ياۋا كۆكتاتلار

ياۋا كۆكتاتلار تەبئىي يېتىشتۈرۈلگەن يېيىشكە بولىدىغان ئۆسۈملۈك، شامالغا تايىنىپ ئۇرۇقى تەبىئىي ئۆسكەن، تەبىئەت بايلىقلارنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى ياۋا كۆكتاتلار
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 野菜
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۈكلۈك سەي  

خېنەندە دائىم كۆرۈلىدىغان ياۋا كۆكتاتنىڭ بىرى. قىشلىقتا بىخ سۈرۈپ، ئەتىياز پەسلىدە يۇمران مايسىلار ئۆسىدۇ. ئۆسۈملۈك يوپۇرماق يۈزى تىۋىتلىق، يوپۇرماق تەركىبىدە خىلوروفىل، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. كىچىك كانايسىمان گۈل، جىگەر رەڭ، ئاق، قىزىل. ئۇرۇقى قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. تەمى سەل قىرتاق، زھەرسىز. تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ۋە باشقا مىنېرال ماددىلار بار. 

چۆپ كۆكتات 

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كۆپ كۆرۈلىدىغان ياۋا كۆكتاتنىڭ بىرى. تۈكلۈك كۆكتاتنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى ۋە پەسىلى بىلەن ئوخشاش، شۇنداقلا قىش پەسلىدە بىخ سۈرۈپ، ئەتىياز پەسلىدە يۇمران مايسىلار ئۆسۈپ يېتىلدۇ.  تۈپى تۈكلۈك كۆكتات بىلەن پەرقلىق : يوپۇرماق يۈزى سەل كەڭ، پارقىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىل، يىرىك يۇڭلۇق ھەم سىلىق، يېيىشكە بولىدۇ.

چۇپۇرشاڭ 

چۇپۇرشاڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، پەقەت يېتەرلىك قۇياش نۇرى، تۇپراق بەك قۇرغاق بولمىغان شارائىتا ياخشى ئۆسەلەيدۇ، چۇپۇرشاڭ تۇپراق تاللىمايدۇ، لېكىن مۇنبەت، بوش تۇپراقتا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. چۇپۇرشاڭ ئۇرۇقدىشى، سوغۇققا چىداملىق كۆكتات، سوغۇق، سالقىن ھاۋا كىلىماتىغا ماس كىلىدۇ.

سېمىز ئوت

سېمىز ئوت، بەش تەرەپ شەرق ئوتى، ئادەتتە قىزىل قوڭۇر رەڭدە، يوپۇرمىقى قېلىن، تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك. 

مامكاپ 

مامكاپ، يەنە بىر ئىسمى شورىيە دەرىخى، ئۇنىڭ گۈل چېڭى تەركىبىدە ۋىتامىن، لىنولېئىك كىسلاتا،شاخ - يوپۇرماقلىرى تەركىبىدە خولىن، ئامىنو كىسلاتا ۋە مىكرو ئېلېمنتلار بار. 

بوزتىكەن 

بوزتىكەن خام سەي، ئېتىزلىق بوزتىكەننىڭ غولى سارغۇچ ئاق رەڭلىك؛ بۇ دورىنىڭ ئەكس تەسىرى يوق، ئۇچى قىسمى سەل يۇملاق، گىرۋەكلىرى چىشلىق، چىشىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى سورتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. سىرتقى يۈزى يېشىل، ئارقا تەرىپى كۈل رەڭ يېشىل، گۈلى ئوچۇق سېرىق، ھىندى جۇخارگۈلى ئائىلىسىگە تەۋە. 

قىرىققۇلاق

قىرىققۇلاق باشلامچى كۆكتات، ئىسسىق ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، يەل، بەلغەمنى بوشىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

سۇ كەرەپشىسى 

سۇ كەرەپشىسى بىر خىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، پەس سۇلۇق جايلاردا ئۆسىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ساپ، تەبىئىي، زىيانسىز يېشىل كۆكتات. 

يۆگىمەچ 

كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، غولى ئىنچىكە ھەم كاۋاك، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك. گۈلى كانايسىمان، گۈلىنىڭ رەڭگى ئاق ياكى ئاقۇچ رەڭلىك، يۇمران تۈپىنى يېيىشكە بولىدۇ ، لېكىن كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. كۆپ يىسە، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باشقا ناچار تەسىرى يوق. 

يۇمران كۆكتات 

تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە كالىي، كالتىسى، فوسفور قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار، يەنە تەركىبىدە ئاز ئۇچرايدىغان ئېكدىزون كېتون، تاننىن تەركىبى راكقا قارشى تۇرغۇچى ئىقتىدارغا ئىگە، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ئورۇقلاش قاتارلىق رولىىنى ئوينايدۇ ھەمدە تارقىلىشچان زۇكام، B تىپلىق مېڭە ياللۇغىنى روشەن چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. 

دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە ماشىنىلىشىش، بىزنىڭ ئاشلىقلىرىمىزنىڭ، كۆكتاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ئۆزىگە خاس تەمىنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە دېھقانچىلىق دورا قالدۇقى، سۇ تۇپراقنىڭ بۇلغۇنىشى، تۇپراقنىڭ كاللەك بولىۋېلىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسلىلەر بىزنىڭ ئاشلىق ۋە كۆكتاتلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بىېرىشىمىزنى، ئۇلارنىڭ بۇلغانغان ياكى بۇلغانمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىزنى ئېسىمىزگە سالدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى كەڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قاراتتى ھەم ياۋا كۆكتاتلار ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بولدى.

«تەبىئىي بۇلغانمىغان يېمەكلىكلەر» 21-ئەسىردىكى كىشىلەر ئەڭ قارشى ئالىدىغان سودا ماركىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 

ياۋا كۆكتاتلارنىڭ ئادەمنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان يېرى، ئۇ ئۆزى ئىختىيارىي ئۆسۈپ، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت، پاسكىنا سۇ، كېرەكسىز سۇ قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق ئىزدەش، غەيرىيلىك ئىزدەشتەك ئاجايىپ ئۆزگىرىشچان پىسخىكىسىغا ماس كېلىدۇ. ئۇنى كۆكتات ئۆستۈرۈش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تامامەن ئوخشىمايدىغان « خۇشپۇراق ياۋا تەمى» ئۆزگىچە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ.

ئۇندىن باشقا، ياۋا كۆكتاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۇنىڭ تەبىئىي ئۆسكەنلىكىدە، دائىم ئۇزۇن مۇددەت دېھقانچىلىق دورىسى ۋەخىمىيەۋى ئوغۇت شارائىتىدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارغا سېلىشتۇرغاندا، ياۋا كۆكتاتلار ئىنتايىن ياخشى. مەسلەن، ئاچچىق يوپۇرماقلىق قامچا ئوت ، ياۋا كەرەپشە، چۇپۇرشاڭ، ئىككى يوپۇرماقلىق كاتالپا دەرىخى، بىنەپشە سەي، بىر خىمىيە چاتقىلى قاتارلىق ئون نەچچە خىل ياۋا كۆكتاتتىكى كاروتىننىڭ مىقدارى سەۋزىدىكى كاروتىننىڭ مىقدارىدىن كۆپ. ئېگىلمەس غاز تاپان، يۆگىمەچ گۈللۈك پىدىگەن، كىچىك ئەنزەت قاتارلىق نەچچە ئون خىل ياۋا كۆكتات تەركىبىدىكى رىبوفلاۋىننىڭ مىقدارى، سۈنئىي ئۇسۇلدا تېرىلغان كەرەپشە ۋە گۈللۈك سەيدىن يۇقىرى. ياۋا گۈللۈك سەي، ياتما قامچا ئوت، مەرۋايىت سەي، پانۇس دەرىخىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى مۇچ، پەمىدۇرنىڭكىدىن نەچچە ھەسىسە يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋا كۆكتاتلار ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق. مەسلەن، سېمىز ئوتنىڭ تولغاق تاياقچە باكتېرىيەسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك تېزگىنلەش رولى بار. 

« تەبىئىي مىكروبقا قارشى تۇرغۇچى » دەپ نام ئالغان، مامكاپنىڭ ئاشقازاننى ياخشىلاش، ئۆتنى ياخشىلاش قان تازىلاش قاتارلىق ئۈنۈمى بار. شۇڭا، ياۋا كۆكتاتلاردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ، داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ۋە ئىقتىدارلىق يېمەكلىك ياسىغىلى بولىدۇ.

ياۋا كۆكتات يېگەندە، يەنە بىر سەل قارىغىلى بولمايدىغان مەسىلە، ياۋا كۆكتات تەركىبىدىكى نېيىترال كىسلاتا تۇزى تەركىبىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى نېيترال كىسلاتاسى تۇزى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن باكتىرىيەنىڭ رولى ئارقىلىق نىيترىتلارنى ھاسىل قىلىدۇ . نېيىترىتلار كىسلاتالىق مۇھىتتا، فىرۇكۇت، تېرتىئارى ئامىدى كىسلاتا ئامىد ۋە ئامىنو كىسلاتا مەۋجۇت بولغان ۋاقىتتا، نېيترىتلىشىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ كۈچلۈك راك پەيدا قىلىش رولىغا ئىگە نېيتروزامىت ھاسل قىلىپ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدا راك پەيدا قىلىدۇ. بەزى ياۋا كۆكتاتلار، مەسلەن مامكاپ، ياۋا قامچا گۈل، بوز تىكەن، ياقىيوپۇرماق قاتارلىق ياۋا كۆكتاتلار تەركىبىدە گەرچە نېيترىت كىسلاتاسى بولسىمۇ، ئەمما قايناق سۇغا چىلىۋەتكەندىن كېيىن بىخەتەر بولىدۇ. سېمىز ئوت، تۈكلۈك خوخا تىكەن قاتارلىق تەركىبىدە نېيترىت كىسلاتاسى تۇزى يۇقىرى بولغان ياۋا كۆكتاتلارنى يېگەندە چوقۇم قاتتىق ئىھتىيات قىلىش كېرەك. بولمىسا سالامەتلىككە زىيان سالىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#