چامغۇر دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. چامغۇر (خام دورا)
  2. چامغۇر (ئۆسۈملۈك، كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى)
خام دورا
چامغۇر

چامغۇر كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تۇرۇپقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۈگۈنەك يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چامغۇر
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 芜菁

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چامغۇرچامغۇر كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تۇرۇپقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۈگۈنەك يىلتىزى گۆشلۈك بولۇپ، رەڭگى ئاق ياكى قىزىل، شەكلى ياپىلاق، شار شەكلىدە ياكى ئۇزۇنچاق كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك يىلتىزى كۆكتات قىلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى تار، ئۇزۇن بولۇپ، چوڭ - چوڭ كەمتۈك جايلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق كېلىدۇ.

چامغۇرنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

چامغۇرنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، يالپاقلاپ قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى چېچەكلىگەندە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

چامغۇر ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ چامغۇر 350 ~ 500 گرام، چامغۇر ئۇرۇقى 5 ~ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

چامغۇرمۇۋاپىق مىقداردىكى چامغۇرنى سۇدا قاينىتىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ۋە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

چامغۇرنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، قىچىشقاق ۋە دۆ چېقىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

چامغۇرنى تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قارا تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. چامغۇرنى خام ھالەتتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قارا تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

مۇۋاپىق مىقداردىكى پىشىپ يېتىلگەن چامغۇرنىڭ كۆكىنى تۈۋىدىن كېسىۋېتىپ، يەردە قالغان چامغۇرنىڭ ئۈستىنى قوشۇق بىلەن ئويۇپ، ئۈستىگە قاچا كۆمتۈرۈپ قويۇپ، ئىككى سوتكىدىن كېيىن چامغۇرنىڭ ئويۇلغان يېرىدە يىغىلغان سۈيىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ چامغۇر شەربىتى ياساپ، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە بەدەن ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. شەربىتى ئېلىنغان چامغۇرنى يۇلۇپ ئېلىپ، تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە بەدەن ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

مۇۋاپىق مىقداردىكى چامغۇر ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىق، ھەزىم ناچارلىق ۋە سۈت ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#