جەرەنبۇلاق رايونى

جەرەنبۇلاق رايونى

جەرەنبۇلاق رايونى شىنجاڭ قاراماي شەھەرگە قاراشلىق رايون، شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى جەرەنبۇلاق رايونى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەرگە قاراشلىق رايون
يەر مەيدانى 1272 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى چۆل كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 白碱滩区
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
تەۋە رايون قاراماي شەھىرى
نوپۇسى 50987 ئادەم ( 2013- يىلى )
ئىنگلىزچە نامى Baijiantan District

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جەرەنبۇلاق رايونى شىنجاڭ قاراماي شەھەرگە قاراشلىق رايون، شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 1956 - يىلى، نېفىت ئىشچىلىرى چارلىغاندا،  چەكسىز كەتكەن شورلۇقنى كۆرگەن، شۇڭا « جەرەنبۇلاق » دەپ ئىسىم قويغان.

جەرەنبۇلاق رايونىجەرەنبۇلاق رايونى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان، شىمالى تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي قوبۇقسار ناھىيەسى بىلەن ئۇلاش، غەربىي قاراماي رايونى، شەرقىي شىمالى ئورقۇ رايونى بىلەن چېگرالىنىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 1272 كۋادرات كىلومېتىر. يەر شەكلى كۆپىنچە چۆللۈك، تىپىك ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىم رايونىغا تەۋە.

2013- يىلى، جەرەنبۇلاق رايونى قارىمىقىدا ئىككى كوچا، جەمئىي 16 مەھەللە ۋە ئۈچ كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى بار، نوپۇسى 50987 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە دائىملىق نوپۇس 40642 ئادەم، ۋاقىتلىق نوپۇسنى 10345 ئادەم. نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰ 7.75، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰ 5.65 بولغان.

جەرەنبۇلاق رايونى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن بىر قاقاسلىق جاي بولغان، ئويمان جايلاردا يىل بويى سۇ يىغىلىپ قالغان، ھەممىلا يېرىدە قومۇش، جەرەن، ياۋا توشقان قاتارلىق ھايۋانلار پەيدا بولغان، چارۋىچىلار ئىلگىرى كېيىن  « ئاق سۇ ساھىلى » دەپ ئاتىغان، دېمەكچى بولغىنى بۇ ساھىلىدا سۇ بار.

1981 - يىلى، جەرەنبۇلاق رايونى ھاكىمىيەت ئورگىنى تەسىس قىلغان، 1984- يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

1991-يىلى، جەرەنبۇلاق رايونى قۇرۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، قارمىقىدا ئىككى تەبىئىي بازىرى ( جەرەنبۇلاق بازىرى، ئۈچ تۈز بازار )، جەمئىي 16 يېڭى كەنتى، 26 ئاھالە كومىتېتى بولغان.

2002- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە جەرەنبۇلاق رايونى 26 گۈللۈك ئولتۇراق رايونى، 20 مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى، ئۈچ مەھەللە مۇلازىمىتى پائالىيەت مەركىزى، جەرەنبۇلاق رايونلۇق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق بازىرى بار بولغان.

2009 - يىلى، جەرەنبۇلاق رايونى تەۋەسىدە جۇڭشىڭ يولى، تاغئېتەك يولى، ئىككى كوچا، 16 مەھەللە، تۆت كۆچمە ئاھالىنى باشقۇرۇش كومىتېتى بار بولغان.

2013 - يىلى جەرەنبۇلاق رايونى قارىمىقىدا ئىككى كوچا، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەركىزىي ئاۋات مەھەللەكوچا باشقارمىسى، سەنپىڭ يولى كوچا باشقارمىسى، 

جەرەنبۇلاق رايونىجۇڭشىڭ يولى 61 - نومۇر، جۇڭشىڭ يولى كوچا باشقارمىسى، قارىمىقىدا 12 مەھەللە، 2 باشقۇرۇش كومىتېتى، ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېڭى ئۆستەڭ مەھەللىسى، چاھار باغ مەھەللىسى، يۈكسىلىش مەھەللىسى، جەنۇبىي يۈكسىلىش مەھەللىسى، قوش ھالقا مەھەللىسى، شىنخۇا مەھەللىسى، بەش راۋاق مەھەللىسى، بۇرغىلاش مەھەللىسى، ئۇزۇن سەپەر مەھەللىسى، گۈلئاۋات مەھەللىسى، فۇرۇڭ مەھەللىسى، شىمالىي مەھەللە، شەرق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ، يېڭى كەنتى باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىقلار بار.

كاڭجۇاڭ سەنپىڭ يولى كوچا باشقارمىسى غەربىي يولىنىڭ شىمالىيغا جايلاشقان، باشقۇرۇش كومىتېتى قارىمىقىدىكى 4 مەھەللە يۇقىرى ئۆستەڭ مەھەللىسى، پەرۋىش مەھەللىسى، يېڭى مەھەللە، ئىگىلىك تىكلەش مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى، قۇرۇلۇش مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىقلار بار.

مىنېرال بايلىقى 

نېفىت، تەبىئىي گاز جەرەنبۇلاق رايونىنىڭ ئاساسلىق كان بايلىقى. نېفىت زاپىسى ئىچىدە، نېفىتنىڭ گۈڭگۈرت تەركىبى تۆۋەن قېتىش نۇقتىسى تۆۋەن، مومنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. باشقا بايلىق مەنبەلىرىنى يەنە كۆمۈر، تاش مۇم، تازىلانغان شور، ئوتقا چىدانلىق ماتېرىيال، ئالاھىدە يېنىك ساپال قۇم، سېرىق توپا، شېغىل، شېغىل تاش، كالتسىي كاربىد قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بار.

بىيولوگىيەلىك بايلىق

جەرەنبۇلاق رايونى تەۋەسىدە ئاساسلىق ياۋايى ھايۋانلاردىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، سىبىرىيە ئاغمىخىنى، تۈلكە، يالمانتاقتاق، ياۋاتوشقان، يىلان، سازاڭ، قىرغاۋۇل، ياۋا ئۆردەك، ياۋا غاز، تورغاي، بۈركۈت، توز، قاغا، جاغجاق، سېغىزخان، كاككۇك، تۇرۇلغا، چارپاقا، تاۋانبېلىق، تاپانبېلىق، كاراس بېلىق، سازان بېلىق، چۈمۈلە، ئالا قوڭغۇز، توخۇ تومۇزغا، سېرىق چېكەتكە، سەرەتان، يىڭناغۇچ، سازاڭ قۇرت، ئۆمۈچۈك، كۇمۇتا، چاققاق ھەرە، كېپىنەك، پەرۋانە، چۆل تومۇزغىسى قاتارلىقلار بار.

جەرەنبۇلاق رايونى تەۋەسىدە ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن ئاساسلىقى توغراق، خۇڭليۇ، جىگدە، سۆكسۆك، كۆك يانتاق، قارىياغاچ، قومۇش، تۆگە نېلۇپەر، ئادەتتىكى چىغ، توشقانزەدىكى، كالا تىلسىمان دانە، گارگويىل، سېمىزئوت، چوڭ خوخا، پاقىيوپۇرماق، تۆمۈر تىكەن، يېكەن، ئىـگىر، بۇدۇشقاق، لەسقى، بۇدۇشقاق، قىزىلتاسما، ياۋا سۈپۈرگە، شاخ سۈپۈرگە، ئىت قۇيرۇقى، ئېتىزلىق بوزتىكىنى، كۆك بۇيا، غولچېچى، يەر سېرىق كاۋىسى، سۇۋان، جۇڭگو بىداياقى، قوڭغۇراق تىكەن، ئالىقات، بىداياق، كونۇرۋاش، قوي ئوتى، ھال رەڭ ئوتى، مۈڭگۈز لويلا، كەتىراچىنى، كۈركۈمگۈل، شىقىلداق، بىيىش، پەربۇن، تار يوپۇرماقلىق پەربۇن، يەر مەدىكى، قىزىل پىياز، ياۋا سامساق، ياۋا كۈدە، بوزتىكەن، ياۋا پالەك قاتارلىقلار بار.

101 گەمە ئۆيى، بەيشاتەن مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار.

2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جەرەنبۇلاق رايونى تەۋەسىدىكى شەھەرگە قاراشلىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ 3، رايونغا قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ 4، رايونغا قاراشلىق بالىلار باغچىسى 7 گە يەتكەن.

ئوقۇغۇچىسى 7 مىڭ 449 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى  2843، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 2930ئادەم، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 3266 كىشى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 1253 ئادەم. بالىلار باغچىدىكى بالىلار  ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 460 كىشى، بالىلار باغچىسىغا كىرىش نىسبىتى % 97.90 كە يەتكەن، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى % 94 بولغان. باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن، ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 208.9 كە يەتكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى % 1.86 بولغان. مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 776 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 147 نەپەر، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 459 ئادەم، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 262 نەپەر، يەسلى ئوقۇتقۇچىسى 55 ئادەم. 

جەرەنبۇلاق رايونى تەۋەسىدىكى مەكتەپلەر ئاساسلىقى : 13 - ئوتتۇرا مەكتەپ، 16 - باشلانغۇچ مەكتەپ، 18 - باشلانغۇچ مەكتەپ، 19 - باشلانغۇچ مەكتەپ، 20 - باشلانغۇچ مەكتەپ، جوڭشىڭ بالىلار باغچىسى، تاڭ نۇرى بالىلار باغچىسى قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#