pjblog
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
Blogbus سۇپىسى ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىغا خېلى قۇلايلىق ئەپكەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىقتىدار جەھەتتە چەكلىمىلىككە ئىگە بولغاچ، ھەم تور نامى جەھەتتە ئەستە تۇتۇشقا بىرقەدەر قۇلايسىزلىق ئەپكەلگەن بولغاچقا، بىر قىسىم ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئىقتىدار جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەل ھەمدە تۇراقلىققا ئىگە بولغان باشقا سۇپىلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ سەركىلىرىنىڭ بىرى، بۈگۈنكى «شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى»نىڭ غوللۇق ئەزاسى تەدبىركار (تور نامى) ئەپەندى دۆلەت ئىچىدىكى بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان pjblog سۇپىسىنى ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئۆلچىمىگە لايىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىپ، كەڭ ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىغا سۇندى.
شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى يېڭىدىن تور بوشلۇقى ۋە تور نامى ئېلىپ، مەزكۇر سۇپىغا كۆچۈپ كېلىشتى ياكى يېڭىدىن بلوگ قۇرۇشتى.
pjblogPJBlog بلوگ سۇپىسى تېڭشۈن شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان پروگراممېر 陈子舜 (ئىنگلىزچە ئىسمى PuterJam، PJBlog دەل ئاپتورنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمىنىڭ باش ھەرىپىدىن كەلگەن) تەرىپىدىن ئېچىلغان،asp+Access مۇھىتىدىكى ھەقسىز ئوچۇق كودلۇق بلوگ سىستېمىسى بولۇپ، UTF-8 كودلىنىشنى قوللايدۇ. باشقا بلوگ سۇپىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەم ئۈنۈملۈككە ھەمدە مۇقىملىققا ئىگە، نەشىرلىرىمۇ پات-پات يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.Blogbus سۇپىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ مول ئۇسلۇب ۋە قىستۇرما مەنبەسىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، Blogbus سۇپىسىغا سېلىشتۇرغاندا قىستۇرما ئارقىلىق ئىقتىدار كېڭەيتىش ئىقتىدارلىرى بار بولغاچ، نۇرغۇن بلوگگىرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولغان «80 خالتا» بلوگى، «ئەرتۈرك» بلوگى قاتارلىقلار مەزكۇر بلوگ سۇپىسىدا بلوگ نەشىر قىلماقتا.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.