جۇجياڭ دېلتىسى

جۇجياڭ دېلتىسى

جۇجياڭ دېلتىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا، جۇجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى جۇجياڭ دېلتىسى
ئېنگىلىزچە نامى Pearl River Delta of China
خەنزۇچە ئاتىلىشى 珠江三角洲
باشقا نامى جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇجياڭ دېلتىسىجۇجياڭ دېلتىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا، جۇجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان، ئۇ شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنغا قوشنا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى بىلەن دېڭىز ئارقىلىق قارشىپ تۇرىدۇ، دېڭىز-قۇرۇقلۇق قاتنىشى قولايلىق، ئېلمىزنىڭ «جەنۇبتىكى چوڭ دەرۋازىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

جۇجياڭ دېلتىسى1980-يىلى ئېلىمىزدە تۆت ئالاھىدە ئىقتىسادى رايۇن قۇرۇلغان، بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزدە سىرتقا ئچىۋىتىش مۇساپىسى باشلانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى شېنجېن بىلەن جۇخەي جۇجياڭ دېلتىسىغا جايلاشقان. 1985-يىلى پۈتكۈل جۇجياڭ دېلتىسى دېڭىز بويى ئىقتىسادى ئېچۋېتىلگەن رايون قىلىپ تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدا ئالاھىدە ئىقتىسادى رايون، دېڭىز بويى ئېچۋىتىلگەن شەھەر، ئىقتىسادى ئېچۋېتىلگەن رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قاتلاملىق ئېچۋېتىلگەن سېستىما شەككىلەنگەن. جۇجىياڭ دېلتىسى ئۆز جايىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، چەت ئەلدىكى جۇڭگو لۇقلارنى كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىشقا جەلىپ قىلغان، نەتىجىدە جۇجياڭ دېلتىسى ئېلمىزدىكى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن ئالدىنقى سەپ رايونىغا ئايلانغان، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا رايونلارغا قارىتا ناھايتى ياخشى ئۈلگىلىك ۋە باشلامچىلىق رول ئوينىغان.

جۇجياڭ دېلتىسى20-ئەسىرنىڭ 80-يىلىرىدىن بۇيان، جۇجياڭ دېلتىسى شىياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېنغا قوشنا بولۇشتەك ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، شىياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ سانائەت تۈرلىرىنى قۇبۇل قىلغان، چەت ئەلدىن كۆپ مىقداردا مەبلەغ، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئىلغار تېخنىكا، ئۈسكۈنە، تىجارەت قىلىش ھەم باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئەڭ يېڭى سودا-سانائەت، پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈپ، توقۇمچىلىق، كىيىم

كېچەك، ئېلىكتىرون ۋە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، ئېلېكتر ماشنىلىرى ۋە سايمانلىرىنى ياساش، ئويۇنچۇق ياساش قاتارلىق ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر كۆپ بولغان پىششىقلاپ ئىشلەش ھەم ياساش كارخانىلىرىنى قۇرغان.

جۇجياڭ دېلتىسىجۇجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ياساش سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، تىرانسىپورت قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. بۇ غەيرى يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى شۇ جايدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆپلىگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمنلەپلا قالماستىن، بەلكى سىرتتىن كەلگەن مىليونلىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى جەلىپ قىلغان.

غەيرى يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە نوپۇسنىڭ كۆچۈپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇجياڭ دېلتىسىدىكى رايونىدىكى تەدرىجىي كۆپەيگەن دېھقانچىلىق يېرى سانائەت، قاتناش ۋە شەھەر قۇرلۇشىغا ئىشلىتىلدىغان يەرلەرگە ئۆزگەرتىلگەن، بۇ غەيرىي دېھقانچىلىق يەرلىرى شەھەر ئەتراپى، يېزا ۋە يېزا بازارلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئەسلىدە بار بولغان دېھقانچىلىق يەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ، تۇرالغۇ ئۆي ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان يەر، سانائەت ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان يەر، ئۇل مۇئەسسەسە ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان يەر ۋە دېھقانچىلىق يېرى كىرىشپ جايلاشقان ئۆزگىچە يەردىن پايدىلىنىش لاندىشافىتىنى شەككىلەندۈرگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تۇلۇقسىز 8-يىللىقلار ئۈچۈن 2-قىسىم «جۇغراپىيە» كىتابتىن ئېلىندى

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#