ئاسماننىڭ ئېگىزلىكى

ئاسماننىڭ ئېگىزلىكى

ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ سىرتى قاپقاراڭغۇ ئالەم بوشلۇقىدۇر. ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى قانچىلىك بولسا، ئاسماننىڭ ئېگىزلىكىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاسماننىڭ ئېگىزلىكى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاسماننىڭ شەكىللىنىشى

ئاسماننىڭ ئېگىزلىكىئېيتىشلارغا قارىغاندا، ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يوق بولۇپ، ھەممىلا جاي تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئىكەن. تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئاشۇ دۇنيادا پەنگۇ ئىسىملىك بىر ئەۋلىيا پەيدا بولۇپتۇ. ئۇ قولىغا يوغان پالتىسىنى ئېلىپ، ئۇياق-بۇيانى چېپىپتۇ ۋە كېسىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەڭگىل نەرسىلەر يۇقىرىغا ئۆرلەپ، ئاسمان بولۇپ شەكىللىنىپتۇ، ئېغىر نەرسىلەر تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇپ، زېمىننى ھاسىل قىلىپتۇ. پەنگۇ بىر كۈندە توققۇز قېتىم ئۆزگىرەلەيدىكەن، ئۇنىڭ بۇيى ناھايىتى ئېگىز بولۇپ 90 مىڭ چاقىرىملىق ئاسمان-زېمىننى تىرەپ تۇرالايدىكەن. 90 مىڭ چاقىرىم بەلكىم ھازىرقى 45 مىڭ كىلومېتىرغا باراۋەر كېلىشى مۇمكىن. ئاسمان راستتىنلا مۇشۇنچىۋالا ئېگىزمۇ؟

ئېگىزلىكى

ئەمەلىيەتتە، بىز دەۋاتقان ئاسمان يەر شارنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئىبارەت. ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ سىرتى قاپقاراڭغۇ ئالەم بوشلۇقىدۇر. ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى قانچىلىك بولسا، ئاسماننىڭ ئېگىزلىكىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ. يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى ھاۋانىڭ يېرىمى ئالتە كىلومېتىردىن تۆۋەنكى دائىرىگە مەركەزلەشكەن.% 99. 9 ھاۋا 50 كىلومېتىردىن تۆۋەنكى دائىرىگە مەركەزلەشكەن. يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى، ھاۋا شۇنچە شالاڭلىشىپ بارىدۇ، ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ ئۈستۈنكى پاسىلىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 57 مىڭ 600 كىلومېتىر.

ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ بۆلىنىشى

ئاسماننىڭ ئېگىزلىكىئالىملار ئاتموسفېرا قاتلىمىنى يەر يۈزىدىن يۇقىرىغا قاراپ تەكشى ئېقىم قاتلىمى، تروپوساېرا، ئارىلىق قاتلام، ئىسسىق قاتلام (تېرموسفېرا) ۋە سىرتقى قاتلام دەپ ئايرىيدۇ. ئاتموسفېرانىڭ يەر يۈزىگە تېگىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتى تىروپوسفېرا دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ قېلىنلىقى 20 كىلومېتىردىن كىچىك؛ تروپوسفېرانىڭ ئۈستىدىن باشلاپ 50 كىلومېتىر ئېگىزلىككىچە بولغان قەۋەت تەكشى ئېقىم قاتلىمىدۇر. تەكشى ئېقىم قاتلىمىنىڭ ئۈستىدىن باشلاپ 85 كىلومېتىر ئېگىزلىككىچە بولغان قەۋەت ئارىلىق قاتلام دېيىلىدۇ؛ ئارىلىق قاتلامنىڭ ئۈستىدىن باشلاپ 250-500 كىلومېتىر ئېگىزلىككىچە بولغان قەۋەت ئىسسىق قاتلام؛ 500 كىلومېتىردىن ئېگىزلىكتىكى قىسمى سىرتقى قاتلامدىن ئىبارەت. سىرتقى قاتلامدا ھاۋا بەكمۇ ئاز بولۇپ، بەزى زەررىچىلەر ھەتتا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنى يېڭىپ، يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇققا قېچىپ كېتەلەيدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#