كېسىم قانۇنى

كېسىم قانۇنى

1994–يىلى 8–ئاينىڭ 31–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9–يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى كېسىم قانۇنى
خەنزۇچە نامى 仲裁法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېسىم قانۇنى(1994–يىلى 8–ئاينىڭ 31–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1–ماددا بۇ قانۇن ئىقتىسادىي ماجىرالارنى ئادىل، ۋاقتىدا كېسىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى. 

2–ماددا باراۋەر سۇبيېكتىپ ھېسابلىنىدىغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا تۇغۇلغان توختام ماجىرالىرى ۋە مال–مۈلۈك ھوقۇق مەنپەئىتىگە دائىر باشقا ماجىرالاردا كېسىم قىلىشقا بولىدۇ. 

3–ماددا تۆۋەندىكى ماجىرالاردا كېسىم قىلىشقا بولمايدۇ: 

(1) نىكاھ، بېقىۋېلىش، ۋەسىيىلىك، يار–يۆلەك بولۇش، ۋارىسلىققا دائىر ماجىرالار؛ 

(2) قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئورگانلار بىر تەرەپ قىلىدىغان مەمۇرىي تالاش–تارتىشلار.

4–ماددا دەۋالاشقۇچىلار ماجىرانى كېسىم شەكلى بىلەن ھەل قىلىشتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى كېرەك. كېسىم كېلىشىمى بولماي تۇرۇپ، بىر تەرەپ كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، كېسىم ھەيئىتى قوبۇل قىلمايدۇ.

5–ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ. بىراق، كېسىم كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

6–ماددا كېسىم ھەيئىتىنى دەۋالاشقۇچىلار كېلىشىمدە تاللىۋالىدۇ. 

كېسىم قىلىشتا دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە جايلار بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى يولغا قويۇلمايدۇ. 

7–ماددا كېسىم قىلىشتا ماجىرالار پاكىتقا ئاساسەن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ھالدا ئادىل، مۇۋاپىق ھەل قىلىنىدۇ. 

8–ماددا كېسىم ئىشلىرى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئارىلاشتۇرۇلمايدۇ.

9–ماددا كېسىم قىلىشتا بىر كېسىم بىلەنلا ئاياغلاشتۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار بىر ماجىرا ئۈستىدە قايتا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، كېسىم ھەيئىتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ. 

خەلق سوت مەھكىمىسى قارارنى كۈچتىن قالدۇرۇش ياكى ئىجرا قىلماسلىق ھەققىدە قانۇن بويىچە كېسىم چىقارغاندا، دەۋالاشقۇچىلار شۇ ماجىرا ئۈستىدە قايتا ھاسىل قىلغان كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن، كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. 

2–باب كېسىم ھەيئىتى ۋە كېسىمچىلەر جەمئىيىتى 

10–ماددا كېسىم ھەيئىتى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەرلەردە تەسىس قىلىنسا بولىدۇ، مەمۇرىي رايون بويىچە ئايرىلغان قاتلاملاردا تەسىس قىلىنماستىن، ئەھۋالغا قاراپ، رايون تەسىس قىلىنغان باشقا شەھەرلەردە تەسىس قىلىنسىمۇ بولىدۇ. 

كېسىم ھەيئىتىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلار ۋە سودا جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ بىر تۇتاش قۇرۇپ چىقىدۇ.

كېسىم ھەيئىتى تەسىس قىلىشتا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلىدۇ. 

11–ماددا كېسىم ھەيئىتى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم: 

(1) ئۆزىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛

(2) زۆرۈر مال–مۈلكى بولۇش؛ 

(3) تەكلىپ قىلىنغان كېسىمچىلەر بولۇش. 

كېسىم ھەيئىتىنىڭ نىزامنامىسى مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن تۈزۈپ چىقىلىدۇ. 

12–ماددا كېسىم ھەيئىتى بىر مۇدىر، ئىككىدىن تۆتكىچە مۇئاۋىن مۇدىر ۋە يەتتىدىن 11 گىچە ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ. 

كېسىم ھەيئىتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئەزالىقىنى قانۇن، ئىقتىساد–سودا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى بولغان خادىملار ئۈستىگە ئالىدۇ. كېسىم ھەيئىتى تەركىبىدىكى خادىملاردىن قانۇن، ئىقتىساد–سودا مۇتەخەسسىسلىرى 3/2 قىسىمدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. 

13–ماددا كېسىم ھەيئىتى كېسىمچىلىككە ئادىل، دۇرۇس خادىملارنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك. 

كېسىمچىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەردىن بىرىنى ھازىرلىشى لازىم: 

(1) كېسىم خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا سەككىز يىل توشقان بولۇش؛ 

(2) ئادۋوكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا سەككىز يىل توشقان بولۇش؛ 

(3) سەككىز يىل سوتچىلىق قىلغان بولۇش؛ 

(4) قانۇن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇش ھەمدە ئالىي ئۇنۋان ئلغان ياكى شۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كەسپىي سەۋىيىگە ئىگە بولۇش. 

كېسىم ھەيئىتى ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەر بويىچە كېسىمچىلەر ئىسىملىكىنى تۇرغۇزىدۇ. 

14–ماددا كېسىم ھەيئىتى مەمۇرىي ئورگانلاردىن مۇستەقىل بولىدۇ. مەمۇرىي ئورگانلار بىلەن بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، كېسىم ھەيئەتلىرى ئوتتۇرسىدىمۇ بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. 

15–ماددا جۇڭگو كېسىمچىلەر جەمئىيىتى–ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، كېسىم ھەيئىتى جۇڭگو كېسىمچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو كېسىمچىلەر جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى مەملىكەتلىك ئەزالار يىغىنىدا تۈزۈپ چىقىلىدۇ. 

جۇڭگو كېسىمچىلەر جەمئىيىتى كېسىم ھەيئىتىنىڭ ئۆز–ئۆزىنى باشقۇرىدىغان تەشكىلاتى بولۇپ، نىزامنامىسىگە ئاساسەن كېسىم ھەيئىتى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار، كېسىمچىلەرنىڭ ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ. جۇڭگو كېسىمچىلەر جەمئىيىتى كېسىم قائىدىسىنى مۇشۇ قانۇن ۋە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىدۇ.

3–باب كېسىم كېلىشىمى 

16–ماددا كېسىم كېلىشىمى توختامدىكى كېسىم ماددىلىرى ۋە ماجىرا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ياكى ماجىرا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھاسىل قىلغان كېسىم تەلىپىگە دائىر باشقا يازما كېلىشىملەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. 

كېسىم كېلىشىمىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك: 

(1) كېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلىش مەقسىتى؛ 

(2) كېسىم قىلىنىدىغان ئىشلار؛ 

(3) تاللىغان كېسىم ھەيئىتى. 

17–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان كېسىم كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ: 

(1) كېسىم قىلىشنى پۈتۈشكەن ئىشلار قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا؛ 

(2) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق كىشىلەر ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىلەر تۈزۈشكەن كېسىم كېلىشىملىرى؛ 

(3) بىر تەرەپ مەجبۇرلاش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ يەنە بىر تەرەپنى كېسىم كېلىشىمى تۈزۈشكە مەجبۇرلىغان بولسا. 

18–ماددا كېسىم كېلىشىمىدە كېسىم قىلىنىدىغان ئىشلار ياكى كېسىم ھەيئىتى بەلگىلەنمىگەن ياكى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسا، دەۋالاشقۇچىلار قوشۇمچە كېلىشىم ھاسىل قىلسا بولىدۇ. قوشۇمچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىرىدا، كېسىم كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

19–ماددا كېسىم كېلىشىمى مۇستەقىل مەۋجۇت بولىدۇ. توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، بىكار قىلىنىشى، توختىتىلىشى ياكى كۈچتىن قالدۇرۇلۇشى كېسىم كېلىشىمىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 

كېسىم كوللېگىيىسى توختامنىڭ كۈچىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. 

20–ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم كېلىشىمىنىڭ كۈچىگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولغانلىرى كېسىم ھەيئىتىنىڭ قارار چىقىرىشى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بىر تەرەپ كېسىم ھەيئىتىنىڭ قارار چىقىرىشىنى، يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىدۇ. 

دەۋالاشقۇچىلار كېسىم كېلىشىمىنىڭ كۈچىگە قارىتا بولغان باشقىچە پىكىرلىرىنى كېسىم كوللېگىيىسى تۇنجى قېتىم سوت ئېچىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. 

4–باب كېسىم تەرتىپى

1–پاراگراف ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش 

21–ماددا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ كېسىم ئىلتىماسى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك: 

(1) كېسىم كېلىشىمى بولۇش؛ 

(2) كونكرېت كېسىم تەلىپى، پاكىتى ۋە ئاساسى بولۇش؛ 

(3) كېسىم ھەيئىتىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدە بولۇش.

22–ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، كېسىم ھەيئىتىگە كېسىم كېلىشىمى، كېسىم ئىلتىماسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

23–ماددا كېسىم ئىلتىماسىغا تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى لازىم: 

(1) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىسىم–فامىلىسى، جىنسى، يېشى، كەسپى، خىزمەت ئورنى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلىنىڭ ئىسىم–فامىلىسى، ۋەزىپىسى؛ 

(2) كېسىم تەلىپى ۋە ئاساسلانغان پاكىتى، ئاساسى؛

(3) دەلىل–ئىسپات ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى، گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسم–فامىلىسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى.

24–ماددا كېسىم ھەيئىتى كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە، قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قارىغانلىرىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى دەۋالاشقۇچىلارغا يازما شەكىلدە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئاسسنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك. 

25–ماددا كېسىم ھەيئىتى كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كېسىم قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كېسىم قائىدىسى ۋە كېسىمچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە كېسىم ئىلتىماسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ۋە كېسىم قائىدىسى، كېسىمچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. 

ئىلتىماس قىلىنغۇچى كېسىم ئىلتىماسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كېسىم قائىدىسىگە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كېسىم ھەيئىتىگە جاۋاب خېتى تاپشۇرۇشى كېرەك. كېسىم ھەيئىتى جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كېسىم قائىدىسىگە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە جاۋاب خېتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. ئىلتىماس قىلىنغۇچى جاۋاب خېتىنى تاپشۇرمىسا، كېسىم تەرتىپىگە تەسىر يەتمەيدۇ. 

26–ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغاندا، كېسىم كېلىشىمى بارلىقىنى ئېيتماي، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر تەرەپ تۇنجى قېتىم سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرى كېسىم كېلىشىمىنى تاپشۇرغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋانى رەت قىلىشى كېرەك، بىراق، كېسىم كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ 

يەنە بىر تەرەپ تۇنجى قېتىم سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ دېلونى قوبۇل قىلىشىغا قارىتا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا، كېسىم كېلىشىمىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قاراپ، خەلق سوت مەھكىمىسى داۋاملىق قاراپ چىقىشى كېرەك. 

27–ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى كېسىم ئىلتىماسىدىن ۋاز كەچسە ياكى ئۇنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ئىلتىماس قىلىنغۇچى كېسىم ئىلتىماسىنى ئېتىراپ قىلسا ياكى رەت قىلسا بولىدۇ، قارشى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

28–ماددا دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ ھەرىكىتى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قارارنى ئىجرا قىلالمىسا ياكى ئىجرا قىلىشى تەسكە چۈشسە، مال–مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار مال–مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا، كېسىم ھەيئىتى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشى كېرەك. 

ئىلتىماس قىلىنغۇچى خاتا ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ مال–مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تۈپەيلىدىن ئۇچرىغان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. 

29–ماددا دەۋالاشقۇچىلار، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلەر كېسىم پائالىيىتىنى ئادۋوكاتقا ۋە باشقا ۋاكالەتچىلەرگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكات ۋە باشقا ۋاكالەتچىلەر كېسىم پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، كېسىم ھەيئىتىگە ھوقۇق بەرگەنلىك ھەققىدىكى ھاۋالىنامىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

2–پارگراف كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى 

30–ماددا كېسىم كوللېگىيىسى ئۈچ نەپەر كېسىمچىدىن ياكى بىر نەپەر كېسىمچىدىن تەركىب تاپسا بولىدۇ. ئۈچ نەپەر كېسىمچىدىن تەركىب تاپقانلىرىدا، باش كېسىمچى قويۇلىدۇ. 

31–ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ ئۈچ نەپەر كېسىمچىدىن تەركىب تېپىشىنى پۈتۈشكەن بولسا، بىردىن كېسىمچىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشى ياكى كېسىم ھەيئىتىنىڭ مۇدىرىغا بىر نەپەر كېسىمچىنى بېكىتىپ بېرىشنى ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلىشى، ئۈچىنچى كېسىمچىنى دەۋالاشقۇچىلار بىرلىكتە تاللىشى ياكى كېسىم ھەيئىتىنىڭ مۇدىرىغا بېكىتىپ بېرىشنى بىرلىكتە ھاۋالە قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى كېسىمچى باش كېسىمچى بولىدۇ. 

دەۋالاشقۇچىلار بىر نەپەر كېسىمچىدىن كېسىم كوللېگىيىسى قۇرۇشنى پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلار كېسىمچىنى بىرلىكتە تاللىشى ياكى كېسىم ھەيئىتىنىڭ مۇدىرىغا بېكىتىپ بېرىشنى بىرلىكتە ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

32–ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە، كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ تەشكىل قىلىنىش شەكلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى كېسىمچىنى تاللىمىغان بولسا، كېسىم ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى بېكىتىپ بېرىدۇ.

33–ماددا كېسىم كوللېگىيىسى تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن، كېسىم ھەيئىتى كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ تەشكىل قىلىنىش ئەھۋالىنى دەۋالاشقۇچىلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرك.

34–ماددا كېسىمچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى شەرت، دەۋالاشقۇچىلارمۇ چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق: 

(1) شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچى ياكى دەۋالاشقۇچىلار، ۋاكالەتچىلەرنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولسا؛ 

(2) شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛

(3) شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار، ۋاكالەتچىلەر بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، كېسىمنىڭ ئادىل چىقىرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا؛ 

(4) دەۋالاشقۇچىلار، ۋاكالەتچىلەر بىلەن ئاستىرتتىن كۆرۈشكەن ياكى ئۇلارنىڭ زىياپىتىنى يېگەن، سوۋغىتىنى ئالغان بولسا. 

35–ماددا دەۋالاشقۇچىلار چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ئاساس كۆرسىتىشى، ئىلتىماسنى تۇنجى قېتىم سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرى سۇنۇشى كېرەك. چەتلەپ تۇرۇشقا دائىر ئىشلاردىن تۇنجى قېتىم سوت ئېچىلىشتىن كېيىن خەۋەر تاپقانلار ئاخىرقى قېتىملىق سوت ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. 

36–ماددا كېسىمچىنىڭ چەتلەپ تۇرۇش–تۇرماسلىقىنى كېسىم ھەيئىتى مۇدىرى بېكىتىدۇ؛ كېسىم ھەيئىتى مۇدىرى كېسىمچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، كېسىم ھەيئىتى كوللېكتىپ بېكىتىدۇ. 

37–ماددا كېسىمچى چەتلەپ تۇرۇش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىسا، كېسىمچىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن قايتا تاللاش ياكى بېكىتىش كېرەك. 

چەتلەپ تۇرۇش تۈپەيلىدىن، كېسىمچى قايتىدىن تاللانغان ياكى بېكىتىلگەندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار كېسىم تەرتىپىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، رۇخسەت قىلىش–قىلماسلىقنى كېسىم كوللېگىيىسى بېكىتىدۇ؛ كېسىم كوللېگىيىسى كېسىم تەرتىپىنى داۋاملاشتۇرۇش–داۋاملاشتۇرماسلىقنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسىمۇ بولىدۇ. 

38–ماددا كېسىمچىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 34–ماددىسىنىڭ 4–تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولۇپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 58–ماددىسىنىڭ 6–تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولغانلىرىنى قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش، كېسىم ھەيئىتى ئۇلارنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. 

3–پاراگراف سوت ئېچىش ۋە قارار چىقىرىش

39–ماددا كېسىم قىلىشتا سوت ئېچىش كېرەك. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوت ئاچماسلىق ھەققىدە كېلىشىمى بولسا، كېسىم كوللېگىيىسى كېسىم ئىلتىماسى، جاۋاب خېتى ۋە باشقا ماتېرىتاللارغا ئاساسەن قارار چىقارسا بولىدۇ. 

40–ماددا كېسىم قىلىش ئاشكارا ئېلىپ بېرىلمايدۇ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئاشكار ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىمى بولسا، ئاشكارا ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ، بىراق دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

41–ماددا كېسىم ھەيئىتى كېسىم قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە، سوت ئېچىش ۋاقتىنى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلاردىن يوللۇق ئاساسى بولغانلىرى كېسىم قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كېچىكتۈرۈپ قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كېچىكتۈرۈش–كېچىكتۈرمەسلىكنى كېسىم كوللېگىيىسى قارار قىلىدۇ. 

42–ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن كەلمىگەنلەر ياكى كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا چىقىپ كەتكەنلەر كېسىم ئىلتىماسىدىن ۋاز كەچتى دەپ قارىلىدۇ. ئىلتىماس قىلىنغۇچىلار يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن كەلمىسە ياكى كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا چىقىپ كەتسە، سىرتتىن قارار چىقىرىلسا بولىدۇ. 

43–ماددا دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى ئۈستىدە دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك. كېسىم كوللېگىيىسى زۆرۈر دەپ قارىغان دەلىل–ئىسپاتلارنى ئۆزى توپلىسا بولىدۇ. 

44–ماددا كېسىم كوللېگىيىسى مەخسۇس مەسىلىلەردىن باھالاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرىنى دەۋالاشقۇچىلار پۈتۈشكەن باھالاش تارمىقىنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ، كېسىم كوللېگىيىسى بەلگىلىگەن باھالاش تارمىقى باھالىسىمۇ بولىدۇ. 

دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىغا ياكى كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، باھالاش تارمىقى سوتقا باھالىغۇچى قاتناشتۇرۇشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن، باھالىغۇچىغا سوئال قويسا بولىدۇ. 

45–ماددا دەلىل–ئىسپاتلار سوتتا كۆرسىتىلىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار يۈزلەشتۈرۈلسە بولىدۇ.

46–ماددا دەلىل–ئىسپاتلارنىڭ يوقاپ كېتىش ياكى كېيىن ئېرىشىش تەس بولۇش ئېھتىمالى كۆرۈلسە، دەۋالاشقۇچىلار دەلىل–ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار دەلىل–ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، كېسىم كوللېگىيىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئاشۇ دەلىل-ئىسپات تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشى كېرەك. 

47–ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم چىقىرىش جەريانىدا مۇنازىرىلىشىشكە ھوقۇقلۇق. مۇنازىرە ئاياغلاشقاندا، باش كېسىمچى ياكى تەنھا كېسىمچى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئاخىرقى پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. 

48–ماددا كېسىم كوللېگىيىسى سوت ئېچىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرى ئۆز بايانلىرىنىڭ خاتىرىدە چۈشۈپ قالغان ياكى خاتا يېزىلىپ قالغان جايلىرى بار دەپ قارىسا، تولۇقلاپ ۋە تۈزىتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق، تولۇقلانمىغان ۋە تۈزىتىلمىگەن بولسا، بۇ ئىلتىماسنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.

خاتىرىگە كېسىمچى، خاتىرىلىگۈچى، دەۋالاشقۇچى ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم. 

49–ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا كېلىشىۋالسا بولىدۇ، كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىرى كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ كېلىشىمگە ئاساسەن قارار چىقىرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كېسىم ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسىمۇ بولىدۇ. 

50–ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، كېسىم ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن يېنىۋالسا، كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

51–ماددا كېسىم كوللېگىيىسى قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدىن مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار مۇرەسسە قىلىشنى خالىسا، كېسىم كوللېگىيىسى مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.

مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىرىدا، كېسىم كوللېگىيىسى مۇرەسسەنامە تەييارلىشى ياكى كېلىشىم نەتىجىسىگە ئاساسەن قارارنامە تەييارلىشى لازىم. مۇرەسسەنامە قارارنامىگە ئوخشاش قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. 

52–ماددا مۇرەسسەنامىگە كېسىم تەلىپى ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ كېلىشىم نەتىجىسى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. مۇرەسسەنامىگە كېسىمچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ، كېسىم ھەيئىتىنىڭ تامغىسى بېسىلىپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. 

دەۋالاشقۇچىلار مۇرەسسەنامىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىلگىرى يېنىۋالغان بولسا، كېسىم كوللېگىيىسى ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. 

53–ماددا قارار كۆپ سانلىق كېسىمچىنىڭ پىكرى بويىچە چىقىرىلىدۇ. ئاز ساندىكى كېسىمچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكرى خاتىرىلەپ قويۇلسا بولىدۇ. كېسىم كوللېگىيىسىدىكىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى بىر پىكىرگە كېلەلمىسە، قارار باش كېسىمچىنىڭ پىكرى بويىچە چىقىرىلىشى كېرەك.

54–ماددا قارانامىگە كېسىم تەلىپى، تالاش–تارتىش پاكىتى، قارار چىقىرىش ئاساسى، قارار نەتىجىسى، كېسىم ھەققىنىڭ تۆلىنىشى ۋە قارار چىقىرىلغان ۋاقىت ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار تالاش–تارتىش پاكىتى ۋە قارار چىقىرىش ئاساسىنى ئېنىق يازماسلىققا كېلىشكەنلىرىدە يېزىلمىسىمۇ بولىدۇ. قارارنامىگە كېسىمچى ئىمزا قويىدۇ، كېسىم ھەيئىتى تامغا باسىدۇ، قارارغا قارىتا باشقىچە پىكرى بولغان كېسىمچىلەر ئىمزا قويسىمۇ–قويمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. 

55–ماددا كېسىم كوللېگىيىسى ماجىرا ئۈستىدىن كېسىم چىقىرىشتا، ماجىرانىڭ بىر قىسىم پاكىتى ئېنىق بولسا، شۇ قىسمى ئۈستىدە ئالدىن قارار چىقىرىلسا بولىدۇ. 

56–ماددا قارارنامىدىكى يېزىق، ھېسابلاش جەھەتتىكى خاتالىق ياكى كېسىم كوللېگىيىسى چىقارغان قارارنامىدە چۈشۈپ قالغان ئىشلارنى كېسىم كوللېگىيىسى تولۇقلاپ تۈزىتىپ قويۇشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار قارارنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 30 كۈن ئىچىدە كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ تولۇقلاپ تۈزىتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

57–ماددا قارارنامە چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

5–باب قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش

58–ماددا دەۋالاشقۇچىلار دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىپ، قاراردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىسا، كېسىم ھەيئىتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە قارارنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: 

(1) كېسىم كېلىشىمى بولمىسا؛

(2) قارار چىقىرىلغان ئىشلار كېسىم كېلىشىمىنىڭ دائىرىسىگە كىرمىسە ياكى كېسىم ھەيئىتىنىڭ كېسىم چىقىرىش ھوقۇقى بولمىسا؛ 

(3) كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى ياكى كېسىم تەرتىپى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ بولسا؛ 

(4) قاراردا ئاساسلانغان دەلىل–ئىسپاتلار ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولسا؛ 

(5) دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپ ئادىل قارار چىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان دەلىل–ئىسپاتلارنى يۇشۇرغان بولسا؛

(6) كېسىمچى شۇ دېلو ئۈستىدىن كېسىم چىقىرىشتا پارىخورلۇق قىلغان، شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلغان، قانۇننى بۇزۇپ كېسىم چىقارغان بولسا.

خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن بىرى بارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن قارارلارنى كېسىم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇشى لازىم. 

خەلق سوت مەھكىمىسى جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپ دەپ بېكىتكەن قارارلارنى كېسىم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇشى كېرەك. 

59–ماددا دەۋالاشقۇچىلار قارارنى كۈچتىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى شۇ قارار نامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. 

60–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قارارنى كۈچتىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، كېسىم كوللېگىيىسى قايتىدىن كېسىم چىقىرىش كېرەك دەپ قارىغانلىرىدا، كېسىم كوللېگىيىسى قايتىدىن كېسىم چىقىرىش كېرەك دەپ قارىغانلىرىدا، كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە قايتىدىن كېسىم چىقىرىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلسا ھەمدە كېسىم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇش تەرتىپىنى توختىتىپ قويسا بولىدۇ. كېسىم كوللېگىيىسى قايتىدىن كېسىم چىقىرىشنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كۈچتىن قالدۇرۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك. 

6–باب ئىجرا قىلىش

62–ماددا دەۋالاشقۇچىلار قارارنى ئىجرا قىلىش لازىم. دەۋالاشقۇچىلار بىر تەرەپ قارارنى ئىجرا قىلمىسا، يەنە بىر تەرەپ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 

63–ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى قاراردا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 217–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن بىرى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىجرا قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك. 

64–ماددا دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ قارارنى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان، يەنە بىر تەرەپ قارانى كۈچتىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئارقىلىق ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇشى كېرەك. 

خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئارقىلىق قارارنى كۈچتىن قالدۇرغانلىرىدا، كېسىم ئارقىلىق ئىجرانى ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك. قارارنى كۈچتىن قالدۇرۇش ئىلتىماسى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلغانلىرىدا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئارقىلىق ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى لازىم.

7–باب چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىمگە دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە

65–ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىقتىساد–سودا، ترانسپورت ۋە دېڭىز ئىشلىرىغا دائىر ماجىرالار ئۈستىدىن كېسىم چىقىرىشتا مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

66–ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ھەيئىتى جۇڭگو خەلقئارا سودا جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلسا بولىدۇ.

چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ھەيئىتى بىر مۇدىر، بىر قانچە مۇئاۋىن مۇدىر ۋە بىر قانچە ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ.

چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ھەيئىتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئەزالىرىنى جۇڭگو خەلقئارا سودا جەمئىيىتى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. 

67–ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ھەيئىتى قانۇن، ئىقتىساد–سودا، پەن–تېخنىكا قاتارلىق مەخسۇس بىلىمى بولغان چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئەربابلارنى كېسىمچىلىككە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. 

68–ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ئىشلىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلار دەلىل–ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا، چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ھەيئىتى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئاشۇ دەلىل–ئىسپات تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

69–ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم كوللېگىيىسى سوت ئېچىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويسا ياكى خاتىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەييارلىسا، ئۇنىڭغا دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرى ئىمزا قويسا ياكى تامغا باسسا بولىدۇ.

70–ماددا دەۋالاشقۇچىلار چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم قاتارىدا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 260–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن بىرى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، كۈچتىن قالدۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىدۇ. 

71–ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم قارارىدا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 260–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن بىرى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىجرا قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىدۇ. 

72–ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ھەيئىتىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان كېسىم قارارلىرىدىن دەۋالاشقۇچىلار ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلىرىدا، ئىجرا قىلىنغۇچى ياكى ئۇلارنىڭ مال–مۈلكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە بولمىسا، دەۋالاشقۇچىلار باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولغان چەت ئەل سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

73–ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم قائىدىسىنى جۇڭگو خەلقئارا سودا جەمئىيىتى مۇشۇ قانۇن ۋە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. 

8–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

74–ماددا قانۇندا كېسىم ۋاقىت چېكى ھەققىدە بەلگىلىمە بولغانلىرىغا شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. قانۇندا كېسىم ۋاقىت چېكى ھەققىدە بەلگىلىمە بولمىغانلىرىغا دەۋا ۋاقىت چېكى ھەققىدە بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

75–ماددا جۇڭگو كېسىمچىلەر جەمئىيىتى كېسىم قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىلگىرى، كېسىم ھەيئىتى مۇشۇ قانۇن ۋە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، كېسىمگە دائىر ۋاقىتلىق قائىدە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

76–ماددا دەۋالاشقۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە كېسىم ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

كېسىم ھەققى ئېلىش چارىسىنى مال باھا باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

77–ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى ۋە يېزا ئىگىلىك كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يېزا ئىگىلىك ھۆددىگەرلىك توختامى ماجىراسىنى كېسىم قىلىش ئىشى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. 

78–ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تۈزۈپ چىقىلغان كېسىمگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە توقۇنۇشۇپ قالسا، مۇشۇ قانۇن ئاساس قىلىنىدۇ.

79–ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ۋە باشقا رايونلاردا تەسىس قىلىنغان كېسىم ئاپپاراتلىرىنى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن قايتا قۇرۇش كېرەك؛ قايتا قۇرۇلمىغانلىرى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل توشقاندا توختىتىلىدۇ.

بۇ قانۇن تولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تەسىس قىلىنغان باشقا كېسىم ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى بۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ توختىتىلىدۇ. 

80–ماددا بۇ قانۇن 1995–يىلى 9–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#