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈشتە، ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش، رېمونت قىلىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىشتە بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.

    3 – ماددا دۆلەت خەلقئارا بىرلىكلەر سىسىتېمىسىنى قوللىنىدۇ.

    خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكلىرى ۋە دۆلەت تاللاپ بېكىتكەن باشقا ئۆلچەم بىرلىكلىرى دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بىرلىكى بولىدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ نامى ۋە بەلگىسىنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلىدۇ.

    دۆلەتنىڭ قانۇنىي ئۆلچەم بىرلىكىگە كىرمەيدىغانلىرى بىكار قىلىنىدۇ. بىكار قىلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

    4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە ئۆلچەم خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۆلچەم خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە مىقدارلىق قىممەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ئاساسى بولىدىغان تۈرلۈك ئاساسىي ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جامائەت ئىشلىتىدىغان ئۆلچەملىك ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلىرىنى تەييارلاپ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلىتىدۇ.

    7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز تارمىقىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆز تارمىقىدا ئىشلىتىدىغان ئۆلچەملىك ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلىرىنى تەييارلىسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالىي ئۆلچەملىك ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلىرىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلىتىدۇ.

    8 – ماددا كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ئېھتىياجغا قاراپ، ئۆز ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىدىغان ئۆلچەملىك ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلىرىنى تەييارلىسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالىي ئۆلچەملىك ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلىرىنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلىتىدۇ.

    9 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى جامائەت ئىشلىتىدىغان ئۆلچەملىك ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلىرىنى، تارماقلار ۋە كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ئىشلىتىدىغان ئالىي ئۆلچەملىك ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلىرىنى شۇنىڭدەك مەجبۇرىي تەكشۈرۈلىدىغان ئەسۋابلار مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن، سودا ھېساباتىدا، بىخەتەرلىكنى ساقلاش، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش، مۇھىتنى كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىش ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى مەجبۇرىي تەكشۈرىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىپ تەكشۈرتمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مەجبۇرىي تەكشۈرۈلىدىغان ئىش ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىنى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

    ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۆلچەملىك ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلىرى ۋە ئىش ئۆلچەم ئەسۋابلىرىدىن باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى ياكى ئۆلچەم تەكشۈرگۈچى باشقا ئاپپاراتلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېرىشىگە تاپشۇرۇشى لازىم، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ئۇنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

    10 – ماددا ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئىشى دۆلەتنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش سىستېما جەدۋىلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. دۆلەتنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش سىستېما جەدۋىلىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.

    ئۆلچەم تەكشۈرۈشتە ئۆلچەم تەكشۈرۈش قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش شەرت. دۆلەتنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ. دۆلەتنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش قائىدىسى بولمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى تارماقنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش قائىدىسى ۋە يەرلىكنىڭ ئۆلچەم قائىدىسىنى چىقىرىدۇ.

    11 – ماددا ئۆلچەم تەكشۈرۈش خىزمىتى تېجەشلىك ۋە مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە ۋە شۇ ئەتراپتىكى جايدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

    12 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش، رېمونت قىلىش تەلىپىگە لايىق ئەسلىھەلەرنى، خادىملارنى ۋە تەكشۈرۈش سايمان – ئۈسكۈنىلىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش ئىجازەتنامىسى››نى ياكى ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى رېمونت قىلىش ئىجازەتنامىسى››نى ئالغان بولۇشى كېرەك.

    13 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ئۆز ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ باقمىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقارماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئەۋرىشكىسىنىڭ ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى سىنىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلسە بولىدۇ.

    14 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىكار قىلىنىدىغان، قانۇنىي ئۆلچەم بىرلىكىگە كىرمەيدىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ۋە گوۋۇيۈەن ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان باشقا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساشقا، سېتىشقا ۋە ئىمپورت قىلىشقا بولمايدۇ.

    15 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ياسالغان، رېمونت قىلىنغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى تەكشۈرۈپ، مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچەش ئىقتىدارىنىڭ تەلەپكە لايىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە تەلەپكە لايىق بولغان مەھسۇلاتلارغا تەلەپكە لايىق مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى بېرىشى شەرت.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ياسالغان، رېمونت قىلىنغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈشى كېرەك.

    16 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى بۇزۇپ، دۆلەت ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

    17 – ماددا يەككە سودا – سانائەتچىلەر ئاددىي ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسىسا، رېمونت قىلسا بولىدۇ.

    ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەرگە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش ئىجازەتنامىسى›› ياكى ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى رېمونت قىلىش ئىجازەتنامىسى›› بېرىش شەرت.

    يەككە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش، رېمونت قىلىش دائىرىسىنى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

    18 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ئېھتىياجغا قاراپ ئۆلچەم نازارەتچىسى قويىدۇ. ئۆلچەم نازارەتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.

    19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ئېھتىياجغا قاراپ ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ھوقۇق بېرىپ، مەجبۇرىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ۋە باشقا تەكشۈرۈش، سىناش ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلدۇرىدۇ.

    ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش، سىناش ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلغۇچى خادىملار سىناقتىن ئۆتكەن بولۇشى شەرت.

    20 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى تۈپەيلىدىن تۇغۇلغان ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ياكى جامائەت ئىشلىتىدىغان ئۆلچەملىك ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلىرى بىلەن تەكشۈرۈپ ئېلىنغان سانلىق مەلۇمات ئاساس قىلىنىدۇ.

    21 – ماددا مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ جامائەتكە ئادىل سانلىق مەلۇمات تەييارلاپ بېرىدىغان ئاپپاراتلار ئۆلچەمنى تەكشۈرۈش، سىناش ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسى جەھەتتىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى شەرت.

    22 – ماددا ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش ئىجازەتنامىسى››، ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى رېمونت قىلىش ئىجازەتنامىسى›› ئالماي تۇرۇپ، ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسىغان ياكى رېمونت قىلغانلار ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    23 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ سىناقتىن ئۆتمىگەن يېڭى تۈرلىرىنى ياسىغان، ساتقانلار شۇ يېڭى مەھسۇلاتنى ياساش، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    24 – ماددا تەلەپكە لايىق كەلمەيدىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسىغان، رېمونت قىلغان ۋە ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    25 – ماددا مەجبۇرىي تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرتمىگەنلىرىنى ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلىرىنى داۋاملىق ئىشلەتكەنلەر ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    26 – ماددا تەلەپكە لايىق كەلمەيدىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىپ ياكى ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى بۇزۇپ، دۆلەتكە ۋە ئىستېمالچىلارغا زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    27 – ماددا ئىستېمالچىلارنى ئالداش مەقسىتىدە ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسىغان، ساتقان، ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان شەخسلەر ياكى ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار خادىم ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى›› ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    28 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تەلەپكە لايىق كەلمەيدىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش، رېمونت قىلىش، سېتىش نەتىجىسىدە كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچراتقان ياكى مال – مۈلۈك جەھەتتە زور زىيان پەيدا قىلغان شەخسلەر ياكى ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار خادىمى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    29 – ماددا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان ئۆلچەم نازارەتچىلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، قىلىمىشى يېنىكلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

    30 – ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى قارار قىلىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 27 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى بېرىشنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قارار قىلسىمۇ بولىدۇ.

    31 – ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى، جازا ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، جەرىمانە قويۇش ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش مەمۇرىي جازاسىنى بېرىش قارارىنىڭ مۇددىتى توشقىچە دەۋا قىلمىسا، جازا قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، مەمۇرىي جازا بېرىشنى قارار قىلغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    32 – ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ۋە دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائەت سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەم خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئايرىم چىقىرىدۇ.

    33 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

    34 – ماددا بۇ قانۇن 1986 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#