شىنجاڭدىكى ئون چوڭ ئالىي بىلىم يۇرتى

شىنجاڭدىكى ئون چوڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى، شىخەنزە ئۇنۋېرىستىتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرىستىتى، شىنجاڭ تىببىي پەنلەر ئۇنۋېرىستېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستېتى، تارىم ئۇنۋېرىستېتى، قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستېتى، ئىلى پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستېتى، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋېرىستېتى، سانجى ئۇنۋېرىستېتى.  

نامى شىنجاڭدىكى ئون چوڭ ئالىي بىلىم يۇرتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئالىي بىلىم يۇرتى، دۆلەتنىڭ «211 قۇرۇلۇش» پىلانى يولغا قويۇلغان مەكتەپ، دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورتاق قۇرىدىغان مەكتەپ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1924-يىلى شىنجاڭ رۇس تىلىدىكى قانۇن-سىياسەت مەخسۇس مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1935-يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. 1960-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ قۇرۇلغان. 1978-يىلى دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1997-يىلى دۆلەتنىڭ «221 قۇرۇلۇشى»دىكى نۇقتىلىق مەكتەپ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. 2000-يىلى دۆلەتنىڭ غەربىي رايونىدىكى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سابىق سانائەت ئىنىستىتۇتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوشۇۋېتىلگەن. 2004-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئورتاق قۇرىدىغان مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 

شىخەنزە ئۇنۋېرسىتېتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ مۇۋاپىق شەھەر» نامىغا مۇيەسسەر بولغان شىخەنزە شەھىرىگە جايلاشقان. مەكتەپ 65 يىللىق تارىخقا ئىگە. دۆلەتنىڭ «211 قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويغان نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مەكتەپ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئورتاق قۇرىدىغان مەكتەپ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇرۇپپا باشلىقى، خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، خوادوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇادوڭ تەبىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، خواجوڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان، چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جىياڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى، تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇانەن ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەزاسى بولغان ئالىي مەكتەپ كوللىكتىپىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىلىدىغان مەكتەپ. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 1949-يىلى 9- ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيە شىنجاڭغا كىرگەن ھارپىسىدا قۇرۇلغان. 1964-يىلى شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى، شىخەنزە تېببىي ئىنىستىتۇتى، بىڭتۈەن پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، بىڭتۈەن ئىقتىساد مەخسۇس مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلۇپ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىللەنگەن. 

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتى ئۇنىۋېرسال خاراكتىردىكى ئالىي دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر مەكتىپى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلىدىغان ئالىي مەكتەپ. ئىلگىرى شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى دەپ ئاتالغان. 1952-يىلى ماۋجۇشى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن گېنېرال ۋاڭ جېن تەرىپىدىن قۇرۇلغان. 1995-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى سابىق دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن نامى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن. 2006-يىلى تولۇق كۇرس ئوقۇتۇشىدا مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالانغان. 61 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا يېزا ئىگىلىك، تەبىئىي پەن، سانائەت، ئىقتىساد، باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي پەن، قانۇن پەنلىرى قاتارلىق 7 چوڭ كەسپ ئوقۇتۇشى مۇجەسسەملەنگەن كۆپ خىل كەسپ بىرلەشكەن يېزا ئىگىلىك ئالىي دەرىجىلىك مەكتىپى. ھازىر مەكتەپ دوكتۇر ئاشتى تەتقىقات خىزمەت پونكىتىدىن 6 سى، دوكتۇرلۇق ئونۋانىنى بېرىش ھوقۇقلۇق ئورنىدىن 18 ى بار. مەكتەپتىكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 20 مىڭدىن ئاشىدۇ. 

شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنۋېرسىتېتى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە ئالىي دەرىجىلىك تېببىي مەكتەپ بولۇپ، 1954-يىلى قۇرۇلغان. 1956-يىلى رەسمىي قۇرۇلۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، ماۋزىدۇڭ، جۇئىنلەي، جۇدې قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. ماۋزىدۇڭنىڭ قارارى بىلەن 1-بەش يىللىق پىلانىنىڭ 156 نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن. 1998-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتۇتى بىرلەشتۈرۈلۈپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن. 2011-يىلى 11-ئايدا دۆلەتلىك سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايون بىلەن مەكتەپنى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن. 

شىجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى 1978-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان. ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-پىداگوگىكا مەكتىپى دەپ ئاتالغان. 30 يىلدىن كۆپرەك تەرەققىيات جەريانىدا شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇستەھكەم كۈچ بىلەن تەمىن ئەتتى. باشتىن ئاخىرى ئىلىم پەن، مەدەنىيەت جەھەتتە ئالغا ئىلگىرلەپ، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەشتە ئىتتىپاقلاشقان، كەسىپنى سۆيگەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە. 

تارىم ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەسلى نامى تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئارال شەھىرىگە جايلاشقان، دۆلەتنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش چېگرا رايونغا ياردەم بېرىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىغا تۈرلۈك ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن سابىق مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جېننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1958-يىلى قۇرۇلغان. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇنۋان كومىتېتى تەستىقلىغان باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە تولۇق كۇرس تۈزۈمدىكى مەكتەپ. 2004-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەستىقلىشى بىلەن نامى تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن. مەركەز بىلەن بىڭتۈەن ئورتاق قۇرىدىغان مەكتەپ. 

قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى جۇڭگودىكى قەدىمىي تارىخىي داڭلىق مەدەنىيەتلىك شەھەر، مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى بولغان قەشقەر شەھىرىگە جايلاشقان. 1962-يىلى قۇرۇلۇپ شىنجاڭ قەشقەر پىداگوگىكا مەخسۇس كۇرس مەكتىپى دەپ ئاتالغان، 1978-يىلى 8-ئايدا تولۇق كۇرس تۈزۈمدىكى مەكتەپكە ئۆزگەرتىلىپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى دەپ ئاتالغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تولۇق كۇرس تۈزۈمدىكى پىداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ كەسىپكە، كۆپ خىل شەكىلدە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان. 1979-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايوندىكى 5 ئالىي مەكتەپ (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، سانائەت ئىنىستىتۇتى، 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى) ئىچىدىكى بىردىنبىر مەخسۇس پىداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ كەلگەن. 2015-يىلى 4-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن.شىنجاڭنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش، مىللىي مائارىپ، جەمئىيەت مۇقىملىق ۋە ئىقىتىسادىي تەرەققىياتىدا موھىم رول ئويناپ كەلگەن. 

شىنجاڭ مالىيە ئىقتساد ئۇنۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىلمى، باشقۇرۇش ئىلىمىنى ئاساس قىلغان، ئىجتىمائىي پەن، قانۇن پەنلىرى، تەبىي پەنلەر، سانائەت پەنلىرىنى قوشۇمچە قىلغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ. مەكتەپ 1950-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. 2000-يىلى 12-ئايدا ئەسلىدىكى مالىيە ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كادىرلىرى ئىنىستىتۇتى ۋە شىنجاڭ مالىيە باج مەكتىپى بىرلەشتۈرۈلۈپ شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى قىلىپ تەشكىللەنگەن. 2007-يىلى مەكتەپ نامى شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. دۆلەت خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى ۋە ئەنگلىيە ياسى ئىمتىھانى شىنجاڭ ئىمتىھان مەيدانى قىلىپ بېكىتىلگەن مەكتەپ. 

ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى. مەكتەپ 1948-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىلى ئالىي تېخنىكومى ئىدى. كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئالىي تېخنىكومى، ئىلى پىداگوگىكا تېخنىكومى دەپ ئاتالغان. 1980-يىلى 5-ئايدا دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى دەپ نام بېرىلگەن. ئورنى ئىلى قازاق ئوبلاستىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرىگە جايلاشقان. مەكتەپتە ھازىر 11 فاكۇلتېت، 48 تولۇق كۇرس كەسپ، 14 مەخسۇس كۇرس كەسپ بار. ئىجتىمائىي، تەبىئىي، سانائەت، تارىخ، قانۇن، سەنئەت، باشقۇرۇش ۋە مائارىپ ئىلمى قاتارلىق 8 ئىلمىي بۆلۈم بار. 2017-يىلى  ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا  ئۆزگەرتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەت، جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەت، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەمكارلىشىپ ئۇنىۋېرسىتېت

 قىلىپ قۇرۇش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلىمەكتە.

سانجى ئىنىستىتوتى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئىقتىسادىي بەلبىغىنىڭ مەركىزى بولغان گۈزەل سانجى شەھىرىگە جايلاشقان. مەكتەپ 1959-يىلىدىكى سانجى پىداگوگىكا مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1985-يىلى سانجى پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىغا، 2001-يىلى دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سانجى ئىنىستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 800 مو، ئىككى مەكتەپ رايونىغا بۆلۈنگەن. ھازىر يېڭى مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 1900 مو يەر ئاجرىتىلغان بولۇپ، 1-قارارلىق قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشلتىشقا كىرىشتى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇزار ئۇيغۇر تورى 

http://www.uzzar.cn/asar/view.php?mid=1038

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#