مۇشكىتارامىش

مۇشكىتارمىش

مۇشكىتارامىش بولسا بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك تاغ يالپۇزى بولۇپ،بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «مۇشكىتارامىش» ياكى «تاغ يالپۇزى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قورساقتىكى مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى مۇشكىتارامىش
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خەنزۇچە ئاتىلىشى 欧亚薄荷

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇشكىتارمىشمۇشكىتارامىش بولسا بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك تاغ يالپۇزى بولۇپ،بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «مۇشكىتارامىش» ياكى «تاغ يالپۇزى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.يوپۇرمىقى ۋە گۈلى بىلەن ئارىلاشقان قۇرۇق ئۆسۈملۈكنىڭ ئېگىزلىكى يېرىم مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، تېنى يۇمىلاق، يوپۇرمىقى ۋە گۈلى ئۇششاق، ئۇچى يوق، رەڭگى ئاقۇچ يېشىل كېلىدۇ، تەملىك بولىدۇ، پۇرىقى ناھايىتى ئۆتكۈر.ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

يەل ھەيدەش، قوزغىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قورساقتىكى مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.

ئەكىس تەسىرى

مەقئەتكە زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

قۇرت ئۆلتۈرۈش، سۈرۈش تەسىرى بار.

مەتبۇخى مۇسكىتارامىش.

يەل ھەيدەش، قوزغىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قورساقتىكى مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.

مۇشكىتارمىش1. مۇشكىتارامىشنىڭ سۈيى بىلەن بۇرۇن ۋە قۇلاقنى يۇيسا ياكى ھوردىتىلسا، قۇلاق ياكى بۇرۇن ئىچىدىكى يارىلارغا پايدا قىلىدۇ. 2. مۇشكىتارامىش شەربىتىنى مۇۋاپىق مىداردا ئىچىپ بەرسە، كۆڭۈل ئېلىشىش، ھۇشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەيز ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 3. يەتتە گرام مۇشكىتارامىشنى كۆيدۈرۈپ، تۈتۈنىنى بالىياتقۇغا تۇتسا، قورساقتىكى ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ.

مىقدارى

7 – 5 گرامغىچە.

تۈزەتكۈچىسى

ئەرەب يېلىمى، سىركە.

ئورۇنباسارى

يالپۇز.

بۇنىڭ تەركىبىدە بىر خىل ئۇچۇچان ياغ بار، بۇ ياغ داۋالاشقا ئىشلىتىلىشتىن باشقا يەنە سانائەتتە خۇش پۇراق ماددا قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=432

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#