شورلېممېر

شورلېممېر

گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر خىمىكى شورلېممېر 1834-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ھېسسېن ئوبلاستىدىكى دارمىستاد شەھىرىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شورلېممېر
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1834-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
كەسپى خىمىيە ئالىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 肖莱马
يۇرتى گېرمانىيەنىڭ ھېسسېن ئوبلاستىدىكى دارمىستاد شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1892-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شورلېممېرشورلېممېر گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر خىمىكى. ئۇ دورىخانىدا شاگىرت ۋە تەجرىبىخانىدا تۆۋەن دەرىجىلىك ياردەمچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئىلمىي تەتقىقاتتا قېتىرقىنىپ ئىشلىگەنلىكى، دادىل ئىزلەنگەنلىكى ئارقىسىدا، ئاخىرى ئالدىنقىلار چىقىپ باقمىغان چوققىغا چىققان. شورلېممېر 1834-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ھېسسېن ئوبلاستىدىكى دارمىستاد شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى نامرات ياغاچچى، ئانىسى ئاددى ئائىلە ئايالى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئون نەچچە جاننى يالغۇز مۇشۇ ياغاچچى بوۋاي جاپالىق ئەمگىكى بىلەن باقاتتى، شورلېممېر باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاران بىر كەسىپىي مەكتەپكە كىرگەن. ئۇ مەكتەپتە ھەر قايسى دەرسلەر بويىچە ئەلا ئوقۇغاندىن تاشقىرى خىمىيە تەجرىبىسى بويىچىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى ماھارەت كۆرسەتكەن. شورلېممېر كەسپىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئارقىسىدا، دورىخانىغا شاگىرتلىققا كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن دورىلار دورىخانىنىڭ ئۆزىدە ياسىلاتتى. دورا ياساشتا جەزمەن خىمىيىۋى ئۇسۇل ۋە خىمىيىۋى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى، بۇ ھال دەل ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى.

شورلېممېر شاگىرتلىققا كىرگەن دورىخانا دارمىستاد شەھىرىدە ئىدى. بۇ تاغلىرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپ-سۈزۈك، مەنزىرسى ئىنتايىن گۈزەل شەھەر بولۇپ، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بۇ يەردە نۇرغۇن قېتىم تاغلارغا چىقىپ ئوينىغان ئىدى. بۇ گۈزەل مەنزىرلىك يەرگە قايتىپ كېلىش ئۇنى قانداقمۇ خوشال قىلمىسۇن؟ ئۇ بوش ۋاقتى بولسىلا تاغقا چىقىپ، گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلاتتى، شۇنداقلا ئۆسۈملۈكلەردىن نۇرغۇن ئەۋرىشكە تېرىپ كېلەتتى. ئىككى يېرىم يىللىق شاگىرتلىق تۇرمۇش ئارقىسىدا، شورلېممېرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەلا بولۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دورىگەرنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ. 1856-يىلى شورلېممېر ھېيدېلبېرگقا بېرىپ، بىر دورىخانىدا ياردەمچى دورا تەڭشىگۈچى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ دائىم ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىگە بېرىپ خىمىيىدىن دەرس ئاڭلاپ تۇرىدۇ. 1859-يىلى ئەتىيازدا، شورلېممېر دورىخانىدىن چىقىپ لىبشى دەرس بېرىۋاتقان ھېسسېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ. لېكىن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ كېتەلمىگەنلىكتىن، يېرىم يىللا ئوقۇپ ئوقۇشتىن قالىدۇ. بەختكە يارىشا بۇ چاغدا ساۋاغداشلىرى خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا بىر چىقىش يولى تېپىپ بېرىدۇ. 1859-يىلى كۈزدە بۇ 25 ياشلىق ياش يىگىت ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ئەنگلىيىگە بېرىپ يېڭى ھاياتنى باشلايدۇ.

شورلېممېر ئاۋال روسكو خىمىيە تەجرىبىخانىسىدا، قايناش نۇقتىسى تۇراقلىق سۇيۇقلۇق كىسلاتا ئېرىتمىسىنىڭ تەركىبىنى ئۆلچەش ئۈستىدىكى مەخسۇس تەتقىقات بىلەن بولغان، ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئوۋېنىس ئىنىستىتۇتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا رەسمىي ياردەمچى بولغان، بۇ چاغدا ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا تەجرىبە دەرس بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى رەسمىي باشلىغان. شورلېممىېر خىمىيە ئانالىزىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇ خىمىيە تەجرىبىسى ۋە خىمىيە تەتقىقاتى بويىچە ئاساسىي ماھارەتكە ئىگە بولۇپ، تەجرىبە جەريانىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك ئۇششاق ھادىسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ كۈزەتكەن ھەمدە خاتىرلەپ ماڭغان، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولمىغان خىمىيىۋى نەرسىلەرنىمۇ دائىم چوڭ خەۋپ-خەتەرگە قارىماي تەھلىل قىلىپ تۇرغان، خىمىيە تەجرىبىسى جەھەتتە ئۇ باتۇر ھەم قەيسەر بولغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ، نۇرغۇن دەۋىر بۆلگۈچ كەشپىياتلارنى ياراتقان.

شورلېممېر 1871-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ سايلانغان. 1874-يىلى ئوۋېنىس ئىنىستىتۇتىدا ئورگانىك خىمىيە پروفېسسورى بولغان. 1878-يىلى ئامېرىكا پەلسەپە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. شورلېممېر پروفېسسور بولغاندىن تارتىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە، تەجرىبە ئۆتكۈزۈش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ۋە تەتقىقاتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سىستېملىق ھالدا يەكۈنلەپ، ۋەكىل خاراكتېرلىك 4 مەخسۇس ئەسەر، 60 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېگەن: شورلېممېر دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن تارتىپ يېرىم كېچىگىچە ئىشلەيتتى. ئۇ ھەمىشە كۈتۈپخانىغا بېرىپ ماتېرىيال كۆرەتتى، كۈتۈپخانىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇ ئارىيەت ئېلىپ كېتەتتى. شۇڭا باشقۇرغۇچىلار ئۇنىڭدىن «قورقىدىغان» بولۇپ قالغان ئىدى. شورلېممېر ئۆز ئەسىرىدە بىرىنچى بولۇپ ئورگانىك ماددىلارنى ئىلمىي ئاساستا تۈرگە ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېملىق ھالدا تەتقىق قىلغان. ئۇ ئورگانىك ماددىلارنى ياغلار ۋە ئاروماتلار دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىغان. ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئورگانىك خىمىيىگە «كاربون ھىدرىت بىرىكمىلىرى ۋە ئۇنىڭ ھاسىلى ماددىسىنىڭ خىمىيىسى» دەپ تەبىر بەرگەن ئادەم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە «ئورگانىك خىمىيە دەرسلىگى» ۋە «خىمىيە دەرسلىگى قامۇسى» دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇ كىتابلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا كەڭ تارقالغان كاتتا خىمىيە ئەسەرلىرى بولۇپ قالغان. شورلېممېرنىڭ ئاخىرقى ئەسىرى «خىمىيىنىڭ ئومۇمى تارىخى» دېگەن كىتاب بولىدۇ. ئۇ بۇ كىتابنى كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا يېزىپ چىققان.

ئىنسانىيەت ئۇنىڭغا تېخىمۇ موھتاج بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا ئۆپكە راكى ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئۇ 1892-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 58 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، 1894-يىلى ئۇ ئىشلىگەن مەكتەپتە «شورلېممېر تەجرىبىخانىسى» نى قۇرغان.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#