قارىمۇق

قارىمۇق

قارىمۇق بولسا چىمەنگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك (vaccaria segetalis nech Garche) قارىمۇقنىڭ قۇرۇتۇلغان پىشقان ئۇرۇقى بولۇپ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈت كەلتۈرۈش ، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى قارىمۇق
ئىنگلىزچە Cowherh seed
خەنزۇچە ئاتىلىشى 王不留行
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارىمۇققارىمۇق بولسا چىمەنگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك (vaccaria segetalis nech Garche) قارىمۇقنىڭ قۇرۇتۇلغان پىشقان ئۇرۇقى بولۇپ، سىرتقى شەكلى قارا، ئاز ساندىكىلىرى قوڭۇر رەڭلىك، ئازراق سىلىق، سەل پۇرىقى بولۇپ، تەمى ئازراق قىرتاق، ئاچچىق. ئاپتونوم رايونىمىز، خېبىي، شەندۇڭ، لياۋنىڭ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

سۈت – مەنى كۆپەيتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈت كەلتۈرۈش ، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەكىس تەسىرى

ھامىلدار ئاياللارغا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

قان تۇمۇر سىلىق مۇسكۇلىنى تارايتىش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش، سۈت كەلتۈرۈش، ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىياتقۇنى قوزغىتىش قاتارلىق تەسىرى بار.

تەركىبىدە تىرىتېرپىن ساپونىن، ھالقىسىمان پىپدىنلار، نپوئىدلار، ياغ كىسلاتاسى، بىئولوگىيىلىك ئىشقار، پۇرچاق پۇر ماددا موپ ساخارىد، گىلوكوزا، ئەرەب قەنتى، تۆت خىل قارىمۇق گىلوكوزىد، ئوكۇمارىن فىلاۋون ساپونىن قاتارلىق تەركىبلەر بار.

سۈت كەلمەسلىك، سۈت ئاز ياكى سۇيۇق كېلىش، سۈت بېزى ياللۇغى، بەل قايرىلىپ ئاغرىش، ھەيز كەلمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

قارىمۇق1. بەل قايرىلىپ كېتىشنى داۋالاشتا، قارىمۇقتىن 10 گرام ئېلىپ، پىشۇرۇپ سوقۇپ تالقانلاپ، ھەر قېتىمدا 6 گرامدىن، كۈنىگە ئىككى قېتىم قايناق سۇ بىلەن ئىچىلىدۇ.

2. ھەيز كەلمەسلىكنى داۋالاشتا، قارىمۇقتىن 10 گرام، زاراڭزا چېچىكىدىن 12 گرام، شاپتۇل مېغىزىدىن 10 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.

مىقدارى 

12 – 6 گرام

ساقلاش

ياز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقى ئاجرىتىپ ئېلىنىپ، ئۇرۇقى ئاپتاپتا قۇرۇتۇلۇپ، قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=530

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#