PlayStation 4
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
PlayStation 4 سونىي كومپيۇتېر ئويۇنلىرى چىقارغان ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغان، PlayStation 4 سەككىزىنچى ئەۋلاد ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇققا تەۋە، 3PlayStation نىڭ كېيىنكى ئەۋلادى، بازاردا Nintendoنىڭ Wii Uسى ۋە مىكروسوفتنىڭ Xbox Oneى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.
PlayStation 4 قا AMD ئاساسىدىكى x86-64 قۇرۇلمىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، Cell قۇرۇلمىسىنى ئىشلەتكەن 3PlayStation بىلەن ئوخشىمايدۇ. بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئالماشتۇرۇشتىكى سەۋەب ئويۇننى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەتقىق قىلغۇچىلارنى جەلپ قىلىش. بۇ خىل ئۆزگىرىش 3PlayStation نى تەتقىق قىلىش، ياساش ۋە سېتىش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلەردىن كەلگەن. PlayStation 4 نىڭ باشقا مۇھىم بولغان قاتتىق دېتال ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىگە سەپلەنگەن GB 8 لىق GDDR5 ماس دەستىلىك ئىچكى ساقلىغۇچ، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتىكى كۆك نۇرلۇق دېسكا رايونى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەخسۇس ئاۋاز چاستوتىس ۋە سۈرەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۈزۈكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېڭى ئەپ ۋە مۇلازىمەت جەھەتتە، سونىي شىركىتى ئەقلىي يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېردا ماس بولغان ئەپ پروگراممىسىنى چىقىرىشنى پىلانلىغان، بۇ سەپلىمىلەر ئىككىنچى ئېكرانغا ئايلانغان. سونىي شىركىتى يەنە بۇلۇت ئويۇن ئايلانما مۇلازىمىتى «PlayStation Now» نى چىقىرىپ، چۈشۈرۈلگەن مەزمۇن ۋە ئويۇننى بۇلۇت مۇلازىمېتىرىدا پىلانلاشنى پىلانلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى كونتروللىغۇچقا «ھەمبەھىرلەش» كونۇپكىسىنى قوشۇپ، ئىشلەتكۈچى باشقىلار ئوينىغان ئويۇننىڭ جەريانىنى بىۋاسىتە كۆرەلەيدىغان قىلغان.
PlayStation 4 غا سونىي بىلەن Advanced Micro Devices ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلغان بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلىپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكى ساقلىغۇچ كونتروللىغۇچى ۋە ۋىدىئو شېفىر يەشكۈچنىڭ ئىچىدىكى باشقا بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەككىز يادرولۇق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ x86-64 قۇرۇلمىسى ۋە تۆت يادرولۇق Jaguar دىن تەركىب تاپقان. سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ 18 بۇلۇت ھېسابلاش بىرلىكىدىن تەركىب تاپقان، نەزىرىيە جەھەتتە ئەڭ كۆپ بولغاندا سېكۇنتىغا بىر مېليارد 840 مىليون قېتىم لەيلىمە نۇقتا بۇلۇت ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. PlayStation 4 كە 8 لىق GDDR5 ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن، 3PlayStation سىستېمىسىنىڭكىدىن 16 ھەسسىدىن كۆپرەك، ئاساسىي موتورنىڭ بازاردىكى ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۇزارتالايدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئاساسىي موتورنىڭ ئىچكى قىسمىغا مەخسۇس چۈشۈرۈش، يوللاش ۋە توپ ئويىنى يوللاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.
3PlayStation غا سەپلەنگەن دېسكا ئوقۇش رايونى پەقەت كۆك نۇر دېسكىسىنىلا ئوقۇيالايدۇ، ئوقۇش سۈرئىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا PS3 نىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
PlayStation 4PlayStation 4 دا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نامى «Orbis OS»، «FreeBSD 9.0» مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ تۈزگەن. سونىي كومپيۇتېر ئويۇنلىرى تور بېكىتىدە Orbis OSFreeBSD نىڭ تۆت يادرولۇق قۇرۇلمىسىنى ئىشلەتكەن.
PlayStation 4 گەرچە ئىنتېرنېت بىلەن ئۇلانمىغان ۋاقىتتىمۇ مۇستەقىل ئىشلىيەلىسىمۇ، بىراق ئېنتېرنېتقا ئۇلانغاندىن كېيىن «تېخىمۇ كۆپ» ئىقتىدار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە PlayStation Network ئىشلەتكۈچىنى تېخىمۇ كۆپ تۈردىكى توردىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، بۇ PlayStation Store تور دۇكىنى ۋە Music Unlimited بىلەن Video Unlimited مۇشتىرى بولۇش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3PlayStation بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، ئىشلەتكۈچى پۇل تۆلەپ PlayStation Plus مۇلازىمىتىنى زاكاز قىلغاندا ئاندىن كۆپ قىسىم توردىكى كۆپ ئادەم ئوينايدىغان ئويۇنلارنى ئوينىيالايدۇ. بۇ تۈر «ھەقسىز ئويۇن» ياكى مۇشتەرى بولىدىغان ئويۇنلارغا ماس كەلمەيدۇ. PlayStation 4 چىققاندىن كېيىن يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاش ئارقىلىق سېفىرلىق مۇزىكا دېسكىسى (CD) نى قويۇش، MP3 ۋە DLN مۇلازىمېتىرى مېدىيەسى قاتارلىق ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلىگەن.
«ئىجتىمائىي ئالاقە» ئىقتىدارى سونىي شىركىتىنىڭ PlayStation 4 غا قوشقان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى، ئىشلەتكۈچى بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتسىمۇ ياكى توختىتىپ قويسىمۇ بولىدۇ.
ھەمبەھىرلەش
PlayStation 4DualShock 4 كونتروللىغۇچنىڭ ئۈستىگە «SHARE» كونۇپكىسى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئويۇن ئوينىغۇچى 15 مىنۇت ئىچىدىكى ئويۇن خاتىرىسىنى تاللاپ باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنەلەيدۇ. مېدىيە ھۆججەتلىرىنى ئاساسىي موتوردىن بىۋاسىتە PlayStation Network ياكى FacebookTwitter قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا يوللىغىلى بولىدۇ.
ئويۇن
SCEA باش ئىجرائىيە مۇدىرى Jack Tretton PS4 ئويۇنىنىڭ باھاسىنىڭ 0.99 ئامېرىكا دوللىرىدىن 60 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
PS4 ئويۇنىنىڭ رايون چەكلىمىسى يوق، يەنى بىر رايوندا سېتىۋالغان ئويۇننى ھەرقانداق رايوندا ئوينىغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئويۇننى ساتقىلى، ئىجارىگە بەرگىلى بولىدۇ، يەنى سېتىۋالغۇچى ئۇنى ئۆز خاھىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
سونىي يەنە مۇستەقىل ئويۇن ئىشلىگۈچىلەرنىڭ PS4 ئويۇنىنى ئەركىن ئازادە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 2013-يىلىدىكى E3 كۆرگەزمىسىدە، سونىي ئويۇننى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ PSN دا ئۆز ئالدىغان PS3، PS4 ۋە PS Vita ئويۇنلىرىنى چىقىرىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي سونىي 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئون ئويۇن ئۇيۇشمىسىنىڭ PS4 نىڭ دەسلەپكى تارقاتقۇچىسى بولالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
PlayGo
PlayStation 4PlayGo ئوينىغۇچىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە قوللىغان ئويۇننى ئويناش پۇرسىتىگە ئىگە قىلالايدۇ. بىر ئويۇننى تاللىغاندىن كېيىن، پەقەت بىر قىسىم ھۆججەتنى چۈشۈرۈپلا ئويۇننى ئوينىغىلى بولىدۇ، باشقا ھۆججەتلەر ئابونىت ئويۇننى ئويناش جەريانىدا چۈشۈش ئارقىلىق ۋاقىت تېجىلىدۇ. ئەگەر ئابونىت دېسكا ئارقىلىق ئويۇن ئويناشنى ياقتۇرسا، ئۇنداقتا PS4 ئويۇن ئويناۋاتقان ۋاقىتتا ھۆججەتلەرنى قاتتىق دېسكىغا چۈشۈرۈپ، ۋاقىتنى تېخىمۇ قىسقارتالايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.