تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى

 تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 10 كىلومېتىر ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق ° 98 11 دە تۇرىدۇ، شىمالىي كەڭلىك 40 ° 51 ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 95-76 مېتىر، كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ. باغچىسىنىڭ ئورنى كۆچمە قۇم يەرگە جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40 گېكتار.  


ئۇيغۇرچە نامى تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى
جۇغراپىيىلىك ئورنى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 10 كىلومېتىر
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 吐鲁番沙漠植物园
يەر كۆلىمى 40 گېكتار
قاراشلىق رايون شىنجاڭ تۇرپان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىتۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قۇرغاق، قۇملۇق رايونىدىكى ھەر تۈرلۈك ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى يىغىشى ئاساسىي ئالاھىدىلىك، پەن- تەتقىقات، پەننىي ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان، قۇرغاق، قۇملۇق رايونلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ يىتىشتۈرىدىغان، مەملىكىتىمىزدىكى قۇرغاق، قۇرغاق رايون نەسىل ماددا بايلىق ئۆسۈملۈكلىرىنى يۆتكەپ كىلىپ قوغداش ۋە قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى تەتقىقات بازىلىرىنىڭ بىرى. مەخسۇس تۈر باغچىلىرىدىن : قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى كلاسفىكسىيە ئەۋرىشكىخانىسى، مىللىي دورۇلۇق ئۆسۈملۈكلىرى كۆچەتزارلىقى، يۇلغۇنلۇق باغچىسى قاتارلىقلار بار. ‹‹ 9-بەش يىللىق ›› پىلان مەزگىلىدە قۇرغاق، قۇملۇق رايونلاردا ئاز ئۇچرايدىغان، ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدىكى ئۆسۈملۈكلەر رايونى،قۇرغاق قۇملۇقلاردا ئۆسىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر رايونى ۋە ئەتىۋارلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكلەر رايونى تەسىس قىلىنغان.  

قۇملۇق باغچىسىدا قۇمنى تۇراقلاشتۇرغۇچى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار قوملۇق تەتقىقاتى بىلەن قۇمنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشىنى ئۆز-ئارا زىچ باغلاپ تۇرىدۇ. باغچىدا يەنە يېڭى مەنزىرلىك ساياھەت ئورنى يىراقتىن كۆرسىتىش ئورنى تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەردىكى خېلى بۇرۇنلا چۆللۈك شامال يالانمىلىرىدىن شەكىللەنگەن كۆچمى قۇم بارخانلىرى ھازىر باراقسان ئۆسۈۋاتقان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلاندى. بۇ يەر تەبئىي مەنزىرە بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مەنزىلى، شۇنداقلا تۇرپاندىكى دېھقانلار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە بەرپا قىلغان قۇملۇقتىكى يېشىل بوستانلىق بولۇپ قالدى.

باغچىدا تۈر كىرگۈزۈپ ئۆستۈرۈلگەن ئۆسۈملۈك 500 گە يېقىن بولۇپ، 72 ئائىلە، 247 ئۇرۇقداشقا تەۋە، بۇنىڭ ئىچىدە 43 تۈر قۇملۇقلاردىكى ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدىكى ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. 

مەزكۇر باغچا ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداشنى مۇۋاپىق ئاساستا بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بوراندىن قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئورمان بەرپا قىلىشنى خېلى بۇرۇنلا كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ پايدىلاندى. ئۇرۇق چېچىپ كۆچەت يىتىشتۈرۈش ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنى جانلاندۇرۇپ خېلى كۆپ ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتتى. 

ھازىر قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قۇملۇق باغچىسىغا ئايلاندى. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى گۈزەل، ئورمانلار ئاسمانغا بوي سۇزۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ مۇھىتنى قۇغداشتىكى بىر گۈزەل مەنزىرىدۇر.

 بۇ جاينىڭ قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنى تەجىربە قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى پەن - تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا كۈچلۈك ئاساس سېلىنماقتا. تۇرپان ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قۇرۇلغاندىن بويان 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن ئېكىسكورسىيە ۋە زىيارەتكە كەلگەن ئالىم مۇتەخەسىسلەرنى كۈتىۋالدى. ھەر يىلى بۇ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا ئېكىسكورسىيە، ساياھەت، پىراكتىكىغا كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#