سالجا مەنبەلىك تېرە ياللۇغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سالجا ئېغىزىنى تېرىگە سانجىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. سالقا ئۆمۈچۈك سىنىپى سالجا تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئائىلە ئۇرۇقداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ، ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەر تېنىدە ياشايدۇ. ئىسسىق، ھۆلچىلىك پەسىللىرىدە ئاسان كۆپىيىدۇ.
ئادەتتە يۈز قىسمى، يۇقىرىقى مۈچە، كۆكرەك ۋە دۈمبە قىسىملىرىدا كۆپ پەيدا بولىدۇ. ئەمما سالجا بىلەن ئۇچرىشىش ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. كۆپىنچە ئىسسىق، ھۆلچىلىك بولغان ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە پەيدا بولىدۇ. قاتتىق قىچىشىدۇ. بولۇپمۇ كېچىلىرى ھەددىدىن ئاشىدۇ. ئادەتتە ئومۇمىي بەدەنلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ. بىماردا تۆۋەن قىزىتما، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىچ سۈرۈش، ئىچ سىقىلىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ. تېرە زەخمىسى يۇمىلاق ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، گۈرۈچ دېنىدىن پۇرچاق دېنى چوڭلۇقىغىچە دۇمباق قو قوقاقسىمان ئىششىق بولۇپ، يەرلىك ئورۇندا شەكىللىنىدۇ. ئاز ساندىكى بىمارلاردا سۆسۈن قىزىل رەڭلىك داغ ياكى ھۈررەكلەر كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە قاشلاش ئىزى ۋە قاقاچ بىللە بولىدۇ. بەزىلىرىدە ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىپ يىرىڭلىق، قاپارتقۇ پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىش مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىش توختىغاندىن كېيىن، تەخمىنەن بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ.
تېرە زەخمىسىنىڭ تارقىلىشى ۋە شەكلى كېسەل پەيدا بولۇش پەسلى، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا كۆپرەك پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە سالجىنى تەكشۈرۈپ تاپقىلى بولسا دىئاگنوز تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بولىدۇ.
يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچكى − تاشقى تەرەپتىن دورا ئىشلىتىش، داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئىچىدىن ئەرقى چۆبچىن، ئەرقى شاھتەررەلەرنىڭ قايسى بىرىنى ئىترىفىل بەدىيان بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ.
سىرتقى تەرەپتىن ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە مامرانچىن قاينىتىلمىسى بىلەن يەرلىك ئورۇننى ئوبدان يۇيۇپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، خەشخاش يېغى بىلەن ياغلىنىدۇ.
سالجا چېقىۋېلىشتىن ساقلىنىش، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ سالجىنى يوقىتىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش، شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ تېرىنى پاكىز تۇتۇش، سالجا كۆپەيگەن مەزگىللەردە بۇغداي سامىنى بىلەن ئىسرىق سېلىش ھەم ھاشارات ئۆلتۈرۈش سۇيۇقلۇقى چېچىپ سالجا يوقىتىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئوزۇقلاندۇرۇشتا سىڭىشى ئاسان، يەل قوزغىمايدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.