سىئولكوۋسكىي

سىئولكوۋسكىي

رۇسىيە ئالىمى سىئولكوۋسكىي (1857-1935) مۇنداق بېشارەت بەرگەن: «يەر شارى ئىنسانلارنىڭ بۆشۈكى، ئىنسانلار بۇ بۆشۈكتە ھەرگىز مەڭگۈ ياتمايدۇ، بەلكى يېڭى ئاسمان جىسىملىرى ۋە بوشلۇقى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدۇ. ئىنسانلار ئاۋۋال ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆتۈپ، ئاندىن قۇياش بوشلۇقىنى بويسۇندۇرىدۇ». ھازىر ئۇنىڭ بېشارىتى رېئاللىققا ئايلىنىشقا باشلىدى، ئۇ ئالەم قاتنىشىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتىلىپ، ئالەم قاتنىشى پېنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئاجايىپ ئۇتۇقلار قازانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سىئولكوۋسكىي
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1935-يىل 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
چەتئەلچە نامى Константин Эдуардович Циолковский
خەنزۇچە ئىسمى 康斯坦丁·齐奥尔科夫斯基
تۇغۇلغان ۋاقتى 1857-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
كەسپى ئالىم، راكېتا مۇتەخەسىسىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىئولكوۋسكىيسىئولكوۋسكىي توققۇز يېشىدا سكارلاتىنا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، يېرىم گاس بولۇپ قالغاچقا، ئىلاجسىز مەكتەپتىن چېكىنىپ، ئائىلە تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن بولغان شارائىتتا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان. كىتاب ۋە تەجرىبە بۇيۇملىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، قارا بولكا يەپ، قايناقسۇ ئىچكەن، ئاچمۇ قالغان، مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۇنىۋېرسىتېت دەرسلىكلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ تاماملىغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ياش-ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدىكى رىيازەتلەر ئۇنىڭدا جاپالىق شارائىتتىمۇ بوشاشماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك مۇنەۋۋەر پەزىلەتنى يېتىلدۈرگەن. 

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئايروپىلان تېخى كۆكتە پەرۋاز قىلمىغان چاغدا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان سىئولكوۋسكىي تەجرىبە شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان ئەھۋالدا ئەلا نەتىجىلەرنى ياراتقان.

سىئولكوۋسكىي1884-يىلى ئۇ مېتال شار(دىرىژابل)، ئېقىم سىزىقلىق ئايروپىلان ۋە يەل تاپان پويىزنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1896-يىلىدىن ئېتىبارەن، ئۇ رېئاكتىۋ ئۇچقۇ ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، پلانېتىلار ئارا ئۇچىدىغان راكېتا سخېمىسىنى سىزىپ چىققان. 1903-يىلى، مەشھۇر ئىلمىي ماقالىسى «رېئاكتىۋ قوراللاردىن پايدىلىنىپ ئالەم بوشلۇقىنى تەتقىق قىلىش توغرىسىدا» نى ئېلان قىلغان. سىئولكوۋسكىي پۈتۈن ھاياتىدا 700 دىن ئارتۇق ماقالە-ئەسەر، جۈملىدىن ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرى ۋە تىلشۇناسلىق، بىئولوگىيەگە ئائىت ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ يەنە راكېتانىڭ تېزلىك فورمۇلىسى ۋە كۆپ ئۈگىلىك راكېتانىڭ ئۇچۇش قائىدىسىنى ۋە قاتتىق يېقىلغۇ ئورنىغا سۇيۇق يېقىلغۇنى ئىتتىرگۈچى قىلىش قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، كىشىلەر مۇشۇ ئالەم ئارا ئۇچۇش نەزەرىيىلىرىگە ئاساسەن، ئالەم كېمىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان. 1932-يىلى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئەمگەك بايراقدارى ئوردېنىنى بەرگەن. 1954-يىلى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىئولكوۋسكىي ئالتۇن مېدالىنى تەسىس قىلغان، پلانېتىلار ئارا ئۇچۇش ساھەسىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كىشىلەر بۇ مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە ئاسترونومىيە مۇزېي، موسكۋا ئاۋىئاتسىيە ئىنستىتۇتى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئاي شارى دىكى بىر ھالقىسىمان تاغمۇ سىئولكوۋسكىيەنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/531589.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#