ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمى تۇمانلىقى

ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمى تۇمانلىقى

ھاۋا ئوچۇق كېچىلىرى ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈملىرنى كۈزەتكىنىمىزدە، « ئوۋچى » نىڭ « قىلىچى » نىڭ ئۇچىدا غۇۋا نۇر دېغىنى كۆرەلەيمىز، بۇ دەل ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمى تۇمانلىقىدۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھاۋا ئوچۇق كېچىلىرى ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈملىرنى كۈزەتكىنىمىزدە، « ئوۋچى » نىڭ « قىلىچى » نىڭ ئۇچىدا غۇۋا نۇر دېغىنى كۆرەلەيمىز، بۇ دەل ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمى تۇمانلىقىدۇر، بۇ گاز جىسىملار ۋە چاڭ توزانلاردىن تەركىب تاپقان دىففۇزىيە تۇمانلىقى بولۇپ ، دىيامېتىرى تەخمىنەن 25 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ ، تۇمانلىقنىڭ مەركىزى قىسمىدا پەيدا بولغىنىغا، نەچچە يۈز مىڭ يىل بولغان تۆت دانە يېڭى يۇلتۇز بار بولۇپ ئۇ تەكشىسىز تۆت تەرەپلىكنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ تۆت دانە تۇرغۇن يۇلتۇز تۇمانلىقنى تېخمۇ گۇزەل ۋە يارقىن تۈسكە كىرگۇزىدۇ.

ئوۋچى يۇلتۇز تۇركۈمى تۇمانلىقى پەقەت زور قاراڭغۇ تۇمانلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ يەردە ئۈزلۈكسىز تۈردە تۇرغۇن يۇلتۇزلار پەيدار بولۇپ تۇرىدۇ ، بۇ تۆت دانە يورۇق تۇرغۇن يۇلتۇز بولسا دەل ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمى يېتىشتۇرگەن يۇلتۇزلاردۇر.

كىشىلەر ئوۋچى يۇلتۇزلار تۈركۈمى تۇمانلىقنىڭ كەينىدىكى قارڭغۇ تۇمان ئىچىدىن ئىككى دانە غەلىتە ئاسمان جىسىمىنى بايقىغان بىرىگە LK ، بىرىگە NB دەپ نام قويغان. LK جىددى تۈردە يىغىلىۋاتقان ئاسمان جىسىمى بولۇپ، قارىماققا قاپقاراڭغۇ كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇ سىرتقا قارىتا كۈچلۈك ئىنفىرا قىزىل نۇر تارقىتىۋاتقان ئاسمان جىسىمى بولۇپ ، يېتىلىۋاتقان يېڭى يۇلتۇز ھامىلىسىدۇر ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بۇ تۇرغۇن تۇرغۇن يۇلتۇز ھامىلىسى يېتىلىۋاتقان ھالەتتە بولۇپ تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ 7 مىليۇن سىكلىتسىيە گرادوسقا بارغاندا تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىسسىقلىق يادرو رىئاكسىيەسىگە كېرەكلىك بولغان « ئىلاھى ئوتنى » يېقىپ، ھەقىقىي تۇرغۇن يۇلتۇزىغا ئايلىنىدۇ . NB بولسا يېڭىدىن نۇر چېچىشنى باشلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزىدىن ئىبارەت. 

ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمى تۇمانلىقى دەل يېڭى تۇرغۇن يۇلتۇز شەكىللىنىدىغان مۇنبەت تۇپراق، بىزنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ پەيدا بولۇش سىرىنى ئېچىشىمىزغا ياردەم بىرىدىغان مۇھىم يىپ ئۇچىدۇر.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#