باش مالىيە ھەيئىتى

باش مالىيە ھەيئىتى

Cfo بولسا ئىنىگلىزتىلىدىكى Chief Financial Officer دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسەن مالىيە نازارەتچىسى ياكى باش مالىيە ھەيئىتىنى كۆزدە تۇتىدۇ، باش مالىيە ھەيئىتى شىركەتنىڭ مەنىۋىيىتىنى (مالىيە ئىشلىرى) ۋە ھاياتىي كۈچى (نەق پۇل مەنبەسى) نى كونترول قىلىشتەك رولى بىلەن بۈگۈنكى دەۋردىكى شىركەتلەردە ئەڭ مۇھىم، ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە باشقۇرۇش كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرچە نامى باش مالىيە ھەيئىتى
چەتئەلچە نامى Chief Financial Officer
رولى مالىيە باش نازارەتچىسى
خەنزۇچە نامى 首席财务官
قىسقارتىلغان نامى Cfo

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باش مالىيە ھەيئىتىجۇڭگودا باش بوغالتىرلىق تۈزۈمى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پىلانلىق ئىگىلىكىنى قوبۇل قىلىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ تۈزۈم گەرچە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئىبارەت قالايمىقانچىلىق يىللاردا بەزىبىر تالاپەتلەرگە، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما دېڭ شىياۋپىڭ قالايمىقانلىقنى ئوڭشىغان شۇ يىللاردا باش بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. 1990-يىلىغا كەلگەندە گوۋۇيۈەن ‹‹باش بوغالتىرلىق نىزاملىرى›› نى ئېلان قىلىنىپ، چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا باش بوغالتىرلىق تۈزۈمى قوللىنىلىپ، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر باش بوغالتىرلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا باش بوغالتىرلار دۆلەت مەنپەئەتىگە بىۋاستە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرگە يەنە زاۋۇت باشلىقىىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولاتتى. بازار ئىگىلىكىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، باش بوغالتىر باش دېرىكتورنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان بولدى. 1994-يىلىدىن باشلاپ، شىنجىن، شاڭخەي قاتارلىق تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلاردا باش مالىيە نازارەتچىسى تۈزۈمىنى تەسسىس قىلدى. 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ‹‹بوغالتىرلىق قانۇنى›› نى يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلاردا چوقۇم بوغالتىر ئىشلىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ئەمەلىيەتتە، زامانىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان باش مالىيە ھەيئىتى تۈزۈمى دۆلىتىمىزدە تېخى مەيدانغا كەلگىنى يوق، ئامما ئارىسىدىمۇ ئۇ توغرۇلۇق بىرلىككە كەلگەن تونۇش تولۇق شەكىللىنىپ بولالمىدى. نەزىرىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە جۇڭگودا باش مالىيە ھەيئىتى-كارخانا مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى، باش بوغالتىر، باش مالىيە نازارەتچىسى، مالىيە بۆلۈم مەسئۇلى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك كەسىپ تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باش مالىيە ھەيئىتى ئەڭ دەسلەپ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئامېرىكا باشلىق غەرپ دۆلەتلىرى كارخانىلىرىدا پەيدا بولغان بولۇپ، شىركەت ئىچىدىكى بەلگىلىك نوپوز ۋە نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغان، شىركەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغان باشقۇرغۇچىلاردىن ھېسابلىناتتى. ئۇلار ھەم مۇدىرىيەتنىڭ قارار چىقىرىش قاتلىمىغا، ھەم دېرىكتورلارنىڭ ئىجرا قىلىش قاتلىمىغا تەۋە بولۇپ، پايچىكلار ياراتقان قىممەتنى ئاساس قىلىپ، شىركەتنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك پائالىيەتلىرىگە بىۋاستە قاتنىشالايتتى. باش مالىيە ھەيئىتىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋەزىپىسىمۇ بايلىقلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك پىلانلىرىنى ۋە شىركەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، كارخانا ئىستىراتىگىيىسىنى بەلگىلەشتىكى مەركىزى شەخس بولۇپ، مەبلەغ چىقارغۇچى تەرەپكە ۋاكالىتەن سىرتقى مەبلەغنى كونترول قىلاتتى ھەمدە پايچىك ۋە مۇدىرىيەتكە بىۋاستە مەسئۇل بولاتتى. كېيىن ئامېرىكىدا ئىقتىسادقا دائىر پىتنە-ئېغۋالار تارقالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار قانۇنلاردا باش مالىيە ھەيئىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا يۈكسەك ھوقۇققا ئىگە بولۇۋالماسلىقى، شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن باش ئىجرائىيە ھەيئىتىگە دوكلات بېرىشى لازىملىقى بەلگىلەندى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن باش مالىيە ھەيئىتىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىدا ئىستىراتىگىيە بەلگىلەش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشتىكى ھالقىلىق رولىنى كۆزدىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. [1]

مالىيە باش نازارەتچىسى بۇرچى ۋە رولى 

كارخانا ئىستىراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى ۋە مالىيە ئىستراتېگىيەلىك قوبۇل قىلىش؛ 

تەدبىر بەلگىلەش قوللايدىغان مالىيە باشقۇرۇش دوكلاتى ۋە ئانالىز قىلىش سىستېمىسى؛ 

كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك خام چوت باشقۇرۇش سىستېمىسى؛

پۈتۈن قىممەت زەنجىرىنىڭ تىجارەت مەبلىغىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى؛ 

ئومۇميۈزلۈك خەۋپ-خەتەر باشقۇرۇش سىستېمىسى؛ 

كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش قوشۇۋېلىش قىممىتىنى باشقۇرۇش؛

قىممەت باج باشقۇرۇش 

مالىيە باش نازارەتچىسى بولغان رەھبەرلىك كۈچى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى؛

مالىيە باش نازارەتچىسى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش؛ 

مالىيە باش نازارەتچىسى ئىقتىدارى ئەمەلىي مانېۋىر؛

 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا CFO ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، لېكىن رولى كۆرۈنەرلىك بولمىغان. 

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا CFO ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە تۇرغان، مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلگەن.

1. ئاپپاراتقا مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، شىركەت ئۆزىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى تاپشۇرۇۋالغان مەركىزى بولۇپ قالغان. 

2. يەر شارى بىر كىچىك كەنت بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى، نەق پۇل باشقۇرۇش، كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار.

3. IT تېخنىكا تەرەققىياتى، مالىيە باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، مالىيە سىرتقا ھۆددىگە بېرىش مۇلازىمەتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش مودا بولدى. 

4. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغان، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ھاياتىي كۈچكە تولغان.

◆ بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك مالىيەگە ئىگە كەسپىي نەزەرىيىۋى بىلىم، ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇش بىلىملىرىنى مالىيە-ئىقتىساد قانۇن-نىزام ۋە تۈزۈمىنى پىششىق تۇنۇش؛ 

◆ مالىيەگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى پىششىق بىلىدىغان، سەرمايە ئىمپورت ئىكىسپورت سودىسى، كارخانا مالىيە تۈزۈمى ۋە تەرتىپى؛ 

◆ بىر قەدەر چوڭ مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تەھلىل قىلىش، دەلىللەش ۋە تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش؛ 

◆ باج قانۇنىنى، سىياسەت، تىجارەت ئانالىزى، تەننەرخنى كونترول قىلىش ۋە تەننەرخ ھېسابلاشنى پىششىق بىلىش؛ 

◆ مول مالىيە باشقۇرۇش، مەبلەغ، پىلانلاش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە كاپىتالنىڭ ھەرىكەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇش؛ 

◆ ئېغىزچە ھەم يېزىقچە ئىپادىلەش ئىقتىدارى ياخشى بولۇش. 

تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە باش نازارەتچىسى كارخانا تىجارىتىدىكى رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە باش نازارەتچىسى چوقۇم ئېنىق بولۇشى كېرەك. مالىيە باش نازارەتچىسىنى كارخانىلاردىكى كونكرېت فۇنكسىيە دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. 

باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى 

كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيىتىدە، مالىيە باش نازارەتچىسى ئۆز كارخانىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مالىيە باشقۇرۇش قائىدە- تۈزۈملىرى تۈزۈپ چىقىشى زۆرۈر ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، شىركەتنىڭ مالىيە ۋە تىجارەت پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش؛ تەشكىللەش، مالىيە خام چوتى، نەق چوت تۈزۈش، پايدا تەقسىماتى ياكى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسى ۋە مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەڭشەش پىلانى، خىراجەتنى چىقىم قىلىش پىلانى، مەبلەغ پىلانى، مەسئۇل خام چوتنى تەستىقلاش، نەق چوت پايدا تەقسىماتى ياكى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسى ۋە تۈرلۈك پىلاننى ئىجرا قىلىش؛ قاراشلىق كارخانىلارنىڭ يىللىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنى تۈزۈش ھەمدە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن تەكشۈرۈش؛ 

نازارەتچىلىك فۇنكسيەسى 

مالىيە باش نازارەتچىسى مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش، نازارەت قىلىش، نازارەت قىلىش كارخانىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش، چوڭ-چوڭ مالىيە تەدبىرى ۋە تەكشۈرۈش مالىيە دوكلاتى، چوڭ-چوڭ مالىيە كىرىم-چىقىمى ۋە تىجارەت پائالىيىتىنى باش دېرىكتور بىلەن بىرلەشمە ئىمزا تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مالىيە باش نازارەتچىسى ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مالىيە-ئىقتىسادقا ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن نىزاملار، قائىدە-تۈزۈم ۋە مۇدىرىيەت قارارى، شىركەت نىزامنامىسى؛ شىركەتنىڭ مالىيە تۈزۈمى بەلگىلەنگەن ئىشلارغا بىرلەشمە ئىمزا قۇيۇش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلارغا مالىيە باش نازارەتچىسى ئىمزا قويۇپ بېرىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىشلارنى بىردەك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىش. [2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#