ئاق پوتا قوغۇن

ئاق پوتا قوغۇن

ئاق پوتا قوغۇن مەكىت ناھىيىسىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورت توشۇشقا ئەپلىك ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق پوتا قوغۇن مەكىت ناھىيىسىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئاجىز ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 298 سانتىمېتىر . توملۇقى 1.45 سانتىمېتىر ، شاخلىنىشى ئاجىز ،  پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 105 - 117 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 1- 3.7 كىلوگرام كېلىدۇ ، بۇ خىل سورت توشۇشقا ئەپلىك ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز .

چېچىكى 

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈلى چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلىكنىڭ بىرىنچى بوغۇمدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈل ئېچىلىپ 50-60 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ، گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى 

ئاق پوتا قوغۇننىڭ شەكلى كالتەكسىمان ، دىئامېتىرى 14.6 * 40 سانتىمېتىر ، پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلمەيدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى سۇس سېرىق ، ئۈستىدە يېشىل رەڭلىك داغ ئىزى شەكىللەنگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.78 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 3.2 سانتىمېتىر ، رەڭگى ئاق سېرىق، شىرنىلىك ،تالاسى كۆپ ، تەمى ئوتتۇراھال قەنت مىقدارى % 9.8 - 8.3 ئەتراپىدا .

ئۇرۇقى 

ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.36 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.56 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 73 گرام كېلىدۇ . [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#