ۋولت

ۋولت-ئىتالىيەلىك بولۇپ، 1745-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مىلاندا تۇغۇلغان. 1779-يىلى ئۇ ئەنگىلىيەدە باۋىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پروفېسسورى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋولت
باشقا نامى 伏打
يۇرتى مىلان شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1827-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
چەتئەلچە نامى Alessandro Giuseppe Antonio Anastasio Volta
خەنزۇچە ئاتىلىشى 亚历山德罗·伏特
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1745-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
كەسپى فىزىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋولتۋولت-ئىتالىيەلىك بولۇپ، 1745-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مىلاندا تۇغۇلغان. 1779-يىلى ئۇ ئەنگىلىيەدە باۋىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پروفېسسورى بولغان. ئۇ 1793-يىلى لوندوندا پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتىدە پروفېسسور گيۇرۋاننىڭ مۇنداق ئاجايىپ غەلىتە بىر سىناقنى قىلغانلىقىنى ئاڭلايدۇ: گيۇرۋان بىر خىل مېتالنى پاقىنىڭ ئېتىگە تەككۈزىدۇ، يەنە بىر خىل مېتالنى پاقىنىڭ نېرۋىسىغا تەككۈزىدۇ، ئاندىن كېيىن بۇ ئىككى خىل مېتالنى بىر-بىرىگە جۈپلىگەندە، پاقا شۇ زامات ئۆلۈپ قالىدۇ. لېكىن پاقىنىڭ مۇسكۇللىرى يەنىلا قاتتىق لىپىلداپ تۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ھادىسە ئېھتىمال تىببىي ئىلىمگە قوشۇلغان ناھايىتى زور تۆھپە بولسا كېرەك، دەپ ھېسابلايدۇ. كېيىن كىشىلەرگە بۇ كەشپىياتنىڭ توك بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ. ۋولت مانا مۇشۇ كەشپىيات ئاساسىدا ئاندىن ئېلېكتىر ئىلمىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان.

ۋولت 1827-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 82 يېشىدا ۋاپات بولغان. 

ۋولت تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق «پاقا تەجرىبىسى» نىڭ سىرىنى ئېچىش قارارىغا كېلىدۇ، ئۇ، ھايۋاناتلاردىن توك چىقىدۇ دېگەن گەپلەرنى توغرا ئەمەس دەپ ھېسابلاپ، توك تېپىش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ پاكىز تازلانغان بىر پارچە سېنىك تاختا بىلەن پاكىز تازلانغان بىر پارچە مىس تاختىنى تەييارلاپ، ئۇنىڭ بىرىنى مېتال ياپراقلىق ئېلېكتىر مېتىرنىڭ ئىچكى تۈۋرۈكچىسى بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ، يەنى بىرىنى تاشقى قېپى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئاندىن بۇ ئىككى پارچە مېتال تاختىنى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاندىن كېيىن تاشقى قېپىغا تۇتاشتۇرۇلغان تاختىنى دەرھال ئېلىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا، ئەگەر تۈۋرۈكچىگە تۇتاشتۇرۇلغىنى سېنىك تاختا بولغان بولسا، ئېلېكتىر مېتىردىن سېنىكنىڭ مۇسبەت ئېلېكتىر بىلەن زەرەتلەنگەنلىكىنى؛ ئەگەر مىس تاختا بولغان بولسا مەنپي ئېلېكتىر بىلەن زەرەتلەنگەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. ۋولت بۇنداق تەجرىبىنى نەچچە ئون قېتىم، نەچچە يۈز قېتىم قىلىش ئارقىسىدا، بىر قاتار ماددىلارنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشكەن ۋاقتىدىكى زەرەتلىنىش خۇسۇسىيىتىنى تېپىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ پەيدىنپەي تەتقىق قىلىشى ۋە ياخشىلىشى ئارقىسىدا، ۋولت ئېلېمېنتى ۋە ۋولت باتارىيىسى ئىجادىيىتى ئورۇنلىنىدۇ.

ۋولت باتارىيىنى كەشپ قىلغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا ئېلېكتىرىسكوپ، ئاككۇمىلاتور، ئېلېكتىرىپورلارنى كەشپ قىلىدۇ. بۇلار ئېلېكتىرشۇناسلىق جەھەتتىكى ناھايىتى زور تۆھپە. كىشىلەر ئۇنىڭ ئېلېكتىر ئىلمى جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمىتىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئېلېكتىر پوتېنسىياللار ئايرىمىسىنى ۋولت دەپ ئاتىغان.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#