ئۈجمە دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئۈجمە (مېۋە)
  2. ئۈجمە (خام دورا)
  3. ئۈجمە ()
مېۋە
ئۈجمە

ئۈجمە ( NIorus ) ئۈجمە ئائىلىسى ( Moraceae ) ئۈجمە ئۇرۇقدىشى( Morus Linna ) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ . ئۈجمە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تەكشى تارقالغان . يازدا ھەممىدىن بۇرۇن پىشىدىغان مېۋە . ئۈجمىنىڭ ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن . 


ئۇيغۇرچە نامى ئۈجمە
تارقالغان رايونلار جۇڭگونىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى جايلار
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى چاققاق ئوت تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئۈجمە ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئۈجمە ئائىلىسى
تۈرى ئۈجمە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەرىخى 

ئۈجمەئۈجمە غوللۇق دەرەخ ياكى چاتقال بولۇپ ، ئېگىزلىكى 3 مېتىردىن يۇقىرى ، غولىنىڭ دىئامېتىرى 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ ، دەرەخ قوۋزىقى قېلىن ، كۈلرەڭ ، رەتسىز تېيىز يېرىلغان يېرىقچىلىرى بار؛ 

قىشلىق بىخى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ، تۇخۇمسىمان بىخ تەڭگىچىسى كاھىشسىمان تىزىلغان ، كىچىك شاخلىرى كۈلرەڭ قېنىق قوڭۇر ، ئىنچىكە تۈكلۈك، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك ياكى كەڭ تۇخۇم شەكلىدە ، ئۇزۇنلىقى 5-15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5-12 سانتىمېتىر، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق ياكى يۇمىلاق دىقماق ، تۈۋى يۇمىلاق تېيىز يۈرەكسىمان، يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 - 5.5 سانتىمېتىر، يۇمشاق تۈكچىلىرى بار؛ ھەمراھ يۇپۇرمىقى تېمىنە شەكىللىك بالدۇر چۈشۈپ كېتىدۇ،  سىرتى زىچ ئۇششاق قاتتىق تۈكلۈك .

چېچىكى 

ئۈجمەگۈل چېچىكى بىر جىنسلىق ، ئاتىلىق گۈل رېتى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ ، ئۇزۇنلىقى 2 - 3.5 سانتىمىتىر ، زىچ ئاق رەڭلىك يۇمشاق تۈكچىلىرى بولۇپ ، گۈل يېپىنچە ياپراقچىلىرى كەڭ سوقىچاق ، سۇس يېشىل رەڭلىك. ئانلىق گۈل رېتىنىڭ ئۇزۇنلۇق ئايلانمىسى ئۇمۇمى گۈل سېپى ئۇزۇن 5-10 سانتىمېتىر يۇمشاق تۈكلۈك ، ئانىلىق گۈل ساپىقى يوق ، گۈل يېپىنچە ياپراقچىلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇچى يۇمۇلاق كېلىدۇ. گىرۋەكلىرى تۈكلەر بىلەن قاپلانغان. 

مېۋىسى 

ئۈجمەغۇژمەك گۈللۈك مېۋىسى تۇخۇمسىمان ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 1 - 2.5 سانتىمىتىر ، پىشقاندىكى رەڭگى سورتىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش ئەمەس،  چېچەكلەش مەزگىلى 4-5-ئايلار، مېۋىلەش مەزگىلى 5-8-ئايلار.

ھازىر رايۇنىمىزدا 10 نەچچە خىل ئۈجمە بار ، ئۇلار ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ : يەنى ئاق ئۈجمە ، چېقىر ئۈجمە ، قارا ئۈجمە ، قورساق ئاغرىقى ئۈجمە ، ياڭخى ئۈجمىسى . قارا ئۈجمە ، چوڭ قارا ئۈجمە ، كىچىك قارا ئۈجمە ، ياۋا ئۈجمە ، قۇشقاچ ئۈجمىسى ، دورىلىق ئۈجمە ، شاتۇت. 

ئاق ئۈجمە

ئاق ئۈجمەئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا تەكشى ئۆستۈرۈلىدۇ، مېۋىسى سوقچاق، رەڭگى ئاق، تەمى تاتلىق، ئۇرۇقى ئۇششاق، 2-، 3-پىشىملىرىنىڭ شىرنىسى كۆپرەك. 

بۇ خىل ئۈجمە تۇرپان رايۇنىدا ماي ئېيىنىڭ بېشىدا پىشىدۇ ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى ، ئىيۇن ئېيىنىڭ باشلىرى پىشىدۇ.




تور بۇلاق ئۈجمە

بۇ ئۈجمە پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن ئەتراپىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . ئاق ئۈجمىگە ئوخشاش ، بىراق تەمى ئاق ئۈجمىدەك تاتلىق ئەمەس ، مېۋىسى يوغانراق ، شەكلى ئۇزۇنچاقراق بولۇپ ، ئوبدان پىشقاندا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ .

كۆكپىشار ئۈجمە

كۆكپىشار ئۈجمەبۇ خىل ئۈجمە پىچان ناھىيەسىنڭ لۈكچۈن ئامانشاھ رايۇنىدا ئاز مىقداردا ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ ئاق ئۈجمىنىڭ بىر خىلى بولۇپ ، شەكلى ئاق، سوقىچاق ، بىراق ئاق ئۈجمىدىن ئورۇقراق ، رەڭگىدىن پىشمىغاندەك كۆرۈنىدۇ ، باشقا ئۈجمىلەردىن كېيىنرەك پىشىدۇ ، ساپىقىدىن ئاسان ئايرىلمايدۇ . 




ھەسەن - ھۈسەن ئۈجمە

ھەسەن - ھۈسەن ئۈجمە پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن ئەتراپىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ، مېۋە رەڭگى ئاق ئۈجمىنىڭكىگە ئوخشاش ، بىراق شاخلىرى ئەگرى- بۇگرى ئۆسىدۇ ، 2 - ، 3 - پىشىملىرى تاتلىق بولىدۇ . 

چېقىر ئۈجمە 

چېقىر ئۈجمە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا تەكشى ئۆستۈرۈلىدۇ ، ئەڭ بالدۇر پىشىدۇ ، يەككە مېۋىسى ئۇششاقراق ، رەڭگى جىگەررەڭ ، شەكلى سوقىچاق ، تەمى تاتلىق .

قىزناق ئۈجمە

قىزناق ئۈجمەقىزناق ئۈجمە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ پىچان ناھىيىسى ، تۇرپان قۇمۇل ، ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەن رايۇنلىرىدا ئازراق ئۆستۈرۈلىدۇ . 

بۇ چېقىر ئۈجمىنىڭ بىرخىلى بولۇپ ، ئۈجمە دانىسى كىچىك ، رەڭگى جىگەررەڭ قارامتۇل ، تەمى تاتلىق ، ئۇرۇقى كىچىك ، كۆپىرەك يېسە تامغاقنى قىزىتىدۇ ، ئۇيقۇنى كەلتۇرىدۇ ، دانىسى سەل قاتتىق .



قارا ئۈجمە 

قارا ئۈجمەچوڭ قارا ئۈجمە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا تەكشى ئۆستۈرۈلىدۇ .ئۈجمە دانىسى يوغان ، رەڭگى قارا ، شەكلى سوقىچاق ، يوپۇرمىقى ئۈچكە چوڭقۇر يىرىلغان ، مېۋە تەمى چۈچۈمەل قىرتاق . 

كىچىك قارا ئۈجمە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممىلا يىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . شەكلى ئۇششاق ، يۇمىلاق ، بولۇق، كۆپ مېۋىلەيدۇ ، تەمى قىرتاق .

ياۋا ئۈجمە

ياۋا ئۈجمە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە يىرىگە تەكشى تارقالغان. مېۋە دانىسى باشقا ئۈجمە مېۋىسىگە ئوخشاش، بىراق سەل كىچىك بولىدۇ.

ئۈجمەئۈجمە دەرىخى ئىللىق، نەم كىلىماتنى خالايدۇ، سەل سايىغا چىداملىق. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 12 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى شارائتتا ياشىشىغا مۇۋاپىق. تېمپېراتۇرىسى  25℃-℃40 تىن ئېشىپ كەتكەن تېمپىراتۇرىدا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ℃12 تىن تۆۋەن بولغان شارائىتتا ئۆسۈشتىن توختايدۇ. قۇرغاقچىلىققا چىداملىق،  ھۆلچىلىككە چىدامسىز، ئۈنۈمسىز يەرگە چىداملىق. تۇپراققا بولغان ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك. 

ئىستىمال قىممىتى 

 ئۈجمە دەرىخى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مېۋىلىك دەرىخى بولۇپ، مېۋىسى بالدۇر پىشىدۇ، بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى. 

دورىلىق قىممىتى 

ئۈجمەئۈجمە يوپۇرمىقى قۇرۇق ئىسسىقنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاش، كۆزنى رۇشەنلەشتۈرۈش،  ئىسسىق زۇكام ، زۇكامنىڭ دەسلەپكى دەۋرى، قىزىش ، باش ئاغرىش، تەرلەش ئاينىش ، يۆتۈلۈپ كۆكرەك ئاغرىش ياكى ئۆپكە قۇرغاقلىشىپ قۇرۇق يۆتىلىپ بەلغەم بولۇش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئىقتىساد قىممىتى 

ئۈجمە دەرىخى يەنە ئوقيا ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ ، يەنە قۇرۇق ئوتۇن بولىدۇ ؛ دەرەخ قوۋزىقىنى دورا ماتېرىيالى قىلىشقا ، قەغەز ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ؛  ئۈجمە دەرىخى يەنە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ، مەسىلەن : ئۈژمە ئارا، ھارۋا شوتىسى قاتارلىقلار بار . يۇپۇرمىقىنى پىلە بېقىشنىڭ ئاساسلىق يەم - خەشىكى قىلىشقا بولىدۇ. ياغىچى قاتتىق ، ئۆي جاھازلىرى ياساشقا بولىدۇ .

مەنزىرە قىممىتى 

ئۈجمەئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا، كەنتلەرنىڭ ھويلا – ئارام، ئىشىك ئالدى، باغۋارانلىرىغا، ئېتىز قىرلىرىغا، يول بويى، ئېرىق – ئۆستەڭ ئەتراپى ۋە باشقا مۇۋاپىق يەرلەرگە خالىس ئۈجمە دەرىخى تىكىلىدۇ. دەرەخ تاجىسى كەڭ ، دەرەخ يۇپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان ، كۈز پەسلىدە يوپۇرماق رەڭگى سارغىيىپ چىرايلىق مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شەھەر ، زاۋۇت - كان رايونلىرى ۋە يېزىلاردىكى ئەتراپنى كۆكەرتىشتە ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، ياخشى بولغان كۆكەرتىش ۋە ئىقتىسادىي دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ .

ئۈجمەئۈجمىنىڭ ئەسلىي ماكانى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمى، ھازىر شەرقىي شىمالدا غەربىي جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە رايونى، غەربىي شىمال،  شىنجاڭ رايۇننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. چاۋشيەن، ياپۇنىيە، موڭغۇلىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر رۇسىيە، ياۋروپا، ھىندىستان، ۋيېتنام قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ.[0]

پىلە قۇرتىھەر يىلى ئەتىياز كېلىش ئالدىدا پىلە قۇرتى تېخنىكىلىرى تۆرەلمە پوستىنى يېرىپ چىقىدۇ، ئارقىدىنلا توختىماي كۆپ مىقداردا ئۈزۈم يوپۇرماقلىرىنى يەيدۇ ، ئۇ جەمئىي 4 قېتىم تېرە تاشلايدۇ ، ھەر قېتىم تېرە تاشلىغاندىن كېيىن يەيدىغان ئۈجمە يوپۇرمىقىنىڭ سانى كۆپىيىپ بارىدۇ . غوزا چوڭىيىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يېپەك قۇسۇشقا باشلايدۇ ، ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۈجمە يوپۇرمىقى يەپ يېپەك قۇسىدۇ ؟ خىمىيىۋى تەركىبىدىن قارىغاندا يېڭى ئۈزۈم يوپۇرمىقىنىڭ كۆپ قىسمى سۇ ،ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل ، شېكەر ، ماي ، مېنرال ، سىللوزا قاتارلىقلار بار ، شۇ ماددىلار پىلە قۇرتى يىپەك ئىشلەيدىغان ماتىرىياللاردۇر . باشقا ماددىلار 1000 دانە پىلە قۇرتى ئۆمرىدە 20 كىلوگرام ئۈجمە يوپۇرمىقى يەپ ، 0.5 كىلوگرام يىپەك چىقىرىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان . پىلە قۇرۇتلىرى يېگەن ئۈجمە يوپۇرماقلىرى قانداق يېپەككە ئايلاندۇرىلىدۇ ؟ ئەسلىدە پىلە قۇرتىنىڭ قورسىقىدا ئالاھىدە ماددا - ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى بىلەن ھەرخىل فېرمىنىتلار بولۇپ ،ئۇلار ئۈجمە يوپۇرمىقىنى پارچىلايدۇ . يوپۇرماقتىكى ئاقسىل ، شېكەر ، ماي ، مىنراللار پىلە قۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ، سىللوزا ئۇنىڭ تېزىكى بىلەن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ . يېپەكنىڭ تەركىبى ئاقسىل بولغاچقا سىللوزادىن ماھىيەتلىك پەرىقلەرگە ئىگە ، ئۇ تالادەك تۇراقلىق ئەمەس . يىپەكتىن ئىشلەنگەن تاۋار - دۇردۇن قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئوبدان ساقلانمىسا ئاسان چىرىپ ، كۈيە يەپ كېتىدۇ ، ئۇ يەنە ئىشقارلارنىڭ تەسىرىگىمۇ چىدامسىز ، ئۇنى ئىشقارلىق سوپۇن ئارقىلىق يۇيۇشقىمۇ بولمايدۇ .[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#