شىنجاڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى مەكتىپى

1981-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي ساي يولىدا قۇرۇلغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپىدىكى بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال مەكتەپ.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1981-يىلى
خەنزۇچە نامى 新疆建材工业学校

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1981-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي ساي يولىدا قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 43707 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 17106 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپىدىكى بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال مەكتەپ.

 ئوقۇتۇش خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىدارىسىگە تەۋە. مەكتەپ ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا تېخنىكومى، تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 4 قاتلامدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوقۇش يىلى ئۈچ يىل، سېمونت سانائىتى، سېمونت ياساش، ماشىنىسازلىق رېمونتچىلىقى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش ئېلېكتر ماشىنىلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سانائەت بۇغالتىرلىقى قاتارلىق 16 خىل كەسىپۋە تېخنىكا تۈرى، ۋۇخەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكترلەشكەن مائارىپى بويىچە سىرتتىن ئوقۇتۇش بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان.

مەكتەپ شتاتى 163 نەپەر. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 104 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1090 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلۇپ بۈگۈنگە قەدەر 5000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتاقان كىتاب 40000 دىن ئارتۇق.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#