سېرىسگۈل

 ئەسلىدە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان، گۈلسامساق ئۇرۇقدىشى، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون گۈلى.

ئۇيغۇرچە نامى سېرىسگۈل
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى تىزمىگۈل ئائىلىسى
لاتىنچە نامى Lantana camara L
خەنزۇچە ئاتىلىشى 五色梅
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى نەيچىسىمان گۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئۇرۇقدىشى ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى بىرلەشمە بەرگىلىك گۈللۈكلەر كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېرىسگۈلسېرىسگۈلى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال بولۇپ، ئىگىزلىكى 1 ~ 2 مىتىر، بەزىدە شاخلىرىنىڭ ئۆسۈشى پىلەكسىمان. غول شاخلىرى چاسا شەكىللىك بولۇپ، قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بار، ئادەتتە قىسقا ھەم تەتۈر ئىلمەك شەكىللىك تىكەنلىرى بولىدۇ. يەككە يۇپۇرمىقى بىر - بىرىگە ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇمسىمان سوقىچاق، ئالدى تەرىپى تەدرىجى تارىيىدۇ، تۈپى قىسمى يۇمىلاق، ئىككى تەرىپىدە يىرىك تۈكى بار، كۈچلۈك پۇرىقى بار، باشسىمان گۈل رېتى شاخ قولتۇقىدىن تۇغۇلىدۇ، ھەربىر گۈل رېتىنىڭ 20 نەچچە تال گۈلى بار، گۈل تاجىسى كانايسىمان ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئۈستى كۆپىنچە بەش يوپۇرماقلىققا ئوخشايدۇ.

سېرىسگۈلئىللىق، نەم كىلىماتنى خالايدۇ. ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئەمما سوغۇققا چىدامسىز، بوش، مۇنبەت، سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولغان قۇمساڭ ئەت تۇپراق ئىچىدە بىر قەدەر ياخشى ئۆسىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلى 6 - ئايدىن 10 - ئايغىچە. نەم، ئىسسىق رايونلاردا چېچەكلىمەيدۇ، تەبىئىتى نەمخۇش ئىللىقلىقنى ياقتۇرىدۇ، نەم، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، سوغوققا چىدامسىز. جەنۇبتا ئاساسەن ئوچۇقچىلىقتا ئۆستۈرۈلىدۇ، شىمالدا تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن گۈللىرىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. تۇپراق سۈپىتىگە نىسبەتەن تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، مۇنبەت، يۇمشاق، قۇم، قۇمساڭغۇ تۇپراقتا ئۆسۈشى ئەڭ ياخشى.

سېرىسگۈلئەسلىي ماكانى ئامېرىكا قىتئەسى ئىسسىق بەلۋاغ، جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ، خەينەن ، فۇجيەن، تەيۋەن، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ.

سېرىسگۈلماي كىسلاتاسىدىن تەركىب تاپقان مىرىستىك كىسلاتا، پالمىتىك كىسلاتا، ئاراخىدىك كىسلاتا، كىسلاتا، لىنولېئىك كىسلاتا قاتارلىقلار بار، سوپۇنلىشىش بولمىغان بىر قىسىم ئالكوگول، سىتوستېرول ۋە 1 - مېلىسسىل ئالكوگول، يەنە تەركىبىدە گلۇكوزا، مالتوزا، رامنوزا، ئۇچۇچان ماي، فېللاندرېن، دىپېنتېن، ئالفا - قارىغاي ئولېيل ئالكوگول، گېرانۇم ئالكوگول، كامفورا دەرىخى ئالكوگول، ئېۋكالىپت يوپۇرماقلىق ماددىسى، دىڭ ئات مېيى فېنول، سىترېن، فۇرفۇرال، كارۇم، سىمېن، پىنېن، مىرسېن، يۇنىپېرۇس دەرىخى ۋە ئالفا قاتارلىقلار بار. 

مەنزىرە قىممىتى

سېرىسگۈلسېرىسگۈلىنىڭ يۇمران شاخلىرى ئىنتايىن يۇمشاق، كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشتەك مەنزىرىسى قىلىشقا ماس كېلىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەش يەككە، قوش غول شەكىللىك، سۇ شەكىللىك، يانتۇ قۇرۇق قاتارلىق ئوخشىمىغان شەكىلدىكى تەشتەك مەنزىرىسى. سېرىسگۈلىنىڭ  يوپۇرمىقى چوڭ، دەرەخ تاجىسى دۈگلەك ياپراقچە شەكىللىك بولىدۇ. ئۆسۈشى تېز بولغاچقا، بىخلىنىش كۈچى كۈچلۈك، پۇتاپ چاتاشقا چىداملىق، شەكىل چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چاتاش ئاساس قىلىنىدۇ.

دورىلىق قىممىتى

سېرىسگۈليىغىپ پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق يىلتىز ياكى پۈتۈن تۈپى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى: مۆتىدىل، تەمى سۇس. يوپۇرمىقى : چىۋىق تال شەكلىدە. گۈلى : تاتلىق، قېنىق ئەمەس. ئۈنۈمى : ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش. چىۋىق تال يوپۇرمىقى : يەلنى ھەيدەپ قىتىشىشنى توختىتىدۇ، زەھەر قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرۇش رولى بار. 

باشقا قىممىتى 

سېرىسگۈلىنىڭ شاخلىرى ۋە گۈللىرى پۇراقلىق پاشىغا سەزگۈر، ئۇنىڭ پاشا قوغلاش ئۈنۈمى ياخشى، پاشا قوغلاپ چىقىرىش ۋە ھويلا - ئاراملارنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئىككى خىل رول ئوينايدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#